1.ئائىلىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى
نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئىنتېرنېت تورىغا بولغان ئېﻬتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئائىلىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە ئىگىلىك تىكلەش ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرى ﻫېسابلىنىدىكەن.
2.يەرلىك كىيىم-كېچەك كەسپى
داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان پۇلنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىغا، سۈپەت جەﻫەتتە ئانچە چوڭ پەرقى بولمىغان يەرلىك كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ يەرلىك كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ﻫېسابلىنىدۇ.
3. بالىلار دەسلەپكى تەربىيەسى كەسپى
جۇڭگو شەﻫەرلىرىدىكى يېرىمدىن كۆپ ئائىلىلەردە، بالىلارنىڭ ﻫەر ئايلىق كىرىمى ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. %44 ئائىلە ﻫەر ئايدا بالا تەربىيىلەشكىلا 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە پۇل خەجلەيدۇ. بۇ بالىلار دەسلەپكى تەربىيەسى كەسپىنىڭ غايەت زور تەرەققىيات ئىستىقبالى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4.ئاپتوموبىل كەسپى
خوندا قاتارلىق چەتئەل ئاپتوموبىللىرىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش باﻫاسى خەلقئارا باﻫادىن تەخمىنەن 6200 يۈەن قىممەت بولۇپ، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى پايدىنى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ﻫېس قىلالمايدىكەن.
5. مەسلىﻬەتچىلىك كەسپى
بۇ مەبلەغ ئىنتايىن ئاز كېتىدىغان كەسىپ بولۇپ،بۇ كەسىپنى قىلغۇچىلار جەلپ قىلىش كۈچىنى بايقاپ، مۆجىزە يارىتىدىغانلاردۇر!
6.كىنو، مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى
كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر سانىنىڭ %31 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ كەسىپ ﻫېسابلىنىدىكەن.
7. كىيىم يۇيۇش كەسپى
زەنجىرسىمان كىيىم يۇيۇش دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئاددىي، تەننەرخى تۆۋەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى زەنجىرسىمان تىجارەت تۈرلىرى ئىچىدە تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، تەرەققىياتى نىسبەتەن مۇقىم بولغان كەسىپ ﻫېسابلىنىدىكەن.
8. ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرى كەسپى
ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە ئۈسكۈنە تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خەۋپ-خەتىرىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن.
9. ئۇچۇر ئالاقە كەسپى
كۆچمە خەۋەرلىشىشنى مىسالغا ئالساق، GSM ئاساسىي پونكىتنىڭ ياسىلىش باﻫاسى 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ﻫەربىر پونكىت ئەڭ كۆپ بولغاندا 150 مىڭ كىشىنىڭ سىگنال ئېقىمىنى سىغدۇرالايدىكەن. ﻫەر بىر كىشىنىڭ ئايلىق مۇقىم ئىشلىتىش ﻫەققى 40 يۈەندىن ﻫېسابلانسا، 150 مىڭ كىشى تېلېفون ئۇرمىغان ئەﻫۋال ئاستىدىمۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ بىر ئايلىق كىرىمىگە ئاساسىي پونكىتتىن 30 نى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
10.يۇمشاق دېتال كەسپى
كىشىلەرنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېﻬتىياجى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا، يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ باش كۆتۈرۈشىگە نىسبەتەن كۆپ كىشىلەر گۇمان قىلمايدىغان بولدى.