بىلىملەر مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 5990 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 790|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[دەرسلىك] ئالما ئاكونتى (Apple ID) ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىكەتكە ئەزا نامىڭىز بىلەن كىرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئالما ئاكونتى (Apple ID) ھەققىدە چۈشەنچە
        

        
ئالما ئاكونتى بولسا ئالما شىركىتىنىڭ ئابونىتلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن بىر ھېساب نومۇرى بۇلۇپ، سىز بۇ ئارقىلىق ئالما شىركىتىنىڭ ھەرخىل مەھسۇلاتلىرىغا كېتەرلىك بولغان ھەرخىل نەرسلەرنى سەپلىيەلەيسز . بۇ يەردىكى ھەرخىل نەرسە دېگىنىم يۇمشاق دېتاللار ۋە خىلمۇخىل سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئاكونت (Apple ID) ھەربىر ئالما مەھسۇلاتى ئىشلەتكۈچىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك ۋە زۆرۈر بولغان بىر ھېساب نومۇرى ھېساپلىنىدۇ.

        بۇ ئاكونتنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تۆۋەندىكىچە:

1. ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ بازارلىق مەھسۇلاتلىرى بولغان كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە يۇمشاق دېتال تەمىنلەيدىغان سۇپىسى بولغان ئەپ بازىرى (AppStore)

بۇ سۇپىدا سىز iPhone , iPad قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىڭىزگە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خالىغان ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.

2. ئالما شىركىتىنىڭ كومپىيۇتېر مەھسۇلاتلىرىغا يۇمشاق دېتال تەمىنلەيدىغان سۇپىسى بولغان مەك ئەپ بازىرى (Mac App Store)

بۇ سۇپىدا سىز iMac MacbookPro , Macbook Air , MacPro MacMini ۋە ئۇنىڭدىن باشقا Mac OS سستېمىسى قاچىلانغان ھەرقانداق ئۈسكۈنىڭىزگە كېرەكلىك بولغان يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىيالايسىز.

3. ئالما شىركىتىنىڭ مۇزىكا ۋە فىلىم بازىرى بولغان (iTunes Store)

. بۇ سۇپا ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مۇزىكا ۋە فىلىملەرنى سېتىۋالالايسىز.

4. ئالما شىركىتىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىتى بولغان (iCloud)

سىز بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىز ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىڭىزدىكى نەرسىلىرىڭىزنى ئالمىنىڭ تور بوشلۇقىغا زاپاسلاپ قويالايسىز. ئەگەر سىز ئۈسكۈنىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ قالسىڭىز ياكى يوقىتىپ قويسىڭىز بۇ ئاكونت ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى يېڭى بىر ئۈسكۈنىگە زاپاسلىۋالالايسىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يوقىتىپ قويغان ئۈسكىنىڭىزنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلەيسىز، ئۇچۇر يوللىيالايسىز ۋە ئۈسكىنىڭىزنى باشقىلار ئىشلىتەلمەيدىغان  قىلىپ قۇلۇپلىۋېتەلەيسىز.

5. ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تورى ۋە تور دۇكىنى  بولغان (www.apple.com)

بۇ سۇپىدا سىز ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تور يۈزىدە بىۋاستىلا سېتىۋالالايسىز. مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ۋە باشقا تەرەپلەردە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ سۇپىدىن سېتىۋالغان بارلىق مەھسۇلاتلار سىزگە يوللانما ھەققى ئېلىنماستىن ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

6. ئالما ئاچقۇچىلار (Developer) سۇپىسى بولغان (developer.apple.com)

بۇ ئالما شىركىتىنىڭ كەڭ پروگراممېرلارنىڭ ئالما ئۈسكۈنىلىرىگە يۇمشاق دېتال ياسىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش ۋە ئۆگىنىش، تەتقىقات قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان چوڭ بىر ئاچقۇچىلار سۇپىسى. سىز بۇ سۇپا ئارقىلىق ئالما ئۈسكۈنىلىرگە بولغان تونۇشىڭىز، يۇمشاق دېتال لايىھىلەش، يۇمشاق دېتال خىزمەت ئېقىمى قاتارلىق پروگرامما ساھەسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيسىز ۋە ئۆزىڭىز ياسىغان يۇمشاق دېتاللارنى كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىيەلەيسىز.

يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ھەممە سۇپىلاردا سىز ئالما ئاكونتى يەنى (Apple ID) دىن ئىبارەت بۇ نەرسگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولىسىز. كەڭ ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ھەققىدە ئىزدىنىشىنى، قولىدىكى بۇ ئۈسكۈنىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمامنى نەچچە يىللىق ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋە تەتقىق قىلىش تەجرىبەمگە ئاساسەنلا يازدىم، كەم قالغان تەرەپلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئۇستازلارنىڭ تولۇقلىما بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەۋىر يازمىسى
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (ئۈرۈمچى)

مەنبە: http://bbs.izdinix.com/forum.php ... &extra=page%3D1


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ھەمبەھرھەمبەھر ھەمبەھرقېزىلما ئىسىلئىسىل ناچار ناچار ئۈندىدارغا يوللاشئۈندىدارغا يوللاش
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
دىۋان
ۋاقتى: 2016-3-31 10:22:50 | ئايرىم كۆرۈش
Apple ID نى ئىشلەتسەك ياخشىكەندە

باھا سۆز

ئەلۋەتتە ياخشىدە،،، سىز ئادەتتە ئەپ چۈشۈرسىڭىز نەدىن چۈشۈرسىز؟  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-3-31 11:43
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
يىكەنداز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-31 11:43:17 | ئايرىم كۆرۈش
bayawankuyi يوللىغان ۋاقتى  2016-3-31 10:22
Apple ID نى ئىشلەتسەك ياخشىكەندە

ئەلۋەتتە ياخشىدە،،، سىز ئادەتتە ئەپ چۈشۈرسىڭىز نەدىن چۈشۈرسىز؟

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
گىلەم
ۋاقتى: 2016-3-31 13:14:47 | ئايرىم كۆرۈش
XYSetup   مەن بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كەلگەنتىم

باھا سۆز

بۇنىدا چۈشۈرگەن دىتاللارنىڭ مۇقىملىقى ياخشى ئەمەسقۇ .  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-3-31 19:50
بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىگىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-31 19:50:26 | ئايرىم كۆرۈش
bayawankuyi يوللىغان ۋاقتى  2016-3-31 13:14
XYSetup   مەن بۇ دىتالنى ئىشلىتىپ كەلگەنتىم

بۇنىدا چۈشۈرگەن دىتاللارنىڭ مۇقىملىقى ياخشى ئەمەسقۇ .

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
داق يەر
ۋاقتى: 2016-12-21 14:33:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئەيدىنى قانداق ئالىدۇ شۇنىڭغا بىرۋۈشەنچە بەرسەڭلا

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
7#
ۋاقتى: 2016-12-21 21:16:54 | ئايرىم كۆرۈش
مېنى قۇشۇڭ،مەن سىزگە ئىلتىماس قىلىشتا ياردەم قىلاي   چ چ:1561995038

بىلمىگەننى بىلىملەردىن بىل!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|رەسىمسىز ھالەت|يانفۇن|بىلىملەر تورى ( 冀ICP备14002886号-3

GMT+8, 2017-5-9 22:40 , Processed in 0.294154 second(s), 40 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش