بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1252|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] «ئۈندىدار»ىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

بىلىملەر ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ، ئىزدەش نامى: bilimlarcom
بىلىملەر ئۈندىدار سالونى تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدى:
سالونغا 1 نى يوللاپ تىزىملىكگە ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 2 نى يوللاش ئارقىلىق مۇنبەردىكى ئەڭ يېڭى تېمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 3 نى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 4 نى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ يېڭى نادىر تېمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 5 نى يوللاش ئارقىلىق ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز.
سالونغا 6 نى يوللاش ئارقىلىق ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئاڭلىيالاىسز، چۈشۈرەلەيسىز.





كۆچمە ئىنتېرنېت تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە، كىشىلەر ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان يان تېلېفونى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ۋاقتىنى تېجەشكە باشلىدى. مەسىلەن: ئۆيىڭىزدىن چىقماي تۇرۇپلا تېلېفون ھەققىنى تاپشۇرالايسىز، تۇغقانلىرىڭىزغا پۇل ئەۋەتەلەيسىز، توردىن كىتاب-ماتېرىياللار سېتىۋالالايسىز. بۇنىڭغا ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. ۋاقتىڭىزمۇ تېجىلىدۇ.
ئۇنداقتا ئۈندىدارىمىزغا بانكا كارتىمىزنى قانداق باغلايمىز؟ بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلى، تۆۋەندىكى يازما چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.

ئۈندىدارىڭىزنى قوزغىتىپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى 我 (مەن)نى بېسىپ، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.


(1) 钱包 (ھەميان)نى بېسىڭ. (1-رەسىم)

======================


(2) 钱包 (ھەميان)نى بېسىڭ. (2-رەسىم)

========================


(3) 添加银行卡 (بانكا كارتىسىنى قوشۇش)نى بېسىڭ. (3-رەسىم)

==================


(4) 支付密码 (پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرى)نى كىرگۈزۈڭ، مېنىڭچە بانكا كارتىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسۇن. (4-رەسىم)

=====================


(5) 卡号 (كارتا نومۇرى) دېگەن جايغا باغلىماقچى بولغان بانكا كارتىڭىزنىڭ نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، 持卡人 (كارتا ئىگىسى) دېگەن جايغا خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. (5-رەسىم)

ئارىسىدىكى چېكىت توغرا بولسۇن، ناۋادا بىلەلمىسىڭىز ئىنتېرنېتكە ئۇلاپ، شۇ بانكىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ ياكى بانكىغا بېرىپ مۇلازىمەتچى خادىملاردىن پۇل ئالسىڭىز، ئۇلار سىزگە چىقىرىپ بەرگەن پۇل ئېلىش ئىسپاتىدا خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىز يېزىلغان بولىدۇ، چېكىتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

===================================


(6) 手机号 (تېلېفون نومۇرى) دېگەن جايغا بانكا كارتىڭىزنى بېجىرگەندە بانكا خادىملىرىغا قالدۇرغان تېلېفون نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، ناۋادا تېلېفون نومۇرىڭىز ئوخشىمىسا ياكى يېڭى تېلېفون نومۇرىغا ئالماشتۇرغان بولسىڭىز، بۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمەيسىز. (6-رەسىم)

=====================================


(7) بۇ باسقۇچتا تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەلىللەش ئۈچۈن تېلېفونىڭىزغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ ھەمدە دەلىللەش نومۇرىنى ئاپتوماتىك تولدۇرىدۇ. بۇ يەردىن 下一步 (كېيىنكى قەدەم)نى بېسىڭ. (7-رەسىم)

=======================================


(8) ئالدىنقى باسقۇچلار ئوڭۇشۇق تاماملانغان بولسا، ئۈندىدارىڭىزغا باغلانغان بانكا كارتىڭىز كۆرۈنىدۇ. (8-رەسىم)

==========================================

كۆچمە ئىنتېرنېت مۇلازىمەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.



ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش3 ھەمبەھرھەمبەھر1 ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2015-1-23 19:15:28 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئۈندىدارغا قانداق قىلىپ مۇنبىرىمزنى باغلايدىكەنمىز مۇشۇ توغۇرلۇق بىرەر چۈشەنچە بەرسىڭىز

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-24 10:59:44 | ئايرىم كۆرۈش
ωǎY丶ωōY يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 19:15
مۇشۇ ئۈندىدارغا قانداق قىلىپ مۇنبىرىمزنى باغلايدىكەن ...
سالونغا 2 نى يوللاش ئارقىلىق مۇنبەردىكى ئەڭ يېڭى تېمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 3 نى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 4 نى يوللاش ئارقىلىق ئەڭ يېڭى نادىر تېمىلارغا ئېرىشەلەيسىز.
سالونغا 5 نى يوللاش ئارقىلىق ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز.


بۇلارنى دەمسىزما؟ ئۈندىدارنىڭ سۇپىسىنىڭ ئارقا بېتىدىكى 开发者模式 دىن تەڭشەيمىز. api بەتتىن.

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:28 , Processed in 0.240022 second(s), 41 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش