-
2012-02-12
مۇھەببەتكە ئىشەنسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ - [مۇھەببەت ئۈنچىلىرى]
"ئايرىلىپ كېتەيلى" بۇ ۋىنىرە دانىيارنى كۆرگەندە دېگەن تۇنجى گەپ. دانىيار بىر مەزگىل سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، بېشىنى لىڭشىتىپ "ماقۇل" دېدى، ۋىنىرە تۇرۇپلا قالدى، دانىيارنىڭ يۈزىگە بىر كاچات سالغاندىن كېيىن ناھايىتى خاپا بولغان ھالدا كېتىپ قالدى، دانىيار ھاجەتخانىغا تىقىلىۋېلىپ تازا يىغلىدى... ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ۋىنىرە دانىيار سوۋغا قىلغان شارپىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى، ئۇنىڭ ئەمدى دانىيارنى كۆرەر كۆزى يوق ئىدى. دانىيار ئۇنىڭ ئايرىلىش تەلىپىگە قوشۇلغان پەيىتتىلا ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىغان ئىدى.
بۇرۇن، دانىيار ئۇنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايتتى، يامغۇر - چاپقۇنغا قارىماي پۈتكۈل شەھەرنى ئايلىنىپ بولسىمۇ ۋىنىرە ياخشى كۆرىدىغان شاكىلاتلىق تورتنى سېتىۋالاتتى. ئالدىنقى يىلى، ۋىنىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن نەچچە كۈن بۇرۇن چېلەكلەپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. دانىيار ۋېلسىپىتىنى مىنىپ، يەتمىش سەككىز كوچىنى ئايلىنىپ، توققۇز يۈز توقسان توققۇز پارچە بىر پۇڭلۇق پۇلنى يىغىپ، كۈندە كەچتە قەغەز قىيىق ياسايتتى. ۋىنىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دانىيار ئوغۇرلۇقچە توققۇز يۈز توقسان توققۇز قەغەز كېمىنى قىزنىڭ ياستۇقى يېنىغا قويۇپ، ئاستىغا بىر ۋاراقچە قىستۇرۇپ: قوزام، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن! گەرچە بۇ پەقەتلا توققۇز يۈەن توققۇز موغا يارىسىمۇ، بىراق مېنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ باھاسى يوق. _ دانىياردىن
ۋىنىرە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ۋاراقچە ۋە سوۋغاتنى كۆرۈپ ھەم ھەيران قالدى ھەم شۇنچە تەسىرلەندى. ئۇ دانىيارنىڭ ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. نەچچە ھەپتىدىن بۇيان دانىيار ۋىنىرەگە ناھايىتى ئاز ھەمراھ بولىدىغان، بەزىدە ۋىنىرە بىلەن بىللە بولغاندا دائىم زېرىكمەستىن ۋىنىرەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ۋىنىرەنىڭ مۈرىسىگە يۆلىنىپلا ئۇخلاپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. ۋىنىرە خاپا بولغان ھالدا "مەن بىلەن بىرگە بولساڭ راستىنلا شۇنچە زېرىكىپ كېتەمدىكەنسىز. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۆيىڭىزگە قايتىپ ئۇخلاڭ. بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشمەيلى بولدى!"... بۇ ئايرىلىش ئالدىدا ۋىنىرەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دانىيارنى چاقىرىپ دېگەن گەپ ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋىنىرە دائىم دانىيارغا تېلىفۇن قىلسا مۇلازىمەت دائىرىسىدە ئەمەس ياكى ئېتىك دەيتتى. ۋىنىرە تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر كۈن ئىلگىرى دانىيارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بالكوندا يېيىقلىق تۇرغان بىر مۇنچە قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى كۆرۈپ، يۈرىكى بوغۇزىغا قاپلىشىپ، ھېچنىمە دېيەلمەي قالدى. ئۇ كىرىسلودا ئولتۇرغاچ دانىيارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. دانىيار ھارغىن تېنىنى ئاران سۆرەپ كىرىپ، ۋىنىرەنى كۆرۈپلا ھەيران قالدى، ئۇ ۋىننىرەگە گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ئۇ "ئايرىلىپ كېتەيلى" دېدى. "ماقۇل!" ئەسلى قىز ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئۇنىڭغا باغلاپ دانىيارنىڭ ئۆزىنى رەت قىلىشىنى كۈتىۋاتقان ئىدى. بىراق، ئۇ كېسىپلا ماقۇل دەۋەتتى. كەچ سائەت ئون بىردىن ئەللىك توققۇز ئۆتكەندە ۋىنىرەنىڭ تېلىفۇنى سايرىدى، دانىيار ئۇرغان ئىدى.
- قوزام، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
- بىز ئايرىلىپ بولغان تۇرساق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق چاقىرماڭ،- ۋىنىرە ئازابلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
- خوتۇن، سېنى كۆرگۈم كەلدى. مەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە كېتىۋاتىمەن، بەش مىنۇتتىن كېينلا يېتىپ بارىمەن، مېنىڭ ساڭا دەيدىغان ناھايىتى مۇھىم گېپىم بار!- دانىيار شۇنداق دەپلا تېلىفۇننى قويىۋەتتى.
ۋىنىرە دېرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈتتى، كېچە سائەت ئىككى بولغاندىمۇ دانىيار تېخىچە كەلمىگەن ئىدى. ئۇ چىراغنى ئاستا ئۆچۈرۈپ ئورنىغا كېلىپ يېتىپ، ھارغىن كۆزىنى يۇمۇپ، ناھايىتى تېزلا چۈش قوينىغا غەرق بولدى...
- خوتۇن...
ۋىنىرە دانىيارنىڭ ئۆزىنى چاقىرۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تېزلا ئويغاندى...
- ئالدامچى! سائەتكە قاراپ بېقىڭە، نەچچە بوپتۇ؟ خىڭ، سىزگە ئۆچ بولدۇم.
- خوتۇن، بايا يولدا بىر قاتناش ۋەقەسى بوپتىكەن، يول توسۇلۇپ قېلىپ ئاران كەلدىم...،- دانىيار ۋىنىرەنى قۇچاقلىغىنىچە شۇلارنى دېدى، ۋىنىرەنىڭ ئەسلى ئۇ ئىللىق جايدىن تىركىشىپ چىقىپ كەتكۈسى بار ئىدى، بىراق دانىيار بەكلا چىڭ قۇچاقلىۋالغاچقا ئامال بولمىدى...
- خوتۇن، بۇنداق قىلما... مەن ھازىرلا ماڭىمەن، مەن سېنى كۆرگىلىلا كەلدىم. سەن ھېچنىمە دېمە، گېپىمنى ئاڭلا. ئايرىلغاندىن كېيىن، سەن ئەمدى يالغۇز ياشايسەن! مەن سەندىن ئەنسىرەيمەن، مەن بولمىسام قانداق قىلىسەن؟ سەن ناشتا قىلىشنىمۇ ياقتۇرمايەن، كۈندە مەن ساڭا سەن ئاماق تۇخۇم پوشكىلى قىلىپ بەرسەم ئاندىن يەيسەن. مەن بولمىسام كىم ساڭا ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىدۇ؟ ئاشقازىنىڭ ئاغىرىپ قالغاندا دائىم قوينۇمدا يېتىپ ئۇخلاپ قالاتتىڭ. مەن بولمىسام كىم ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ؟ خوتۇن، بىلەمسەن؟ سەن بەكلا ھازازۇل. سەن نېمە ئالىمەن دېسەڭ ئاسماندىكى يۇلتۇز بولسىمۇ ساڭا ئېلىپ بېرەتتىم، بولمىسا سەن ماڭا نەچچە كۈن گەپمۇ قىلمايسەن. خوتۇن، ھېلىقى قېتم سەن مېنى چاقىرىپ دوختۇرخانىدا قان تەقدىم قىلغۇزغاندا مەن قان بېرىپ بولۇپلا يالغۇز كېتىپ قالدىم، شۇ چاغدا سەن ماڭا بىر ھەپتە قارىمىغان ئىدىڭ، كېيىن مەن ئاپتوبۇس ئىچىدە ئون قېتىم "خوتۇن، مەن خاتا قىلدىم" دېگەندىن كېين ئاندىن ماڭا گەپ قىلدىڭ. خوتۇن، مەن ئەمەلىيەتتە قاندىن قورقىمەن، قان تەقدىم قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا چىرايىم تاتىرىپ كەتكەن. مەن سېنىڭ ئەنسىرىشىڭدىن قورقۇپ ئۆزۈم يالغۇز كېتىپ قالغان ئىدىم. خوتۇ، بۈگۈن سەن ماڭا ئايرىلىپ كېتەيلى دېگەندە مەن ھاجەتخانىغا تىقىلىۋېلىپ تازا يىغلىدىم، سەن چوقۇم مېنى مازاق قىلىسەن. نېمىشقا تىقىلىمەن؟! ئاچام ئۆيگە قايتىدىغان چاغ بولۇپ قالغان، ئۇ نەچچە كۈندىن بېرى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقتۇم. سەن تېخى مېنىڭ ئاچامنى كۆرۈپ باقمىدىڭ - ھە. ھى...ھى... مەن بۈگۈن بەك كۆپ گەپ قىلىۋەتتىم، خوتۇن، بولدى. ئۇخلا، مەن ماڭاي.
ۋىنىرە دانىيارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر خىللا بولۇپ قالدى، ئۇ دانىيارنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايلا قالغىنىنى سەزدى، بىراق نەرىنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتى. ئۇ دانىيارنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىرۋالاي دېدى - يۇ، ناھايىتى خاپا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدى، ئۇ بۇ قېتىم چوقۇم دانىيارغا بىر ئاي گەپ قىلمايمەن دەپ ۋەدە بېرىۋېتەي دەپلا قالدى.
قۇياش كۆتۈرىلەي دەپ قالغان ئىدى، قىز قايتا ئۇخلاي دەپ تۇرىشىغا تېلىفۇن ئەنسىز سايراپ كەتتى، قارشى تەرەپ ھەم ئازابلىق ھەم جىددىيلىك ئىچىدە يىغلاپ گەپ قىلىۋاتقان ئىدى:
- ۋەي، مەن دانىيارنىڭ ھەدىسى. دانىيار ئۇ... دانىيار... ھىم...ھىم...ھىم.... قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى.
دوختۇرخانىدا دانىيار كېسەل كارۋىتى ئۈستىدە جىمجىت، كۆزى يۇمۇلغان ھالدا ياتاتتى، چىرايى خۇددى كېسەل كارۋىتىنىڭ كىرلىكىدەكلا ئاق. ۋىنىرە ئۇنىڭ جەسسىتىنى قۇچاقلىغىنىچە، ھېچنىمە دېيەلمەي قالدى، دانىيارنىڭ ئاچىسى ئۇنىڭغا دانىيارنىڭ يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ، ھېچقانداق ۋەسىيەت قالدۇرماستىنلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى دېدى.
- مەن ئۇنى كۆرگەن ۋاقىتتا، دانىيارنىڭ كۆزى ئوچۇق ئىدى، قولىدا بۇ ئۈزۈكنى چىڭ سىقىمدىۋاپتىكەن. ئۇ سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە بۇ ئۈزۈكتە ساڭا توي تەكلىپى قويماقچى ئىكەنتۇق. شۇڭا كۈندە باشقىلار بىلەن بىللە كۆمۈر كاندا ئىشلىدى، نەچچە قېتىم ھاياتىدىن ئايرىلغىلىمۇ تاس قالدى.
ۋىنىرەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، پۈتۈن بەدىنىدە جان قالماي يىقىلىپ چۈشتى. شۇ چاغدىن بېرى ۋىنىرە مۇھەببەتلىشىپ باقمىدى، ئەگەر ئۇنىڭغا دانىيارنى كۆرۈشكە يەنە پۇرسەت بولسا چوقۇم ئون مىڭ قېتىم: جېنىم، كەچۈرۈڭ! دېگەن بولاتتى.
8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى
بىر ئايدىن كېيىنلا خوتۇنۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بۈگۈن بىر ئۈنچە - مەرۋايىت دۇكىنىدا "بىر ئۆمۈر كۆيۈنۈش" دېگەن بىر ئۈزۈكنى كۆرۈپ قالدى. خوتۇنۇمنىڭ بۇ يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدە چوقۇم توي تەكلىپى قويىمەن.
8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى
بۈگۈن بىر خىزمەتدېشىمدىن كۆمۈر كاندا كۆمۈر كولىسا جىق پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. راستىنلا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، جاپالىق بولسىمۇ بىر كۈنى ئەللىك يۈەن!
8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى
ئەسلى كۆمۈر قېزىش شۇنچە خەتەرلىك ئىكەندە، ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ باركەن تېخى، تاس قالدىم بېسىلىپ قالغىلى...
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى
بۈگۈن خوتۇنۇم مەن بىلەن ھېسابلاشتى، مېنى يېقىندىن بۇيان تېلفۇنۇمنى ئالمايدىغان بولۇپ قالدىڭىز دەيدۇ. مېنى تېخى ماڭا ئۆچ بولۇپ قالدۇڭ دەيدۇ، ئۇ ساراڭ. مەن بۇ بىر ئۆمرۈمدە ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمايۋاتسام قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالاي. بىراق مەن ئۇنىڭغا كۆمۈر كاندا سىگنال ناچار دېسەم بولمايدۇ. بوپتۇلا، ئۇ خاتا چۈشىنىۋەرسۇن...
8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
بۈگۈن خوتۇنۇم بىلەن سىرتقا چىققاندا ئۇخلاپ قالدىم. ئۇ ماڭا بەك خاپا بولۇپ كەتتى. ھەممىنى ئۆزۈمدىن كۆرەي، نېمىشقا بىخەستەلىك قىلىپ ئۇخلاپ قالغاندىمەن. گەرچە سەھەر بەشتە ئۇخلىغان بولساممۇ، چىداپ تۇرىشىم كېرەك ئىدىغۇ.
9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى
بۈگۈن ھەدەم يېزىدىن مېنى كۆرگىلى كەلدى، ئاپام بۇ يىل يىل ئاخىرىدا چوقۇم قىز دوستۇمنى ئۆيگە ئېلىپ قايتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
9 - ئاينىڭ 4 كۈنى
بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆمۈر كولىدىم، ئالدىراش كۆمۈر كولاپ ئىشتىن قايتىدىغان ۋاقىتتا يەنە كان گۈمۈرۈلۈپ كەتتى، پۇتۇمنى بېسىۋالدى. ھېلىمۇ ياخشى، تېز قېچىپ جېنىمنى قۇتقۇزىۋالدىم. بىر مىڭ بەش يۈز يۈەن مائاشىمنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم، ئاخىرى ئارىسالدىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزمەيدىغان بولدۇم.
9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى
بۈگۈن ھېلىقى ئۈنچە - مەرۋايىت دۇكىنىغا بېرىپ ھېلىقى ئۈزۈكنى سېتىۋالدىم. ئۆگۈنلۈككە خوتۇنۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئەتە ئون ئىككىدىن كېيىن خوتۇنۇمغا توي تەكلىپى قويىمەن، ۋىنىرەنى كۆرمىگىلى نەچچە كۈن بولدى، ئۇنى ئەجەب سېغىندىم.
9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى
بۈگۈن ئۆيگە قايتسام خوتۇنۇممۇ بار ئىكەن، ئۇنى كۆرۈپلا خۇش بولۇپ كەتتىم، ئۇنىڭغا ئەمدى تېخى ئۇنى سېغىنغانلىقىمنى دەي دېيىشىمگە ئۇ ماڭا ئايرىلىپ كېتەيلى ئىدى. مەن ناھايىتى ئازابلاندىم، يېشىم چاناقلىرىمدا لىغىرلاپلا قالدى. مەن ئۇنىڭغا قوشۇلدۇم. چۈنكى، ئۇ ماڭا ھەرقانداق تەلەپ قويۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭغا ياق دېسەم بولمايدۇ. گەرچە ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ناھايىتى ئازابلانساممۇ مەيلى. ۋىنىرە مېنى بىر كاچات سالغىنىچە ئۆيدىن ىقىپ كەتتى.
9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى
بۈگۈن خوتۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنى. بۈگۈن ئۇنى بەكلا سېغىندىم، كەچتە ئۈزۈكنى ئالغىنىمچە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم، قانداق بولسىمۇ ئۇنىڭغا چوقۇم توي تەكلىپى قويىمەن.
خوتۇن، مەن خوتۇنۇمنى ئىزدىشىم كېرەك. مەن ئۈن - تىنسىز ھالدا اللەدىن ئۇنى كۆرۈۋېلىشىمنى تىلىدىم. اللە تىلىكىمگە يەتكۈزدى. خوتۇنۇمنىڭ كارىۋىتى يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ چېچىنى ئاستا سىلىدىم. ئۇنىڭغا راستىنلا قىيالمايتتىم. مەن ئايرىلىپ كەتسەم ئۇ قانداق قىلىدۇ، ئۇنىڭغا كىم قارايدۇ... خوتۇن، كەچۈر.. مەن ساڭا ئەمدى قارىيالمايدىغان بولدۇم. خوتۇن، چوقۇم خۇشال ياشا... خوتۇن، ئەلۋىدا...
مەنبە: qq بوشلۇقىدىن تەرجىمە قىلىندى...
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
评论