ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

  باش بەت   توربەت ۋەبىلوگ ياساش   مۇھەببەت   ساغلاملىق   ئىسلامى   ئىقتىسات پۇل تېپىش QQ بىلىملىرى 

  ئىشلىتىشچان دىتاللار   كۆڭۈل ئېچىش   ئۇسلۇب ۋە توربەت كودى   تور ئەسەرلىرى   يېڭى خەۋەرلەر   تېلفۇن بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ 

Google
  • 2012-02-05

    ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان كىشلەر - [ئىسلامى بىلىملەر]

    ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان كىشلەر



    اﷲ قۇدرەت كالامى قۇرئان كەرىمنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلىرىدە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان بىر قىسىم كىشلەردىن خەۋەر بەرگەن :

    <<سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى اﷲ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.>>سۈرە بەقەرە 190-ئايەت

    <<ئېيتقىنكى، «اﷲغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، اﷲ كافىرلارنى (يەنى اﷲنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ.>>سۈرە ئال ئىمران -32ئايەت

    <<ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، اﷲ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. اﷲ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟).>>سۈرە ئال ئىمران -57ئايەت

    <<اﷲغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا- ئاناڭلارغا، خىش- ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن خوشنىغا، يىراق خوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل- چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ.>> سۈرە نىسا -36ئايەت

    <<(گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ>>.سۈرە نىسا -107ئايەت

    <<يەھۇدىيلار:«اﷲنىڭ قولى باغلاقتۇر (يەنى اﷲ بېخىلدۇرياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن ! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەپلىك اﷲنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە اﷲنىڭ ئىككى قولى  ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ  تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاغا قارشى) ئۇرۇش ئوتى ياقماقچى بولسا، اﷲ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۈيقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، اﷲ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچلارنى ياقتۇرمايدۇ.>>سۈرە مائىدە -64ئايەت

    <<ئى مۇئمىنلەر! اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش  يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، اﷲ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.>>سۈرە مائىدە -87ئايەت

    <<اﷲ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى،مېۋىلىرى،دانلىرى(رەڭگى،تەمى،ھەجمى ۋە پۇرىقى)  بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان خۇرما دەرەخلىرىنى،زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى، مىۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مىۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنە يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ .>>سۈرە ئەنئام -141ئايەت

    << ئەگەر سەن (مۇئاھىدەتۈزگەن) قەۋىمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇقتۇرۇپ قويغىن).اﷲ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوسىت تۇتمايدۇ.>>سۈرە ئەنفال -58ئايەت

    << اﷲ ئۇلارنىڭ  يۇشۇرغانلىرى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راسىتىنلا بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتمايدۇ.>>سۈرە نەھل -23ئايەت

    << اﷲ مۇئمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، اﷲ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ>>.سۈرە ھەج -38ئايەت

    << قارۇن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ قەۋمىدىن ئىدى. قارۇن ئۇلارغا يوغانلىق قىلدى، قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدۇقكى، ئۇلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى، ئەينى ۋاقىتتا قارۇنغا قەۋمى ئېيتتى: «كۆرەڭلەپ كەتمە، اﷲ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ.>> سۈرە قەسەس -76ئايەت



    اﷲتىن  بىزلارنى بۇ كىشلەر قاتارىدىن بولۇپ قىلىشتىن ساقلاپ ئۆزى رازى بولىدىغان ياخشىلىق ۋە تەۋپىق يوللىرىغا باشلىشىنى تىلەيمىز ئامىن !

     مەنبە ئىسلام بىرلەشمەمۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us




    سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، يازما كۈچەگەندە مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ . سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .

    ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
< p align="right">

سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن