• «ئۇيغۇر»بولغانغا پۇشايمان

    2009-05-11

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39235359.html

    «ئۇيغۇر»بولغانغا پۇشايمان

     


    ئىدىم ئەسلى بەخرىمان لەگلىكىمنى ئۇچارغان،
    نەغمە-ناۋا ساز بىلەن كۈن-تۈن دېمەي مۇڭلانغان.
    پەخىرلىنىپ بوۋامدىن بېشىم كۆككە تۇتاشقان،
    بۈيۈك مىللەت ئۇيغۇردىن قەلبىم مېنىڭ نۇرلانغان،
    بۈگۈن يەنە ئۇيغۇر دەپ ئاتالغانغا پۇشايمان.

    مەن ئويلايتتىم ئەسلىدە مەن ئەجەپ بىر بەخىتلىك ،
    ئۇيغۇر بولۇپ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىم سەۋەپلىك.
    دۇچ كەلگەندە دۇنيانىڭ سىنىقىغا ئەجەللىك ،
    ئۇخلاپ ياتتىڭ ئۇيغۇرۇم ھالىڭ بەكمۇ خەتەرلىك،
    شۇنداق چۈشكۈن مىللەت بوپ تۇغۇلغانغا پۇشايمان. 

    ئالالمايمەن ئەمدى مەن گۈللىرىڭدىن ھىچبىر زوق،
    مەيلى مېنى نىمە دە ياكى چوتنى قانداق سوق.
    ئىلگىركىدەك سېنىڭدە قەيسەرلىكتىن سادا يوق،
    بولساڭلا گەر رازى سەن كىيىم پۈتۈن قورساق توق،
    يۇۋاش قويدەك قۇل مىجەز تۇغۇلغانغا پۇشايمان. 

    يۈز ئۆرۈدۈم سېنىڭدىن بولمىغاچقا مەرىپەت،
    پەرۋايىم يوق ئۆلسەڭمۇ ياكى پەقەت مەن سەۋەپ.
    ئۆزگىلەرگە ساتىمەن سەندە باركى مەخپىيەت ،
    ئېيتىپ بېرەي ئاڭلىۋال مەن دېگەن بىر بەتنىيەت،
    مەرىپەت يوق ماكاندا ئۆسكىنىمگە پۇشايمان. 

    خەلقىم دېسە دەۋەرسۇن سەن دېگەن بىر مۇناپىق،
    يەتمىش ئىككى پۇشتۇڭنى قۇرۇتۇشقا مۇۋاپىق.
    ئادەم دېگەن دۇنيادا پايدا-نەپكە مۇھتاجلىق،
    باشقا بىلەن كارىم يوق ماڭا بولسا پۇل بايلىق،
    شۇنداق نامرات ئۇيغۇر بوپ ياشىغانغا پۇشايمان. 

    سېنىڭ ئۈچۈن تۆت پەسىل مول-ھوسۇللۇق ئېسىل كۈز،
    يەتتە ئاسمان قوينىدا خىيال سۈرۈپ ئەركىن ئۈز.
    تىنماي ئورا كولايمەن بولساممۇ گەر قارا يۈز،
    پايدا ئۈچۈن ئاشۇنداق ماڭالمايمەن مەن تۈپتۈز،
    شۇنداق ساددا خەلقىمنىڭ بولغىنىغا پۇشايمان. 

    تىرىكچىلىك دەردىدە مەن يۈرۈيمەن ھەر تاغدا،
    خەلقىم بولسا گوياكى ياتار گۈزەل باغلاردا.
    تۇتۇپ مېنىڭ شەيتىنىم خەلقىم بىخود چاغلاردا،
    پۇرسەت كەلدى قول سالغىن دەيدۇ ماڭا بىر باپلا،
    شۇنداق نادان خەلقىمنىڭ بولغىنىغا پۇشايمان. 

    ھارام بولماي باي بولماس تىجارەتنىڭ يولىدا،
    پۇرسەتنى كىم چىڭ تۇتسا پايدا شۇنىڭ قولىدا.
    ساختا مالنى داڭلىغاچ يالغان سۆزلەپ سودىدا،
    نەپ كەلسىلا ماڭىلا خەقنى قويسام ئوڭدىغا،
    شۇنداق گالۋاڭ مىللەتتىن بولغىنىمغا پۇشايمان.

    ئەجداد بىزگە كۆرسەتكەن يوللار بىلەن كىم ماڭغان،
    ھۇشيار بولغىن دېسىمۇ غەپلەتكە ھەم بىز پاتقان.
    مەيدە كېرىپ چىققاننى يىقىتماق بوپ پۇت سالغان،
    ئاستىن-ئۈستۈن بۇيەردە ئاق-قارا ۋە راست-يالغان،
    راست-يالغاننى بىلمىگەن مىللىتىمگە پۇشايمان. 

    قىلسىلا گەر خوشامەت بولۇر ئىكەن يۈز يورۇق،
    ھىس قىلمايمەن شۇڭلاشقا پەسكەشلىكتىن ھىچ خورلۇق.
    سانغۇن دېسە گەپ كەتمەس بولۇپ قالدىم ئەڭ غوللۇق،
    باشلىقلارغا ياققاشقا خاتا ئىشمۇ ھەم يوللۇق،
    ئۇيغۇر قېنى تۇمۇردا ئاققىنىغا پۇشايمان. 

    ئورا كولاپ ئۆز-ئارا يىقىتماقنى ئويلايسەن،
    نام چىقارسا ئەگەردە گەپ تاپماي ھىچ قويمايسەن.
    يامان ئىشنى ئېغىزدا ھارماي تىنماي سوتلايسەن،
    بارچە ئەسكى ئىشلارنى زادى قىلماي قويمايسەن،
    بۈگۈن يەنە ئۇيغۇرنىڭ بولغىنىغا پۇشايمان.

    شەھەر ئېلىپ ئېغىزدا ئۆز-ئۆزۈڭنى قەستلايسەن،
    ئەيىبىڭنى كۆرسەتسە نەشتىرىڭنى بەتلەيسەن.
    ئويلىماستىن قىلچىلىك يۈز تاپقاننى يەكلەيسەن،
    يول تاپقاننى توختىماي كاپىر ئۇلار پەس دەيسەن،
    ئويلاپ باققىن كىملەر پەس پەسلىكىڭگە پۇشايمان.

    قىلىدىغان ئىشىڭ يوق ئۆيدە بىكار ياتىسەن،
    ھەسەت قىلىپ ئۆزگىگە پىتنە-پاسات تاپىسەن.
    مەغرۇر تېخى ئۆزۈڭچە تارىخىڭغا باقىسەن،
    مادارىڭ يوق نامدا بار پو ئېتىپلا قالىسەن،
    ئۆزنى دەڭسەپ باقمىغان مىللىتىمگە پۇشايمان.

    يۈرۈيدىكەن ئۆز-ئارا ئۇيغۇر شۇنداق غاجىلاپ،
    بىر-بىرىنى قەست قىلىپ كونا يارا تاتىلاپ.
    غەيۋەت قىلما ھەرگىز دەپ باللىرىغا تاپىلاپ،
    غەيۋەت قىلىپ ئۆزلىرى باشقىلارنى باھالاپ،
    بۇنداق لالما مىللەتنىڭ بارلىقىغا پۇشايمان.

    ئۆز نەپسىمگە چوغ تارتىپ قورسىقىمنىڭ غېمىدا،
    كېچە-كۈندۈز يۈرۈيمەن باشلىقلارنىڭ يېنىڭدا.
    يامان نىيەت كۆزلەيمەن كۈلۈپ قويۇپ مىيقىدا،
    گۆشىڭنى مەن قورۇيمەن ئۆزلىرىڭنىڭ يېغىدا،
    شۇنداق ساراڭ خەلقىمنىڭ بارلىقىغا پۇشايمان.

    ئۇشبۇ قارا قولۇمنى سەبىيلەردىن باشلايمەن،
    ئانا يېزىق بىلمىگەن بايقۇش قىلىپ تاشلايمەن.
    تۇيدۇرماستىن بىر كۈنى كۆزلىرىڭنى ياشلايمەن،
    جەھەننەمدىن ئاخىرەت ساڭا ئورۇن راسلايمەن،
    كەلگۈسىدىن ئۈمۈد يوق بايقۇشلارغا پۇشايمان. 

    غايىپ قىلىپ قەدىرلىك جاندەك ئانا تىلىڭنى،
    تۇنىيالماس قىلىمەن تەڭرىتاغنى ئېلىڭنى.
    زەھەر بىلەن مەست قىلىپ غورورى يوق دىلىڭنى،
    يوق قىلىمەن مەڭگۈگە يەر يۈزىدىن سىرىڭنى،
    غورورىدىن ئايرىلغان مىللىتىمگە پۇشايمان.

    ئويغۇنارسەن بىر كۈنى چۈشلىرىڭدىن ئىھتىمال،
    ئويغانساڭمۇ يولاردا يۈرەلمەيسەن بىمالال.
    خاراپلاشقان مىللەتتىن ئۈمۈد يوقتۇر بىلىۋال،
    ئايرىلغاندا ھەممىدىن بارمۇ-يوقمۇ بىزدە ھال،
    ئويغۇنۇشنى بىلەلمەي ياتقانلارغا پۇشايمان.


    مەنبە: مىسرانىم.

    分享到: