-
2012-03-09
ئەي، قىز ئامانەت قېنى؟ 3 (رومان ) - [نادىر تور ئەسەرلىرى]
ئەي، قىز ئامانەت قېنى؟(رومان)
3
كۈن كۈننى قوغلاپ ئايغا ئۇلىشىپ،ئاي يىلغا ئۇلىشىپ ،بۇ ‹بەخىتلىك› بىرجۈپنىڭ مۇھاببەت داستانىمۇ يېزىلىپ تۈگەيدىغاندەك قىلاتتى،بۇنىڭدا قايسى پىرسۇناژ يىغلاپ، قايسى پىرسۇناژ كۈلىدۇ بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن. قېنى ئۇلارنى ئۆز ئەركىسىگە قۇيۇپ بىرەيلى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئۆز ئەركىسى بىلەن ‹مۇھابەت›نىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئۆتمەكتە، ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش،قېنى قاراپ باقايلى،ھېلىقى ‹سەھرالىق مەتو ياۋايى› ياسىن نىمە ئىشلارنى قىلىۋتىدىكىن.ياسىن شۇ قېتىمقى ئىشىك يېپىشتىن كىيىن تىتىرەۋاتقان يۈرىكىنى توختىتالىدىمۇ يوق.
ياسىن ئۆز كەسپىدىن سىرت ئەدەبىياتقىمۇ ئالاھىدە ئىشتىياق بىلەن قىزىقاتتى، شۇئىشتىن كىيىن ئۇ شېئر يېزىش، كىتاپ ئوقۇش،دەرس تەكرارلاش بىلەن ئۆتكۈزەتتى.بۇ بىريىل جەريانىدا ئۇ نۇرغۇن لىرىكىلارنى يېزىپ مەكتەپ ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇرۇپ مەكتەپتىكى ‹بالا› شائىرغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ لىرىكىلىرىدا كۆپۈنچە گۈلنۇرغا بولغان سېغىنىش،ئېچىنىش،ساختا مۇھەببەتكە بولغان غەزەپ ئىپىادىلىنەتتى.بۇ لىرىكىلارنى،ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەلكىم گۈلنۇر ئوقۇغان بولسا،سسىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك،مەن ئويلىغاندەك پاجىئە يۈز بەرمەسلىگى مۇمكىن ئىدى. ئاشۇرۇپ ئەمەس راس .مىنىڭ ئىسىمدە قالماپتۇ بولمىسا بەت يۈزىگە بىر نەچچە مىسرا تىزغان بولسام، ئىشىنەتتىڭلار، ساختا مۇھاببەتنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالغانلار يۇلۇڭلاردىن قايتاتتىڭلار.
گۈلنۇر بولسا ئىلگىرىكى تىرىشچان، ئاددى ساددا گۈلنۇر ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئۇ ھازىر يەنىلا ھۆرمەتكە سازاۋەر.بۇرۇنقى ھۆرمىتىنىڭ ئۇدۇمىمۇ ياكى،ھازىرقى بايۋەتچىنىڭ شاپائىتىدىنمۇ،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر بۇنى ئۆزى ھېس قىلىۋالدىغۇ دەيمەن.بۇبىرجۈپ ‹ئاشىق مەشۇقلار› بايۋەتچىنىڭ ھەشەمەتلىك ماشىنىسى بىلەن كۈندە سەيلى قىلىش، ئايلىنىپ يۈرۈش بىلەن ئالدىراشلىق ئىچىدە ئوقۇش پۈتۈرىدىغانغا بىر يېرىم يىل قالغىننىنى سەزمەيلا قالدى.
قىشلىق تەتىلگە ئازلا قالغانىدى.بۈگۈن قار ياغدى، ئەتراپ ئاپئاق.پەقەت پەرۇخنىڭلا كۆڭلى قارا .بۇ بىچارە گۈلنۇرغا نامالۇم،ئەگەر ئۇ بىچارە قىز بۇنى بىلگەن بولسا بۈگۈن كەچتىكى قار سەيلىسىگە چىقماس ئىدى. خەيىر چىقسا چىقسۇن،كىيىنكى ئىشلارنى قانداق قىلىشنى ئويلۇشۇپ قۇيار.
-گۇلنۇر يۈرىڭە جېنىم،قار سەيلىسى قىلىپ كىلەيلى.-
- نەگە بېرىپ-، قىزنىڭ كۆزلىرىدىن شوخلۇق، بەخىت نۇرلىرى بالقىيتتى.
-نەگە بۇلاتتى مەكتەپ بېغىدا كونا جايدا.-
بۇلار قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىزىللىق يۈزىگە قىزىرىپ چىققان ‹ھېلىقى›جاينى كونا جاي قىلىۋالغانئدى.ئۇلار قولتۇقلاشقىنىچە كونا جايىغا كىلىشتى. بۇيەرنى ئۇلار سېتىۋالغاندەك كۆپۈنچە چاغلاردا بۇيەرگە ھېچكىم كەلمەيتتى.
يەنە ئوتلۇق قوللار، لەۋلەر ئۇچراشتى، (بۇ نەچچىنچى قېتىملىقى بۇنى بىلمىدىم)بىرجۈپ تەن گويا بىر تەن كەبى چاپلاشتى،كۆكسى مىجىقلاندى،نازۇك يەرلەردە يەنە تۈمەنمىڭ قۇرت ماڭدى،ئىشتاننىڭ ئۈستىدىن نىقدالغان قاتتىق نەرسە ئۇ قۇرتلارنى بىرتەرەپ قىلالمىدى.
‹تۇلۇنئاي› بۈگۈن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ئاستا بۇلۇت كەينىگە يۇشۇرۇندى. بۇقېتىم قىزنىڭ يۈزىگە قىزىللىق يۈگۈرمىدى، قىزنىڭ قەلبىدىكى قىزىللىق ئاللابۇرۇن بىر يەرلەرگە ۋاقىتسىز ئېقىپ بولدىمۇ ياكى بۇقېتىم مۇشۇ قار ئۈستىگە ۋە ياكى ئاستىغا سېلىۋالغان بىرەر پارچە قەغەز يۈزىگە تامچىلامدۇ قانداق.
ھېلىقى قارا قوللارنىڭ ئىگىسى بولغان،ۋىجدانسىز قارا قەلىپ ، قاراپىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،ھەركەتنى كۈچەيتتى.قوللار ئاستا ئاستا تۆۋەنگە دەل نازۇك يەرنىڭ بىر غېرىچ ئۈستىگە كىلىپ جىددى ئىشقا كىرىشتى. قىزدا بۇقېتىم قارىشلىق يوقئدى.ئىنسانلارنىڭ كەشپىياتى بولغان كىيىم يىشىندۈرۈلۈپ،قىزنىڭ ئاق يوتىسى ھەم ئاشۇ ئاق يوتىلارنىڭ ئوتۇرسىدىكى قارا بىر نەرسە نامايان بولدى، تۇلۇنئاي يۇشۇرنىۋالغاچقا ئاپاق يوتا ھەم ھېلىقى قارا نەرسىنى بۇنىڭدىن ئارتۇق تەسۋىرلەشكە ئامال بولمىدى. لىكىن مۇشۇ قاراڭغۇلۇقتىمۇ ئادەمنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايتتى،قىزنىڭ كۆزى يۇمۇلدى،لىكىن يەنەبىر كۆزى، قاتتىقۋاش تاجاۋۇزچىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا ،ئاچچىق لىكىن شىرىن لەززەت بىلەن بىر ئىڭراپ ئېچىلدى.بىر نەچچە مىنۇتلۇق ئېغىر ئەمگەكتىن كىيىن،قاتتىقۋاش تاجاۋۇزچىنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى،قىز ۋۇجۇدىدىكى قىزىللىق ئاپئاق قار ئۈستىگە تامدى.قىز يا يىغلاشنى يا خۇشال بۇلۇشنى بىلمىدى،يىغلاي دىسە ئۆزى سۆيگەن،ئۈزىنىمۇ‹سۆيگەن› بايۋەچچە ئۈچۈن.كۈلەي دىسە ئىپىىتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى،ھەي قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى.خەيىر نىمە بولسا بۇلا ،.....ئۆزىنىڭ شورى.
بۇئىشتىن بىر ئاي كىيىن. گۈلنۇر پەرۇخنى كەمدىن كەم كۈرەتتى.بۇكۈ نلەردە پەرۇخ ‹بايۋەتچە›يېڭى ‹نىشان›ئىزدەش بىلەن ئالدىراشىدى.نادان ياۋا گۈل بۇنىڭدىن بىخەۋەر يۈرەتتى.
-پەرۇخ نىمە بولدىڭىز يېقىندىن بېرى مەن بىلەن كارىڭىز يوق.-
-مەن ھازىر ئۆگۈنۈش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىۋاتىمەن، بۇندىن كىيىن بىز كۈرۈشمەيلى.-
-نىمىشقا-
-دىدىمغۇ مەن ئالدىراش دەپ.-
-ئالدىراش بولسىڭىز بوپتۇ ئەمىسە،مەندىن ئايرىلىپ كەتمىسىڭىزلا بولدى.-
قىز ساددىلىق بىلەن پەرۇخقا قارىدى.
كۈنلەر ئۆتمەكتە،پەرۇخ ئالدىراشلىقى بىلەن ئاۋارە، قىز ئالدىنىش بىلەن.قارىغاندا ئەمدى قىزنى يەنە ئالداپ يۈرمەي پەرۇخنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى ئېچىپ، بۇ ساختا مۇھاببەت ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرماي بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.ئالداش ئالدىنىش بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بۇجاھاندا،ئالدانغان قىز يالغۇز گۈلنۇرلىمىدى،‹ ھەي قىز بۇنى كىمدىن كۆرىسەن،پەرۇختىنمۇ، ياكى مەندىنمۇ، توغرا مەن سىنى پەرۇخ بىلەن ئۇچراشتۇرغان بولغاندىكىن،ئەلۋەتتە سىنى بەخىتلىك قىلىپ يازسام بۇلاتتى. لىكىن سەن مىنى ئۈمۈتسىزلەندۇردۇڭ، ھېلىقى قارلىق كىچىدىكى ئىشنى قىلدىڭ، مۇئەللىپتىكى ئۆز پىرسۇناژىغا بولغان غەمخورلىقنى سەن ئۆزۈڭ قۇرۇتتۇڭ.
بىركۈنى گۈلنۇر پەرۇخنى باشقا بىر قىز بىلەن مەكتەپ بېغىدا ئۇچراتتى،ئۇلار قولتۇقلاشقىنىچە كىتىپ باراتتى،گۈلنۇر ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى، ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن ئۇ راستىنلا پەرۇخ ئىدى. گۈلنۇر يۈگرەپ بېرىپ پەرۇخنى تارتىتى،-پەرۇخ سىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىز مۇشۇما،-قىزنىڭ ئاچچىقتىن تىترىگەن قوللىرىنى پەرۇخ سىلكىۋەتتى.
- گۈلنۇر مىنى كەچۈرۈڭ، مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن، بىز ئىككىمىز ماس كەلمەيدىكەنمىز، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى،خوش-پەرۇخ كىتپ قالدى،.قىزنىڭ قەلبى ئازاپلاندى، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپلاندى،مۇلايىم كۆزلىرىدىن سەلدەك ئاققان ياشلىرىنى توختىتىۋالالمىدى.
- گۈلنۇر بارا بارا دەرسلەردە چېكىندى،چىرايى زەپىراندەك سارغايدى، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق ،پەرۇخ يەنىلا ئالدىراش،گۈلنۇر نەچچەقېتىم ئۈلىۋېلىشنىمۇ ئويلىدى، لىكىن مېھرىبان ئاتا ئانىسنى ئويلاپ بۇنداق قىلالمىدى، ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى تۈزەپ ياخشى ئوقۇشنى ئويلىغاندا ئوقۇشىمۇ تۈگەي دەپ قالغانىدى،ئۇ مىڭ تەسلىكتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋانامىسىنى ئالالىدى. ئۇ5يىللىق ئالى مەكتەپ ھاياتىنى مانا مۇشۇنداق ئازاپ بىلەن ئاخىىرلاشتۇردى. ئۇ ئەمدى قايسى يۈزى بىلەن ئاتا –ئانىسىنىڭ قېشىغا بارسۇن،يۇرتداشلىرى،ئاتا ئانىلىرى ئۇنىڭدىن نىمىنى كۈتكەنئىدى،ئۇھازىر نىمە بولدى،ھېچنىمىگە ئەرزىمەس،يولدىن چىققان بۇزۇققا ئايلاندى، ئۇ ئەمدى نەگە بارسۇن، باشقا يۇرتلارغىمۇ،باشقا يۇرتتا نىمە قىلار، ئۇدۇنياغا بارسىچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟ گۈلنۇر جىق ئويلاشتى،ئاخىرى يەنە يۇرتقا قايتىشنى، قالغان ھاياتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش قاراررىغا كەلدى.ئۇ بىكەتكە كەلگەندە ياسىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى،
- گۈلنۇر يۇرتقا ماڭدىڭىزمۇ؟
- ھەئە،
ئۇلار بىرلىكتەماشىنغا چىقتى،گۈلنۇر خىيالدىن باش كۈتۈرمەيتتى، ئۇ پەرۇخ بىلەن يۈرگەندە،ياسىن ئۇنى توسىغانئىدى،لىكىن ئۇنىڭ گىپىگە كىرمىگەن.ياسىننىڭ گۈلنۇرغا قاراپ ئىچى ئاغرىيتتى، پەرۇخقا نەپرەتلىنەتتى،گۈلنۇرغا قارىغانسىرى،ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ يۈرىگى ئېچىشاتتى،.
داۋامې بارئەي، قىز ئامانەتقى2-قسىمى بۇ يەردى كۇرۇڭ
ئەي، قىز ئامانەتقى1-قسىمى بۇ يەردى كۇرۇڭ
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