• شوئارنىڭ تەتۈر مەنىسى

    2010-10-24

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/80581154.html

    «ھەر قانچە بولسىمۇ مائارىپنى نامراتلاشتۇرمايمىز!» دىگەن سۆزدىن مائارىپنىڭ نامراتلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
    «تېرىلغۇ يەرلەرنى يولسىز ئىگىلىۋېلىش،يولسىز ئىشلىتىش قەتئي مەنئي قىلىندۇ!» دىگەن سۆزدىن تېرىلغۇ يەرلەرنى يولسىز ئىگىلىۋېلىش،ئۇ يەرلەردىن يولسىز پايدىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ.
    «دېھقانلارنىڭ سېلىقىلىرىنى راستىنلا ئازايتىش كېرەك!» دىگەن سۆز دېھقانلارنىڭ سېلىقىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    «بىكارغا يىيىش،بىكارغا ئېلىش،بىكارغا قايرىپ قېلىش،زورلۇق بىلەن ئېلىش ھادىسىلىرىنى قەتئي مەنئي قىلايلى!» دىگەن سۆزدىن شۇنداق ھادىسىنىڭ ئۇمۇملىشىپ قالغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
    خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش،ئەگەر ھەر يەرگە «جىنسىي كېسەللەرنى داۋالاش» ئېلانلىرى چاپلىنىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئەھۋال پاھىشۋازلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    ئەگەر تامنىڭ بۇرجىكىدە «بۇ يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماڭ» دىگەن سۆزلەر ئۇچىرسا،مەلۇمكى،چوقۇم شۇ يەرگە تەرەت قىلىدىغانلار بار.

    «فىليەتون گېزىتى» نىڭ 2002-يىلى 9-ئاۋغۇست سانىدىن توختى باقى ئارتىشى ئەپەندى تەرجىمە قىلدى.
    توختى باقى ئارتىشى ئەپەندىنىڭ «ھەق سۆزلىگەن گۇناھ ئەمەس» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
    分享到: