• ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37712379.html

     

    نەزىرىيە جەھەتتىن ئامرىكا بۇ ئادەم ئىككىنچى ئامرىكىغا كىرسە بولمايدۇ دەپ پۈتۈپ قويمىغان ئادەملەر بولمىسلا ( بۇنداق ئادەملەرمۇ بار) ئامرىكىغا كەلگىلى بۇلىدۇ. جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ئىتراپ قىلغان باكلاۋور دىپلۇمى بولسا ئامرىكىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئامرىكىدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماس قىلىسڭىز بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ دىگەن يەرلەر بولسا شەرتىنى ئوقۇپ بېقىپ چۈشسىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
    ئامرىكىلىقلاردىن يۈرۈش تۈرۈشىدىن ماڭا تەسىر قىلغىنى بۇلارنىڭ سىرتىغا قاراپ قاندا ئادەم ئىكەنلىگىنى، گەپ قىلىشىدىن ، يۈرۈش تۇرۇشىدىن، كىيىم كىچەكلىرىدىن پائالىيتىدىن ئۇ ئادەمنىڭ دىھقانمۇ، رىمونىتچىمۇ ياكى ئوقۇغۇچى ئىشچىمۇ پەرىق قىلغىلى بولمايدۇ. Bar كىرىپ يېنڭىزدىكى نوچى كىينىۋالغان بىرسى بىلەن يېرىم سائەت پاراڭلىشىپ بولۇپ نىمە قىلىسەن دىسىڭىز يا رىمونىتچى يا پىزىچى، يا دىخان بولۇپ چىقسا مەن ھەيران قالىمەن.
    ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيگەن كىيىملىرىگە، ئوينىغان ئويۇنلىرىغا قاراپ مۇشۇ بالىلار مەكتەپتە ئۇقۇمدىغاندۇ، بىرەر ئىشقا ئەستايىدىل قارامدىغاندۇ دەيمەن. لېكىن ئەتىسى سىزدىن بۇرۇن كۈتۈپخانىغا ئۈنۈپ بۇلىدۇ، ھەر ھەپتىلىك تاپشۇرۇقلارنى ۋاختىدا ئىشلەيدۇ. ئىشلىيەلمىسە سىزگە ئىلخەت يوللاپ سورايدۇ. بىز بىلەن پۈتۈنلەي ئىككى دۇنيا، بىزدە مابىتى بارلار، سورۇنلىرى جىقلار، تولا ئۇ يەر بۇ يەرگە بارىدىغانلار، قىسقا يوپكا كىيىدىغانلار،ئۈلگۇدەك گىرىم قىلىدىغانلار، سىرتتا ئوسۇل ئوينايدىغانلار، مىھمانلارغا ھەمرا بۇلىدىغانلار، يالىڭاچ ئوسۇل ئوينايدىغانلار ، ئۈزىنى بەك ياسايدىغانلار، ھاراقكەشلەر، بەڭگىلەر، سوقۇشقاقلار ئادەتتە ياخشى ئوقۇمايدۇ، ياخشى ئىشلىمەيدۇ. ياخشى ئوقۇيدىغانلار، ياخشى ئىشلەيدىغانلار ئۇنداق ئىشلارنى ھەم قىلمايدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنداق قىلىدىغانلارمۇ ئوقۇش، خىزمەتتە يەنە ياخشى بۇلىدىكەن، ئۇ ئىشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىكەن.ئوقۇشى .ئاسانمىكىن دىسەك بۇلار ئوقۇغاندەك، بۇلارغا قويغاندەك تەلەپ بىلەن شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارساق بىر يىلدا يېرىم بالىلار قېچىپ كىتىشى مۇمكىن. سېلىشتۇرۇپ بەزىدە شۇندااق ئويلاپ قالىمەن، بىزنىڭ ئويۇنغا ئامراق ياخشى ئوقۇمايدىغان بالىلىرىمىز ئەڭ بىچارە ئىكەن. يا ئوينىغان ئويىنىنىڭ تايىنى يوق، يا ياخشى ئوقۇپ ياخشى خىزمەت قىلمىغان.
    ئامرىكىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يوق. ھەم ھامىلىنى چۈشۈرسە بولمايدۇ، بۇنى تىرىك ئادەمنى ئۈلتۈرگەنلىك دەپ قاراپ بەلكىم بەزى شىتاتلاردا تۇرمىغا كىرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم تەربىيلەيدۇ.

    بالا بېقىش جەھەتتە ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئىشلەۋاتقان بولسا بىرسى خىزمەتتىن چىكىنىپ بىرەر يىل توشقۇچە قارايدۇ، ئاندىن قايتا خىزمەتكە كىرىپ يەسلىلەرگە بىرىدۇ. ئاتا ئانىلىرى ياردەملىشىدۇ، ياكى ئادەم تەكلىپ قىلىپ قاراتقۇزىدۇ. مەن تۇنۇيدىغان نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈيىدە بىرسى ئىشلىمەي بالا تەربىيلەيدۇ. مەسىلەن ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ ئايالى خىزمەتتىن چىكىنىپ بالىغا قارىغانكەن، تا ھازىرغىچە شۇنداق قىلىۋېتىپتۇ. چوڭراق شىركەتلەرنىڭ بالىغا قارايدىغان ئادەملىرى بۇلىدۇ. ئاتا ئانا ئۈزى خىزمەتكە كەلگەچ بالىسىنىمۇ ئالغاچ كىلىپ شۇلارغا بىرىپ، كەچتە يەنە بىللە قايتىدۇ.

    بالىلار مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كىيىن مەجبۇرى مائارىپتىن بەھرىمان بۇلىدۇ. مەكتەپنىڭ بالىلارنى ئەكىلىپ ئەكىتىدىغان مەخسۇس ئاپتۇۋۇزى بۇلىدۇ. بۇ ماشىنا پۈتۈن ئامرىكا بويىچە سېرىق رەڭدە بۇيالغان. قاتناش قائىدىسىدە ھەر قانداق ئەھۋال ئاسىتدا ئۇلارغا يول بىرىش كىرەك. بىزنىڭ شىتاتتا تاق يول بولسا، ئالدىڭىزدا شۇنداق ماشىنا توختىغان بولسا چوقۇم سىزمۇ توختاپ ساقلىشىڭىز كىرەك. يانداپ ئۆتسىڭىز قانۇنسىزلىق. مەكتەپتە چۈشلۈك تاماق بىرىدۇ. بالىڭىزنىڭ يمەيدىغان نەرسسى بولسا ( مەسىلەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چوشقا گوشى) دەپ قويسىڭىز ئۇلار دىققەت قىلىدۇ.

    كىچىك بالىڭىز بار، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقىڭز بولسا ھۈكۈمەت ئايرىم ياردەم قىلىدۇ. بالىڭىزنىڭ بېقىش خىراجىتىگە ياردەم قىلىدۇ. ئايدا مەلۇم بىلەتلەرنى بىرىدۇ. بۇ بىلەتكە پەقەت كىچىك بالىغا مۇناسىۋەتلىك يىمەكلىك، ئويۇنچۇق، كىيىم كىچەكلەرنىلا سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ. مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم ( قىز بالا، ئىرى ئۈلۈپ كەتكەن، 22 ياش، 3 ياشلىق بالىسى بار، تىز تاماقخانىدا ئىشلەيدۇ) قينچىلىقى بار دەپ قارىلىپ ھۈكۈمەت 2 ئېغىزلىق ( بىر مىھمانخانا، ئىككى ياتاق ئۆي، 90 ك ۋ ئەتراپىدا ) بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، بۇ ئۈي مەن ئولتۇرۋاتقان ئۆيدىن يىڭى، 660 دوللار ئىجارىسى، ئۈزى 220 تۈلەيدۇ. بالىسى يەسلىگە بارىدۇ، يەسلىگىمۇ ھەققىمۇ 600 دوللاردەك، بۇ پۇلنى ھۈكۈمەت تۈلەپ قويىدىكەن. يالغۇز ئانىلارغا قاراتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاراۋانلىق سىياسەتلىرى باركەن. مەن تۇرۋاتقان شىتات بىر قەدەر باي، شۇڭا بۇ ئىشلىرى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. نىيويۇرك دىگەندەك نامراتلار جىق چوڭ يەرلەردە قانداق بۇنى ئۇخمايمەن.

    كىچىك بالىنى بېقىش ۋە قاراش مەسلىسى بەك مۇھىم تىما، بەك جىق تۈزۈملىرى بار، ياخشى باقمىسىڭىز تېخى تۈرمىگە كىرىسىز. بۇنى كىيىن ۋاخىت چىققاندا تەپسىلى يېزىپ قويارمەن. بىخەستەلىك قىلسىڭىز تېخى ساقچىلار مەجبۇرى بالىڭىزنى تارتىۋىلىپ ئۈزىنىڭ بېقىش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بىرىپ بىرمۇنچە رەسمىيەتلەر بىلەن بىرەر ئايدا ئاران بالىڭىزنى ياندۇرۇپ ئەكىلىسز.

