-
ئىقتىدار كونۇپكىسى F1 دىن F12 غىچە سىز قانچىنى ئىشلىتىشنى بىلىسىز
2009-04-10
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37713019.html
F1 : ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKey+F1 نى باسىمىز.
F2 : ئەگەر سىز مەنبە باشقۇرغۇچتا بولۇپ مەلۇم مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت تالىغانغان ھالەتتە ، F2 نى باسسىڭىز ئاشۇ مۇندەرىجىنىڭ ياكى ھۆججەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
F3 : مەنبە باشقۇرغۇچتا ياكى ئۈستەل يۈزىدە تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز ، ھۆججەت ئىزدەش كۆزنىكى چىقىدۇ ، ئوخشاشلا Windows Media Player دا تۇرۇپ F3 نى باسسىڭىز «ئىزدەش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قويۇش ئامبىرىغا قوشۇش» كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ.
F4 : بۇ كونۇپكا ئارقىلىق IE دىكى ئادرىس تىزىملىكلىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىغان بىر كۆزنەكنى ئېتىۋەتمەكچى بولسىڭىز Alt+F4 نى باسسىڭىز بولىدۇ.
F5 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق IE دا ئېچىلغان تور بەتنى ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتىكى خالىغان كۆزنەكنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىلىغىلى بولىدۇ.
F6 : تىز سۈرئەتتە نۇر بەلگىنى مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى IE نىڭ ئادرىس سىتونىغا يۆتكەپ بىرىدۇ.
F7 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن DOS كۆزنىكىدە سىزنىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىلىرڭىزنى تەرتىپ بويىچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F8 : كومپيۇتېر قوزغالغان ۋاقىتتا ، بۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تىزىملىكىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ. بەزى كومپيۇتېرلاردا مۇشۇ كونۇپكا ئارقىلىق قوزغىلىش تەرتىپىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. (يۇمشاق دىسكا ، ئوپتىك دىسكا ياكى قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇلۇش قاتارلىقلارنى BIOS قا كىرمەيلا تاللىغىلى بولىدۇ.)
F9 : بۇ كونۇپكىمۇ ئوخشاشلا Windows مەنبە باشقۇرغۇچىسىدا ھېچقانداق رولى يوق ، بىراق Windows Media Player دا تىز سۈرئەتتە ناخشا ئاۋازنى پەسەيىتكىلى بولىدۇ.
F10 : بۇ كونۇپكا ئارقىلق Windows كۆزنىكىدىكى تىزىملىكلەرنى ئاكتىپ ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . Shift+F10 نى باسقاندا مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكلىرى چىقىدۇ . Windows Media Player دا ئاۋازنى يۇقۇرلىتىش رولى بار.
F11 : مەزكۇر مەنبە باشقۇرغۇچ كۆزنىكىنى ياكى IE كۆزنىكىنى پۈتۈن ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
F12 : بۇ كونۇپكىنىڭ Windows مەنبە باشقۇرغۇچىدا ھېچقانداق رولى يوق ، لىكىن Word تا مەزكۇر ھۆججەتنى باشقا ئىسىمدا ساقلاش كۆزنىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ.
历史上的今天:
ھەركەتچان خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كودى 2009-04-10توردا رادىئو ئاڭلاش كودى 2009-04-10بۈگۈنكى چىسلا ۋە ۋاقىتنى كۆرسىتىش كودى 2009-04-10بىلوگغا زىيارەت سىتاتسىكا كودى قوشۇش ئۇسۇلى 2009-04-10