دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغىنىدەك، مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ يوق، ھەربىر مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇنداق ياكى بۇنداق كەمچىلىك ساقلانغان، شۇنداقلا ھەربىر خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەپلىرى بار، مەيلى كومپىيۇتېر، پەد ياكى ئەقلىيفون بولسۇن، ئۇنى ياسىغان كارخانا چوقۇم ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى مەشغۇلات تۇيغۇسىنى ئىستېمالچىغا «زورلاپ» تاڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر مەلۇم خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشكە كۆنۈپ قالغاندىن كىيىن، يەنە بىر خىل سىستېمىغا كۆچكەندە، ئۇنىڭغا دەماللىققا كۆنۈپ بولالمايدۇ، بەزىلەر ھەتتا كۆنەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن بۇرۇنقى سىستېمىغا قايتىدۇ.
ئۇنداقتا، ئاندىرويىد يانفونىنى نەچچە يىل ئىشلەتكەن بىر ئابونتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئايفون سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىشلىتىش جەريانىدا قانداق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن؟ ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇنداق بىر نۇقتا ناھايىتىمۇ ئېنىق، يەنى ئالما شىركىتى ئىزچىل ھالدا ئايفون، ئايپەد قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلانغان iOS نامىدىكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتمەي ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئاندىرويىد بىلەن روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ، دەل مۇشۇ خىل ئۆزگەرمەسلىك باشقا ئابونتلارنىڭ iOS سىستېمىسى بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا كۆنەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولغان. ئۇنداقتا، تۆۋەندە بىز ئاندىرويىد ئابونتلىرىنىڭ ئايفون ئىشلىتىشنى خالاپ كەتمەسلىكىدىكى 10 تۈرلۈك سەۋەبكە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكىلىرى ھەرگىزمۇ ئاندىرويىد ۋە iOS دىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل سىستېمىغا باھا بېرىش ئەمەس.
1. ئاساس ئېكران يۈزىنىڭ قۇرۇلمىسى
ئاندىرويىد ئابونتلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار، يەنى ئۇلار يانفوننى قولىغا ئالغان ھامان ياكى پات-پات ئۇنىڭ ئاساس ئېكران يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرنىڭ ئورنىنى تەڭشەپ باقىدۇ، ھەممەيلەنگە ئايان، ھەرخىل ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ ئاساس ئېكران يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەمما ئايفون ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساس ئېكران يۈزى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلا خىل.
2.ئەپ ھۆججەت قىسقۇچىسى
ئاساس ئېكران قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى، ئاندىرويىد ئابونتلىرى ئەمەلىيەتتە ھۆججەت قىسقۇچنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر iOS سىستېمىسىدىمۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىقتىدارىنى ئىشلەتمىگەندە، بىر دۆۋە ئەپلەرنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلەلمەي قالىدۇ، بەزىدە ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەرمۇ كۆز ئالدىغا دۆۋلىنىۋىلىپ، ئۇلارغا بىر خىل قالايمىقان تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە iOS سۇپىسىدا ئەپلەرنى ھۆججەت قىسقۇچىسى ئىچىگە ئەكىرىۋېتىش ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.
3. مۇزىكا ھۆججىتىنى قاچىلاش
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، iOS ئۈسكۈنىسىگە ياكى سىستېمىسىغا ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن مۇزىكا ھۆججىتى (يەنى بىز دائىم دەيدىغان ناخشا ياكى MP3) نى قاچىلاش ئۈچۈن، چوقۇم iTunes ياكى باشقا ئۈچىنچى تەرەپ ياردەمچى قوراللاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ ئاندىرويىد ئابونتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن بىر ئاۋارىچىلىق ئىش، بولۇپمۇ، ئەگەر سىز كومپىيۇتېرىڭىزدىكى نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز ناخشىنى ئايفونغا قاچىلىماقچى بولسىڭىز، بۇنىڭ نەقەدەر بىر ئاۋارىچىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر مۇزىكا ئالما ئەپ دۇكىنىدىن سېتىۋىلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئاۋارىچىلىق جەرياننى قايتا تەكرارلاشقا توغرا كىلىدۇ.
4. قوڭغۇراق مۇزىكىسىنى خالىغانچە قوشۇش ياكى تەڭشەش
iOS ئۈسكۈنىسى قوڭغۇراق مۇزىكىسىنى خالىغانچە تەڭشەشنى قوللايدۇ، ئەلۋەتتە، ئابونتلار iOS سىستېمىسىدىمۇ ئۆزى ياقتۇرغان ناخشىلارنى يانفوننىڭ قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلىپ تەڭشەپ قويسا تامامەن بولىدۇ، بىراق، يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېردا iTunes ۋە ياكى باشقا ياردەمچى قوراللاردىن پايدىلىنىپ، قاچىلىماقچى بولغان مۇزىكىنىڭ ھۆججەت شەكلىنى AAC گە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئايفون بىلەن ماس قەدەملەشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ ئىشلار ئۇزۇن مەزگىل ئاندىرويىد ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن بىر ئاۋارىچىلىق. ئەمەلىيەتتە ئايفوننى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ بۇنداق قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىدۇ، شۇڭا، بىز دائىم ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئايفونىدىن ئوخشاش بىر خىل مۇزىكا چىقىدىغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ ئالما شىركىتى خاس ھالەتتە بېكىتىپ قويغان مۇزىكا.
5. ھۆججەت سىستېمىسى
كۆپچىلىككە ئايان، iOS بولسا يېپىق ھالەتتىكى سىستېما، ئۇنىڭدا ھۆججەت ئەۋەتىش، باشقۇرۇش، ئۈسكۈنىنىڭ ساقلىغۇچ بوشلۇقىنى كۆرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن چەكلىك، ئەمما بۇنىڭ ياخشى تەرىپىمۇ، يامان تەرىپىمۇ بار. ئاندىرويىد سۇپىسىغا كەلسەك، ئابونتلار خالىغانچە ئۇنىڭدىكى ھۆججەت باشقۇرغۇچنى ئېچىپ، مەلۇم خىل ھۆججەتنى مەلۇم خىل ئۇسۇلدا ئېچىشنى تاللىيالايدۇ، ياكى ئۇنى مەلۇم بىر ئەپكە يوللىيالايدۇ. بىراق، iOS سۇپىسى ئۇنداق ئەمەس.
6. بىرلىككە كەلگەن يۆنىلىش كۇنۇپكىسى يوق
ئاندىرويىد ئابونتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سىستېمىنىڭ خاس ھالەتتىكى يۆنىلىش كۇنۇپكىسىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ: Home كۇنۇپكىسى، قايتىش كۇنۇپكىسى ۋە ئەڭ يىقىنقى ئەپلەرنى باشقۇرۇش كۇنۇپكىسى. بۇ ئۈچ كۇنۇپكا ئادەتتە يانفون ئېكرانىنىڭ ئەڭ ئاستى قىسمىغا مەۋھۇم ياكى ئەمەلىي كۇنۇپكا شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ. بىراق، iOS ئۈسكۈنىسىدە ئەھۋال باشقىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا كۇنۇپكىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يانفوننىڭ ئالدى يۈزىدە پەقەت بىرلا Home كۇنۇپكىسى بار. ئايفوندىكى كۆپىنچە ئەپلەرگە يەنە قايتىش كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ كۇنۇپكا ئادەتتە ئەپ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ سول تەرەپ ئۈستى قىسمىدا بولۇپ، بەزى چاغلاردا مەشغۇلات قىلىشقا ئەپسىزلىك تۇغدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە ئېكراننى ئوڭ-سولغا سىيرىش ئارقىلىقمۇ كەينىگە قايتىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بىراق ئايفوندىكى ھەممە ئەپ بۇنداق ئىقتىدارنى قوللىماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئاندىرويىد ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار ئەگەر ئايفون ئالماشتۇرسا، ئۇنداقتا چوقۇم بىر مەزگىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۇنىڭغا مەشغۇلات ئۇسۇلىغا كۆنۈشى لازىم.
7. ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەپلەرنى ئالماشتۇرۇش
يۇقارقى يۆنىلىش كۇنۇپكىسىنىڭ گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇرساق، ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرىدە ئەڭ يىقىنقى ئەپلەرنى باشقۇرۇش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق، بايا ئاچقان ئەپلەرنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بىراق، iOS ئۈسكۈنىسىدە، بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۈچۈن Home كۇنۇپكىسىنى تېز سۈرئەتتە ئىككى قېتىم بېسىش كىرەك، ھەمدە باسقان ۋاقىتتا ئارتۇق بېسىۋىتىش، بېسىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كېتىش ھەتتا بېسىش كۈچىنىڭ بەك يىنىك ياكى ئېغىر بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك، چۈنكى، ئايفوندىكى بۇ بىر دانە Home كۇنۇپكىسىنىڭ ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىر، شۇڭا ئۇنى قانداق بېسىشنىمۇ ئۈگىنىشكە توغرا كىلىدۇ.
8.تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇش ياكى سەكرىمە شەكىللىك دىئالوگ رامكىسى
ئاندىرويىد سۇپىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ياكى پاراڭلىشىش تۈرىدىكى ئەپلەرگە مۇشۇ خىلدىكى قولايلىق ئىقتىدار سەپلەنگەن، سىز قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، سىستېما بۇ ئۇچۇرنى سەكرىمە شەكىلدىكى دىئالوگ رامكىسى ئارقىلىق سىزگە كۆرسىتىپ بېرىپ، تېز سۈرئەتتە ئۇچۇر قايتۇرۇشىڭىزغا قولايلىق يارىتىدۇ، ھەتتا تېلفوندا سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ، مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە ئۇچۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمدى iOS سىستېمىسىغا كەلسەك، ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iOS سىستېمىسىغىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۇچۇر قايتۇرۇش كۆزنىكى قوشۇلغان بولۇپ، قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارى بىلەن ماس ھالەتتە ئىشلەيدىكەن. بىراق، بۇنى ئېچىش ئۈچۈنمۇ ئېكران يۈزىنى ئۈستىدىن ئاستىغا سىيرىشتەك ئارتۇق بىر قەدەملىك مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۇرغۇنلىغان ئەپلەر بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدۇ، شۇڭا بۇنى قولايلىق دەپ ئېيتىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
9. ئۈستىگە سىيرىلىدىغان كونتىرول مەركىزى
ئاندىرويىد بىلەن iOS نىڭ ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىقى شۇكى، iOS دىكى تېز سۈرئەتلىك مەشغۇلات ئىقتىدارلىرىنىڭ ھەممىسى ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ سىيرىلىدىغان كونتىرول مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاندىرويىدتا بولسا ئۈستىدىن ئاستىغا سىيرىلىدىغان ئۇقتۇرۇش مەركىزى ۋە ھالەت ئىستونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا ئاندىرويىد ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار، ئايفوننى قولىغا ئالغاندىن كىيىن چوقۇم ئۇنىڭدىكى كونتىرول مەركىزىنى ئېچىش ئۇسۇلىغا ماسلىشىشى كىرەك. لىكىن بەزى چاغلاردا ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بېرىش ئانچە ئەپلىك بولماي قالىدۇ، بولۇپمۇ خەت بېسىۋاتقان ۋاقىتتا، بۇنداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن كۇنۇپكا تاختىسىنى تاقىۋىتىپ، ئاندىن كونتىرول مەركىزىنى ئېچىش كىرەك.
10.رەسىم باشقۇرۇش ئىقتىدارى
iOS ئۈسكۈنىسىدىكى رەسىم باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى، يەنى ئالبومنى ئاچساق، ئۇنىڭدىكى رەسىملەرنىڭ تارتىلغان ۋاقىت بويىچە تېزىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، قارىماققا ئىنتايىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، سىستېما يەنە بۇ رەسىملەرنى تارتىلغان ئورنىغا قاراپ تۇرۇپ، باشقىدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ بېرەلەيدۇ. ئەمما ئەگەر سىز رەسىمنى تارتقان ۋاقىت ياكى ئورۇننى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، رەسىم ئامبېرى ئىچىدىن مەلۇم بىر پارچە رەسىمنى تېپىپ چىقمىقىڭىز تەسكە چۈشىدۇ. شۇڭا، بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئاندىرويىد ئابونتلىرى چوقۇم يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، iOS دىكى رەسىم باشقۇرۇش ئىقىدارى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى كىرەك.
مەنبە: نۇر تورى