    بىرەر ئايلار بۇرۇن بىر كۈنى بىر تۇنۇشۇم ئۈچ ياشلىق ئوماق قىزىنى بىزنىڭ ئۈيگە ئەكىلىپتۇ، ھېرىپ كىتىپكەن مەن سەن بىردەم ئۇخلىۋال مەن بالاڭنى ئۈينىڭ قېشىدىكى باغچىدا ئوينىتىپ تۇراي دىسەم ماقۇل دەپ ئۇخلاپ قالدى. بالىسى باغچىدا ھەممە يەردە يۈگرەپ ئوينىغىلى تۇردى. بىر چاغدا ئۇ ياقتا بىر مۇنچە كىچىك بالىلارغا ئارلىشىپ شۇلار بىلەن ئوينىغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا 10 دەك ئاتا ئانىلار پاراڭلىشىپ تۇرغانكەن. مەن ئوينىۋالسۇن دەپ يېنىغا بارماي قاراپ تۇردۇم ( 15 مىتىردەك يىراقلىقتا). بىر چاغدا بالا يېنىپ كەلدى، مەن ئۇنى گەپكە سېلىپ ئولتۇرسام ساقچىدىن ئىككىسى كىلىپ بۇ بالا كىمنىڭ دەپ سوراققا تارتىپ كەتتى. نىمە بولدىكى دىسەم بالا ئۇ بىر توپ بالىلار بىلەن ئوينىسا ئەتراپىدا تۇرغان چوڭلار بۇ بالىغا قارايدىغان ئادەم يوقكەن، كىمنىڭ بالىسىدۇ دەپ ساقچىغا تېلپۇن قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار كەپتىكەن. مەن قېشىدا قاراپ تۇرۋاتىمەن، بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدىم دىسەم ئۇنىماي ئۈيگە كىلىپ قىزنىڭ دادىسىنى بىر مۇنچە سوراققا تارتىپ كىتىپ قالدى، شۇ ئىش بىلەن ئۇ تۇنۇشۇم ئىككى قېتىم ساقچىخانىغا بېرىپ چۈشەندۈرۈپ بولدى. كىلەر ئايدا سوتقا چىقىپ ئىسپات بىرىمىشمىز، يىڭىلىپ قالساق بىر مۇنچە جەرىمانە تۈلەپ تېخى بالىنى بىر مەزگىل ئېلىۋالىدىكەن، تۇنۇشۇم ھازىرغىچە بالامنى ئەكەتسە قاندا قىلسام بۇلار دەپ بېشى قېتىپ ئولتۇرىدۇ. مەنمۇ بەك خىجىل بولۇپ قالدىم.
    توي قىلىشنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئۈزىگە لايىق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. توي قىلمايلا بىر ئۈيگە كىرىۋالىدىغانلار بار. ئىككىسى ئۈزى يالغۇز چىركاۋغا ۋە سوتقا بېرىپلا خەتنى ئېلىپ توي قىلغانغا ھىساپ بۇلىدىغانلار بار. مىليۇن خەجلەپ توي قىلىدىغانلارمۇ باركەن. نورمال ئادەتتىك خىزمەتچى ئادەملەرنىڭ تويى ئۈچۈن 10-15 مىڭ دوللار ئەتراپىدا كىتەمدىكى. كەلگەنلەرمۇ مەلۇم سوغىلارنى بىرىدۇ. لېكىن جىق پۇل قويمايدىكەن. بىر ئاغىنىمىز ساۋاقدىشىنىڭ تويغا بېرىپتىكەن، نەچچە پۇل قويدۇڭ دىسەم مەن يىقىنراق دوستى بولغاچقا 20 دوللار قويدۇم دىگەنتى ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران قالغانتىم (ئۇنىڭ ئايلىق .بىزلەر كەلگەندىن تارتىپ مەكتەپتە بولغاچقا مەكتەپكە ئالاقىدار ئىشلارنى ياخشىراق بىلىدىكەنمىز، سىرىتتىكى ئىشلارنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز
    مائاشى 1500 دوللار). بۇلارغۇ بىزدەك ئوقۇغۇچى بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار، خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ياخشىراقتۇ.
    جىك  بلوگىدىن
    分享到: