ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا يەنە كىلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ، قانداق ياردەم كېرەك بولسا سوراڭ ئىنكاس يېزىڭ ، كۈنلىرىڭىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن ...

  باش بەت   توربەت ۋەبىلوگ ياساش   مۇھەببەت   ساغلاملىق   ئىسلامى   ئىقتىسات پۇل تېپىش QQ بىلىملىرى 

  ئىشلىتىشچان دىتاللار   كۆڭۈل ئېچىش   ئۇسلۇب ۋە توربەت كودى   تور ئەسەرلىرى   يېڭى خەۋەرلەر   تېلفۇن بىلىملىرى بىلىۋىلىڭ 

Google
  • 2012-02-05

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمىئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى - [ئىسلامى بىلىملەر]

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمىئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى



    پروفىسسور، دوكتور مۇھەممەد ئەلى كاپار

    تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلاھىيات فاكولتېتىدىن
    (بۇ ماقالە تۈركىيە دىيانەت ئىلمىي ژورنىلىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېغىشلانغان ئالاھىدە سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

    تۈركچىدىن ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىش مەھزۇن تەرجىمىسى


    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەت دىنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، قانۇنىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر جەمئىيەتتۇر.

    1- دىنى ئالاھىدىلىكلەر

    1) ئېتىقاد
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىنى پاكلاش ۋە ئۇلارنى چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن.1 بۇتپەرەستلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋالغان بۇتلىرىنى ئىبادىتىگە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە سۆرەپ كىرگەن.2 بۇ سەۋەپتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان بارلىق ئىنسانلارنىڭ كەلىمە تەۋھىد ۋە كەلىمە شاھادەت كەلتۈرۈش ئارقىلىق شېرىكتىن يىراقلىشىشنى،3 پەقەت ئاللاھتائالاغىلا تائەت-ئىبادەت قىلىش، ئاللاھتائالاغىلا تېۋىنىشنى جاكارلىغان. پالچىلىق، سېھىرگەرلىكنى، ئاللاھتىن غەيرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى، بەزى نەرسىلەرنى «شۇملۇقنىڭ بىشارىتى» دەپ قاراشنى، بۇتلار نامىدىن قەسەم ئىچىشنى ۋە تەقدىر ھەققىدە دە-تالاش قىلىشنى چەكلىگەن.4
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىشىنىشكە ۋە ئاللاھدىن باشقا غەيرىدىن ياردەم تەلەپ قىلماسلىققا چاقىرغان.5 مەدىنىگە ھىجرەت سەپىرىدە، ئىز قوغلاپ سۇر غارىغا كەلگەن مۇشرىكلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئەبۇ بەكرىگە: «غەم قىلما! ئاللاھ بىز بىلەن بىللە»6 دەپ ئاللاھقا ئىشىنىشنى ئەسلەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىن تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، «ئەگەر بەندە ئاللاھقا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، بەندە ئاللاھقا بىر گەز يېقىنلاشسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، بەندە ئاللاھ تەرەپكە مېڭىپ بارسا، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كىلىدىغانلىقىنى»7 بايان قىلغان. غەيىب ھەققىدە كاھىنلار ۋە پال ئوقلىرى ئارقىلىق كەلگۈسى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بېرىشتىن توسىغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ غەيىبنى بىلمەيدىغانلىقىنى،8 ئۆزىنىڭمۇ پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەن غەيىبنىلا بىلەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.9 ئېتىقاد ھەققىدە بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساننى كاپىرغا چىقىرۋەتمەسلىكىنى: «كىمكى بىر كىشىنى كافىر ياكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەپ چاقىرسا، ۋەھالەنكى چاقىرىلغۇچى ئۇنداق بولمىسا، دېگۈچىنىڭ سۆزى ئۆزىگە يېنىپ قالىدۇ»10 دېگەن سۆزلىرىدە تىلغان ئېلىپ ئۆتكەن.

    2) ئىبادەت
    ئىسلامىيەت ئېتىقاد بىلەن ئىبادەتكە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن بىر دىن. ئاللاھتائالا: «جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»11 دېيىش ئارقىلىق، ئىبادەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيتىگە ئىشارەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا ۋە تاشقى كۆرۈنۈشۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ»12 دەپ ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ئاللاھقا ئىشەنگەن ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بايان قىلغان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتتىكى ئىبادەتتە، تۆۋەندىكىدەك ئىككى مۇھىم نۇقتا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، جامائەت. جامائەت نامىزى ۋە باشقا كوللىكتىپ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتلەر، جامائەتنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ چىن ئىشتىياقى بىلەن ئىبادەت قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدكە كەلمىگەن ۋە جامائەتكە ئارىلاشمىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈش13 مەنىسىدىكى بايانلىرىدا ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ بۇزۇلۇشىىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
    ئىبادەتتىكى ئىككىنچى مۇھىم نۇقتا ئىزچىللىق. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ قۇبۇل بولىدىغىنى، ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ بەرگىنىدۇر»14 دەپ ئىزچىللىقنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبادەتتە، بولۇپمۇ، نەپلە ئىبادەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ئۆيلەرنى قەبرىگە ئوخشىتىپ قويماسلىقىنى،15 ئىبادەتلەرنى لايىق شەكىلدە قىلىشىنى، ئۆلچەملىك بولۇشىنى16، دىندىكى قولايلىقلاردىن پايدىلنىشىنى،17 ئىبادەتلەرنى پەقەت مەلۇم ۋاقىتقىلا باغلاپ قويماسلىقىنى، نەفلە ئىبادەتلەرنى كېچە-كۈندۈز ۋە يىلنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتلىرىدا قىلىشىنى، ئىبادەتلەردە ئايرىمىچىلىق قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى شەخىس ۋە كوللېكتىپنىڭ تۇرمۇشىدا ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەجنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پايدىلىق تەرەپلىرى بار بولۇپ، ئىبادەت شەخسىنى ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇكەممەللەشتۈرسە، كوللىكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى بىرلىك- باراۋەرلىكنى، بىر-بىرىگە يار-يۆلەكتە بولۇشنى، ھەمكارلىقنى ۋە پىداكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

    3) مائارىپ
    مائارىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھتائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن تۇنجى ۋەھيىسى «ئوقۇ»بىلەن باشلانغان.18 «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار»19،«ئېيتقىنكى،>بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ<»20 دېگەن ئايەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە مائارىپقا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە مائارىپ قۇرئان ۋە سۈننەت ئۈگۈنۈشتىن باشلانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە قۇرئان ئۆگەتكەن ئادەملەردۇر»،21 «سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر. يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر»22 دېگەن تەلىماتىغا ئاساسەن، ساھابىلەر ۋەھيى كاتىپلىرى تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە بۇ دەۋىردە قەلەمگە ئېلىنغان ھەدىس شەرىفلەرنى يادلاپ ماڭغان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە قۇرئان ۋە سۈننەت بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىلمىگەن.بىرى يەنە بىرىنىڭ تۇلۇقلۇغۇچىسى دەپ قارالغان. قۇرئان كەرىم ناماز قىلىشقا بۇيرۇغان، ئەمما ناماز ۋاقىتلىرى ۋە شەكلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ئەمەلىيتىدە كۆرسىتىلگەن.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مائارىپ ۋە ئىلمىي ئىشلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، يېزىق ۋە ساۋات چىقىرىش ئىشلىرىغا تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن.شىفا بىنتى ئابدۇللاھ ئىسىملىك ئايالنى ئاياللارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا تەيىنلىگەن. ھەتتا بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشكەن ساۋادى بار مۇشرىكلەرنى قويۇۋېتىشتە، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئون مۇسۇلمان بالىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىپ قويىشىنى شەرت قىلغان.23 ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، مۇئاز ئىبنى جەبەل، ئۈبەي ئىبنى كەئب، ئەبۇ دەردائ، ئۇممى ۋەرەقە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس، ئەبۇ ھۇرەيرە قاتارلىق نۇرغۇن ساھابىلەر قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۈگۈنىش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مائارىپ ئىشلىرىدا ھەر قانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتىن ئۆنۈملۈك پايدىلانغان.بۇ دەۋىردە مەسجىدلەر مەدرىس شەكلىنى ئالغان. ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى مەخسۇس جايلار ياكى ساھابىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆز دەۋرىدە مۇسۇلمانلاردىن ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئەر-ئايال، قېرى-ياش دەپ ئايرىماستىن ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە چېتىلىدىغان بارلىق ئىلىم بىلەن ئورتاق شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلغان.24
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىم ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ساھەلەشتۈرۈشنى بۇيرۇغان. ئىلىملىك كىشىلەرنىڭ پەزىلەت ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقتىن يىراق تۇرۇشىنى، ئىلمىنى يۇشۇرماسلىقىنى تىلغان ئالغان. قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشماسلىقنى بۇيرۇغان.25 قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىنى ئۆگۈنۈپ ۋە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ ۋە ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بەجا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

    4) جاھىلىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن قول ئۈزۈش
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن يەنە بىرى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى خاتا ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنىي پىرىنسىپلار ئارقىلىق جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەقىدە، ئىبادەت قاراشلىرىغا خاتىمە بېرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىنىي پىرىنسىپلار ئىگىلىگەن. ئەلۋەتتە، جاھىلىيەت دەۋرىدە مەۋجۇت بولغان، ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھيىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى مۆئمىن كىشى ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاقتا ئىسلام پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ياشايدىغان كىشىدۇر. بۇ سەۋەپتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامىي نۇقتىدىن باتىل دەپ قارالغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تىرىشقان. ئىنسانلارنى ئەقىدە ۋە ئىبادەتتە بۇتلاردىن يىراقلىشىپ ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى، ۋە ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىشنى پىرىنسىپلاشتۇرغان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قان تۆكۈش، ئوغۇرلۇق قىلىش، زىنا قىلىش، يەنى، ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكى، ھاياتى، يۈز-ئابروي بىخەتەرلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، 26 تۆھمەت چاپلاش، غەيۋەت قىلىش،27 جازانىخورلۇق ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش،28 پارىخورلۇق ۋە سودىدا مونوپوللۇقنى مەنئى قىلغان. ئەزد قەبىلىسىنىڭ زاكات ماللىرىنى يىغقان ئىبنى لۇتبىيە بۇ قەبىلە ئۇنىڭغا بەرگەن زاكات ماللىرىدىن بىر قىسمىنى ئۆزىگە ئايرىۋالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى خوپ كۆرمىگەن، يەنى «ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان بولساڭلار، بۇ ماللار سىلەرگە بىرىلەرمىدى؟» دەپ ماللارنى قايتۇرىۋالغان.29 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سودىدا مونوپوللۇققا لەنەت ئۇقۇغان. سودىدا ئالدامچىلىقنى ۋە سودىگەرلەرنىڭ ساتقۇچىلارنىڭ يولىغا چىقىۋېلىپ سودا قىلىشىنى چەكلىگەن.30 بۇ دەۋىردە ئائىلە ئىشلىرىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇش، گۇمانخورلۇق، مەسخىرە قىلىش، تارازا-ئۆلچەمدە ئادىل بولماسلىق، زۇلۇم قىلىش، يامانلىققا يول قۇيۇش، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، پىتنە-پاسات تارقىتىش، سۆز-ھەرىكىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى ئارقىلىق ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنى بىئارام قىلىش، ئاداۋەت ساقلاش، ئىنتىقام ئېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر جاھىلىيەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنى قەتئى يوسۇندا مەنئى قىلغان.

    5) ياردەملىشىش
    ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. مەككە ۋە مەدىنە دەۋرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر ماددى ۋە مەنىۋي جەھەتتىن بىر-بىرىگە يار-يۈلەكتە بولاتتى. مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار مۇھاجىرلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ھاجەتلىرىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە چىقاتتى. شۇڭا ئۇلار «ئەنسارىي-ياردەمچىلەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېقىر-مىسكىن، يوقسۇل ۋە يېتىملەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە ھېسابلىغان، يەنى: «ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇنۇم بولسا، ئۇنىڭدىن قەرزىمنى تۆلەشكە ئېلىپ قالغىنىمدىن باشقا بىر دىنارنىمۇ يېنىمدا قالدۇرۇش مېنى خۇشال قىلالمايدۇ»31 دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى مۇسۇلمان قېرىندىشىغمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە، كامىل مۆئمىن بولالمايدۇ»32 دېيىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىشنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيتىگە ئىشارەت قىلغان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېخىيلىق قىلىشنى، بىخىللىقتىن يىراق تۇرۇشنى، يېتىمنىڭ مېلىنى قوغداشنى،33 ياردەمنى ھالال رىزىقتىن قىلىشنى، 34 ياردەمنى دەسلەپ ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاشنى 35 ئۇقتۇرغان ھەمدە بۇلارنى ئۆز ئەمەلىيتىدە كۆرسەتكەن.

    2- سىياسىي ئالاھىدىلىكلەر
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ۋە مەدىنە دەۋرىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە سۈلھى يولىنى تۇتۇپ كەلگەن. دەۋەت يولىدا تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ سىياسىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە مۇشرىكلار بىلەن يارىشىپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەمدە بۇ ئويىنى ئوتتۇرغا قويغان. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، ئەڭ ئاۋۋال قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىنا قىلغان مەسجىتكە توپلىغان. ئاساسى قانۇن چىقىرىپ پۈتۈن مەدىنە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېمۇكراتىك جەمئيەت ۋە دۆلەت تەشكىلاتى بەرپا قىلغان. ئاساسىي قانۇندا ھەر قايسى جەھەتلەردىن رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك سىياسىي ۋە قانۇنىي پېرىنسىپلار ئادىللىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا نەزەرگە ئېلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېيىنكى دەۋىرلىرىدە مەدىنە ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ بىر تەرەپتىن خوشنىلىرىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خوشنىلىرىغا مەدىنىدە قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. ھىجرىيە 6-يىلى قۇرەيشلەر بىلەن ئىمزالانغان «ھۈدەيبىيە تىنچلىق سۈلھىسى» مەدىنە دۆلىتىنى پۈتۈن ئەرەبىستاننىڭ قوبۇل قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىنچلىق ۋە ئەمىنلىك ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان بۇ جەمئىيەت سىياسىي نۇقتىدىن بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.

    1) ئىشەنچ تۇيغۇسى
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قۇرغان دۆلەت ھەرقانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان كۈچلۈك، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىدى. مەسجىتنىڭ بىنا قىلىنىشى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى36 مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى، سۆيگۈ-مۇھەببەت، ھەمكارلىق ۋە خاتىرجەملىكنى ساقلاپ قالىدىغان ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەيدىغان ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولۇپ قالغان.
    مەدىنىدە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن سىياسىي تۈزۈلمە دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ۋە ئۆز-ئارا خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. جەمئىيەتتىكى يەھۇدىيلار، مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆرنىتىلغان بۇخىل ئىناقلىقنى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى بۇزالمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە ئىچى-سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ ئىمزالىغان «مەدىنە سۈلھىسى» مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ئاشۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارغا قانۇن دائىرىسىدە ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلغان. مەدىنە دۆلىتىدە خاتىرجەملىك ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، يەھۇدىلار ۋە مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارغا ۋە بۇ دۆلەتكە قارشى چىققان. جەمئىيەتتە پىتنە-پاسات ئۇرۇغى تارقاتقان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل رەزىل قىلمىشلىرى ئاخىرىدا ئۆزىنى ھالاك قىلغان.37
    ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھسىسالام چىقارغان ھەر بىر قارارىدا ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەستىن، ئەكسىچە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، كېڭىشىشنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان. جاپا-مۇشەققەتتە ئالدىدا، راھەت-پاراغەتتە ئارقىدا تۇرغان. جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ خىل ئىش-ھەرىكەتلىرى جەمئىيەتنىڭ تىنىچ-ئامانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

    2) قەبىلىۋازلىق
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەرلىكنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدىن باشلاپ جاھىلىيەت دەۋرىدە ساقلىنىپ قالغان قەبىلىۋازلىقنىڭ ئورنىغا «دىنىي قېرىنداشلىق» نى دەسسەتكەن. «مەدىنە سۈلھىسى» ئارقىلىق ئېرقى، تىلى، دىنىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر «بىللە ياشاش» ئۆلچىمىنى يولغا قويغان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلق ئارىسىدىكى قەبىلىۋازلىقنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كىشىلەر ئارىسىدىكى يۇرتۋازلىققا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان. ئەنسارىيلار بىلەن مۇھاجىرلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتنى ساقلىغان. باشتىن باشلاپلا بۇ ئىككى گورۇھ ئارىسىدىكى قەبىلىۋازلىقنىڭ ئورنىغا دىنىي قېرىنداشلىقنى دەسسىتىشكە تىرىشقان. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن سەپەرگە چىققان قۇشۇنلارغا بەزىدە مۇھاجىرلاردىن بەزىدە ئەنسارىيلاردىن قوماندان تەيىنلىگەن. مەدىنىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئورنىغا ئورۇنباسار بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرمۇ شەرت-شارائىتىغا قاراپ، مۇھاجىر ياكى ئەنسارىيلاردىن بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىىڭ بۇ خىل ئادىل ئۇرۇنلاشتۇرىشىنى ۋالى، تەھسىلدار ۋە تەبلىغ ھەيئەتلىرى ئەۋەتىش قاتارلىقلاردىمۇ كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلق ئارىسىدىكى قەبىلىۋازلىقنى سۈسلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەبىلىلەرگە تەيىنلەنمەكچى بولغان ئەمەلدارلارنىمۇ ئوخشىمىغان جەمەتلەردىن تاللىغان. مەسىلەن، نەجران قەبىلىسىگە ئۇمارە ئىبنى ھەزم ئەلئەنسارىينى، سەنئا رايۇنىنىڭ زاكات يىققۇچىلىقىغا مۇھاجىر ئىبنى ئەبۇ ئۇمەييە ئەل مەخزۇمىينى تەيىنلىگەن. مەككە ۋالىيلىقىغا ئۇزۇندىن باشلاپ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كىلىۋاتقان قۇرەيش قەبىلىسىدىن بولغان ئەتتاب ئىبنى ئەسىدنى تەيىنلىگەن. ھەتتا كەئبىنىىڭ مۇھاپىزەتچىلىك خىزمىتىنى بۇرۇنمۇ بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تەلھە ئىبنى تەلھە ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەگە، سىقايە خىزمىتىنى بولسا ئابدۇلمۇتتەلىب جەمەتىگە بەرگەن.38

    3) ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىكى سەزگۈرلۈك
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان ئەمەلدارلار كەمتەر، ئېسىل مىجەزلىك، مىھرى-شەپقەتلىك، بارلىقىنى ئىنسانلارغا بېغىشلىيالايدىغان، ئۆز ۋەزىپىسىگە سادىق، لايىقەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئەمەلدارلىققا، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنى پىرىنسىپ دەپ بىلىدىغان، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكىنى، شەخىسنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، پىتنە-پاساتقا ئالدانمايدىغان كىشىلەردىن سايلىناتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پاداڭلار توغۇرلۇق سوراق قىلىنىسىلەر»39 دېيىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھۇقۇق يۈرگۈزۈشكە ئاگاھلاندۇرغان. بولۇپمۇ خەلق ئارىسىدىكى ئەمەلدارلارغا: «كمكى مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى چىقىپ، ياخشىلىرىنى ۋە يامانلىرىنى ئۇرسا، مۇئمىنلەردىن تەپتارتمىسا، ۋەدە قىلغان كىشىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندىمىسا،ئۇنداق كىشى مېنىڭ قاتارىمدىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇ كىشىنىڭ قاتارىدىن ئەمەس»40 دېيىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن خەلق ئالدىدا ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى، زالىملىق ھەرىكەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۇقۇق يۈگۈزگەن ئەمەلدارلارغا ئىتائەت قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.41 ئۈممەتلەرنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەمەلدارلاردىن خەلققە زورلۇق، زوراۋانلىق قىلماسلىقىنى، ئۇلارغا زۇلۇم سالماسلىقنى، ھەقىقەت ۋە ھۆرلۈك بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «ئەي ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىم ئۈچۈن بىرەر ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۈممىتىمگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا سەنمۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغىن! يۇمشاق مۇئامىلىدە بولسا سەنمۇ ئۇ كىشىگە يۇمشاق مۇئامىلىدە بول!»42 دېيىش ئارقىلىق خەلققە ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئەمەلدارلارنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىڭ ھەقىقەت ۋە خەلق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. پەيغەمبىرىمىز يەنە: «مەندىن كېيىن قايغۇلۇق ۋە قۇبۇل قىلالمىغۇدەك ئىشلار مەيدانغا كىلىدۇ.»43 دەپ كېيىنكى دەۋىرلەردە يۈز بىرىدىغان پايدىسىز ئىشلاردىن بىزنى خەۋەرلەندۈرگەن.

    3- ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلەر
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تۇنجى يىللىرىدا، سودا-تىجارەت ئىشلىرى جانلانغان مەككە شەھىرىدە ياشايتتى. قۇرەيشلەر تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ياز، قىش پەسلىدە 44 ئىككى قېتىم سۈرىيە ۋە يەمەنگە باراتتى.كەئبە مەككىدە بولغاچقا مەككىگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۇكاز، مەجەننە ۋە زۇلمەجاز قاتارلىق بازار-يەرمەنكىلەرگە كىلەتتى.مانا بۇلار مەككە رايونىدىكى سودا-سېتىقنى جانلاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى.

    1) مەدىنە شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى
    مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىينىگە ھىجرەت قىلىشى بىلەن مەدىينىدە بىر قاتار ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلگەن. مەدىينىدىكى خەلق ئاساسلىقى دېھقانچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مەدىينە شەھرىگە كەلگەن ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان ئىبنى ئەففان، تەلھە ئىبنى ئۈبەيدۇللاھ، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف، زۇبەيىر ئىبنى ئەۋۋام قاتارلىق كىشىلەر بۇ يەردە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ بۇ جاينىڭ سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان.
    مەدىينە بازارلىرىدا بۇغداي، زەيتۇن يېغى، تېرە، كىيىم-كىچەك، رەخىت، جەڭ قوراللىرى، ئات، تۆگە، قوي، كالا قاتارلىقلار ۋە تىببى دورا سېتىلاتتى.45 بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمى ھىجاز ۋە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردا ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. يەنە بىر قىسمى قوشنا ئەللەردىن كىرگۈزۈلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋىردە دىنار (ئالتۇن تەڭگە) ۋە دەرھەم (كۈمۈش تەڭگە) قاتارلىق پۇللار ئىشلىتىلەتتى. بۇ پۇللار ۋىزانتىيە بىلەن ئىرانغا تەۋە بولۇپ پۇل ئۈستىگە ۋىزانتىيە ئېمپىراتورى ۋە ئىران خىسرەۋىينىڭ رەسىملىرى ئۇيۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پۇللارنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ئىشلەتكەن تارازا-ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىمۇ ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي ئىشلەتكەن.46
    مۇھاجىرلار، مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان دەسلەپكى يىللاردا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقنى ئەنسارىي قېرىنداشىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يەڭگەن.كېيىنكى كۈنلەردە، مۇھاجىرلەر تىرىشىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى خەندەك ئۇرۇشىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ بۇ دەۋىردە، مۇسۇلمانلار پېقىرلەرگە زاكات بىرىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ تۇرغان.
    بۇ دەۋىردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا بىر قىسىم مۇسۇلمانلار پات-پات كىلىپ تۇراتتى ۋە ماددى جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى دىيشەتتى.47 «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» بىلەن «خەيبەرنىڭ فەتھى»دىن كىيىن ئىقتىساد تەرەققى قىلىپ48 بىر قىسىم ساھابىلەر ۋارىسلىرىغا مال-مۈلك مىراس قالدۇرالىغۇدەك دەرىجىدە بېيىغان.49
    مەدىينە شەھرىنىڭ ئىقتىسادىي يېزا ئىگىلىك كەسپىگە تايىناتتى. خورما، ئۈزۈم، ئارپا، بۇغداي ئاساسلىق مەھسۇلات ھېسابلىناتتى. ھىجرەتتىن كېيىن جىھاد قىلىش سەۋەبلىك يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ چىكىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرى نۆۋەت بىلەن جىھادقا چىقاتتى.مەسىلەن، سەئىد ئىبنى ئۇبادە بىر يىل جىھادقا چىقسا،يەنە بىر يىلدا جىھادقا ئوغلىنى ئەۋەتكەن.50
    مۇھاجىرلار مەدىنىگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەنسارىيلارنىڭ يەرلىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىش، بازاردا سودا-تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغان.51 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كېمنىڭ يېرى بولسا تېرىسۇن، ئۆزى تېرىمىسا ئۇنى دىن قېرىندىشىغا تېرىتقۇزسۇن»52 دەپ تېرىلغۇ يەرلەرنى بوش قويغۇزمىغان. ساھابىلەرمۇ بۇنىڭغا ئەمەل قىلغان. مەسىلەن، ھەزرىتى ئەلىمۇ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بىر قىسىم ساھابىلەر تېرىلغۇ يەرلىرىدىن شىرىكچىلىك شەكلىدە پايدىلانغان.53
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەتنىڭ بوز يەرلىرىنى ئاچقۇزۇپ، يەرلەرنى تېرىقچىلىق قىلغۇدەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان. بىر قىسىم يەرلەرنى ساھابىلەرنىڭ ئېچىشى ئۈچۈن بەرگەن.54

    2) سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلەر
    پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ھىجرەتتىن كېيىن ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇپ، سودا قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان بازار يىرىگە يېڭىدىن يەر قۇشۇپ بازارنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكەن.55
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە «راستچىل ۋە ئىشەنچىلىك سودىگەر پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار ۋە شەھىدلەر بىلەن باراۋەردۇر.» 56دېيىش ئارقىلىق، ئۇلارنى سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشقا دەۋەت قىلغان57. ئاياللارنىڭ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشىدىن توسىمىغان. مەسىلەن، كەيلا ئەل-ئەنمارىييە، ئەسما بىنتى مۇھارىبە مۇلەيكە شۇ دەۋىردىكى ئايال تىجارەتچىلەردىن ئىدى.مىقدام ئىبنى مەئدىيكەرىبنىڭ جارىيەسى سۈت ساتاتتى، مىقدام ساتقان سۈتنىڭ پۇلىنى يىغاتتى.58
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پايدىنىڭ ئوندا توققۇزىنىڭ سودا-تىجارەتتە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. سودا-تىجارەتنى ئەتتىگەندە باشلاشنى 59 تەۋسىيە قىلغان. جۈمە نامىزى ۋاقتىدا سودا قىلىشنى چەكلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «كمىكى بىر ئۆي ئېلىپ ياكى سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر ئىشقا خەجلىمىسە ئۇ كىشى بۇ پۇلىسىنىڭ بەرىكىتىنى كۆرۈشكە لايىق بولالمايدۇ.»60 دېيىش ئارقىلىق، نەق پۇلنى مەبلەغ سېلىپ ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاپاۋەتنىڭ ھالالدىن بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان.61 ھارام نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىشنى،62 تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلىشنى مەنئى قىلغان. بازاردا ئۈستىگە قۇرۇق ئاستىغا ھۆل بۇغداي قاچىلانغان تاغارنى كۆرگەندە ، خېرىدارلارنى ئالدىغانلارنىڭ، مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.63 پەيغەمبىرىمىز سودا-سېتىقتا قەسەم ئىچمەسلىككە، ۋە نېسى سودىدا گۇۋاھچىلارنىڭ شاھىتلىقى بىلەن ھۆججەت پۈتۈۋېلىشكە بۇيرۇغان.64 سودىدا ئىككى تەرەپ پۈتۈشۈپ بولۇپ پۈتۈشكەن جايدىن ئايرىلمىغان شارائىتتا، بۇ سودىدىن يېنىۋالسا بولىدىغانلىقىنى،65 ئۆز مېلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق كىشىلەرگە پۇل-مېلىنى تۇتقۇزۇپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى66 بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ مېلىغا تاجاۋۇز قىلماسلىققا بۇيرۇغان.ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق تاپقان پۇلدىن باشقا پارا67، ئۈسۈم68 ۋە قاراڭغۇ بازارچىلىق69 يۇلى ئارقىلىق دۇنياغا ئىرىشىشتىن قاتتىق مەنئىي قىلغان.
    ئىسلام دىنىدا يېتىمنىڭ مېلىغا چېقىلماسلىققا ئەمىر قىلىنغان.70 مىراس ئىشلىرىدا ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپتىن دىندا بېكىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.71
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ راستچىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئىشلارنى بىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان، شىرىن سۆزلۈك، ئۇچۇق يۈزلۈك، پاك-دىيانەتلىك ۋە ئەل ئارىسىدا نوپۇزى بار كىشىلەرنى مۇھتەسىبلىك (بازار باشقۇرۇش) ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن. ھەمدە ئۇلاردىن بازاردا يۈز بەرگەن ھەر خىل قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.72
    شېرىكچىلىك شەكلىدىكى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا بىر شېرىكنىڭ يەنە بىر شېرىكىنىڭ خەۋىرىسىز مال ساتسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.73 سودا-سېتىق ۋە يەر-زېمىن سودىسىدا غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن شېرىكچىلىك قىلسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.74
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەلق ئارىسىدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ھۆنەر-كەسىپكە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بىدىكلىك، تىككۈچىلىك، تۆمۈرچىلىك، ياغاچچىلىق، تامچىلىق، قاسساپلىق، تېرەچىلىكتىن باشلاپ ساتراچلىق، توغۇت ئانىسى بولۇش، ھەمشىرىلىك، تېۋىپلىق، سۈننەتچىلىك ۋە ناۋايلىققىچە75 بولغان نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ خەلق ئارىسىدا داۋاملىشىپ، ئەمەلى خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغان. جاھىلىيەت دەۋرىدە ساقلىنىپ قالغان ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان ھۆنەر-كەسىپنىڭ بىرىنىمۇ چەكلىمىگەن. پەقەت كىشىلەرنى ھەر قانداق ئىش قىلىشتا ساختىلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.76
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئاياللارنىڭ بازارلاردا سودا-تىجارەت ۋە ھۆنەر-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنمىگەن. مەسىلەن، بۇ دەۋىردە ئاياللار رەخت توقۇيتتى، كىيىم تىكەتتى، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن يېمەك-ئىچمەك تەييارلايتتى. بۇنىڭدىن باشقا تېرە ئاشلاپ، باغ-ۋاران ئىشلىرىنى قىلىش، تۇغۇت ئانىسى بولۇش، ھەمشىرىلىك، تېۋىپلىق قاتارلىق ھۆنەر-كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيتىنى نامايەن قىلغا، شۇنداقلا جەمئىيەت ۋە ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان.77
    بۇ دەۋىردە، بالىلاردىن ھۆنەر-كەسىپ ئىگەللەپ، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت ئىقتىسادىغا ھەسسە قۇشۇش تەلەپ قىلىنغان.مەسىلەن، ھەزرىتى ئۆمەرگە بىرەر بالا ئۇچرىغاندا بالىدىن ئۇنىڭ نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى سورايتتى، ئەگەر بالىدىن "ھۆنىرىم يوق" دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىسا ئۇ بالىنىڭ ئۆز نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالدىن خوش بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى.78
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى نازىل بولۇۋاتقان ئايەتلەر ۋە شۇ دەۋىرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ھەل قىلغان. جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ ئىسراپخورلۇق ۋە بېخىللىق قىلىشتىن ساقلىنىشىنى، يىتىم، يوقسۇل، مۇساپىر ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا ياردەملىشىشىنى، مال-مۈلكى بار ھەر قانداق كىشىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان79

    4- قانۇنىي ئالاھىدىلىكلەر
    ئىسلامىيەت زېمىندا ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جەمئىيەتتە ئەمەلدارلار ۋە خەلقنىڭ زېممىسىدىكى ۋەزىپە، ئۇلار ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىختىلاپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كەلگۈسىدە پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا قۇرئان-سۈننەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە رازى بولۇشتۇر.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتە ئادالەتنى ياقىلىغان. بۇ جەريانىدا ئۆزى سورايدىغان داۋا-دەستۇرلاردا تەرەپتارلارنىڭ ئالدىماسلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «مەنمۇ بىر ئىنسان،مېنىڭ ئالدىمغا داۋالىشىدىغانلار كېلىدۇ، بىرىڭلار بىرىڭلاردىن گەپكە ئۇستا بولۇپ، مەن ئۇنى راسىت دەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۇنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىپ سېلىشىم مۇمكىن.»80 دېگەن. ناھەقلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن پايدىنىڭ ئوتتىن بىر پارچە81 ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
    ئىسلام دىنىدا نىكاھلىق تۇرۇپ زىنا قىلغان، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە مۇرتەد (دىندىن يېنىۋالغان) بولغان كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۈكۈش ھالال قىلغان.82 باشقىلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە يۈز ئابرويىغا دەخلى قىلغانلارغا، ۋەتەنگە قارىشى جىنايەت سادىر قىلغانلارغا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارىشى ئۇرۇش ئاچقانلارغا ئەڭ ئېغىر جازا بېرىلگەن.83
    بۇلاردىن باشقا ھاراق-شاراپ ئىچىش قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى بۇزىدىغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتلەر قانۇنىي جەھەتتىن تىگىشلىك جازاسىنى تارتقان.84 مۇشۇنداق بىر قاتار مۇستەھكەم قانۇن-تۈزۈملەر نەتىجىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە جىنايى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى كۈنسېرى ئازايغان.
    بۇ دەۋىردىكى داۋا-دەستۇرلارنى پەيغەمبىرىمىز ئۆزى بىۋاستە سورايتى. بەزى چاغلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋا-دەستۇر سوراشتا مۇناسىپ دەپ قارالغان كىشىلەر سورايتتى.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋا-دەستۇر سورايدىغان كىشىلەر (قازىلار) گە بەزى پىرىنسىپلارنى تەۋسىيە قىلغان. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئالدىڭدا ئىككى داۋاگەر بولسا بىرىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانغا ئوخشاش يەنە بىرسىنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىغۇچە ھۆكۈم چىقارما»85 دېگەن يوليۇرۇقنى بەرگەن.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، داۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سېلىشنى،86 قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكنى، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كىچىكتۇرمەسلىكنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ جىنايىتىدىنلا جاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى، قانۇن ئالدىدا ئىمتىيازنىڭ يوقلىقىنى، داۋاگەرنىڭ خەۋىرى ۋە رازىلىقىسىز ھېچقانداق كىشىدە جىنايەتچىنى ئەپۇ قىلىدىغان ھۇقۇقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئەقلى-ھۇشى جايىدا كىشىلەرنىلا جازالاشقا بولىدىغانلىقىنى، ئادالەتنى بەرپا قىلىشتىكى پىرىنسىپنىڭ پەقەت «ئاللاھتىن قورقۇش»87 ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلغان ۋە بۇلارنى ئۆز ئەمەلىيتىدە تولۇق ئىپادىلىگەن
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جازا ئىجرا قىلىشتا جىنايەتچىلەرنىڭ فىزىئولوگىيلىك بەدەن تۈزۈلىشىگىمۇ ئېتىبار بەرگەن. زۆرۈرىيەت بولغاندا جازا ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەن. مەسىلەن، زىنا قىلغان بولسىمۇ لىكىن ھامىلدار بولغان ئايالغا بۇيرۇلغان رېجىم جازاسىنى بۇ ئايال بالىنى يەڭگىپ، بالىسىنى سۈتتىن ئايرىپ بولغۇچە كېچىكتۈرگەن.88 بىر ئايالنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىشى ئۈچۈن ئادەت ۋاقتىنىڭ تۈگىشىنى ساقلاشقا بۇيرۇغان.89

    5- ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلەر
    1) ئۆيلەر
    ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە ئۆيلەر مىمارچىلىقنىڭ ھەر خىل ئۇسلۇبىدا سېلىناتتى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن بىنا قىلىنغان ئۆيلەرگە يۇقارقى ئۇسلۇب ئۆرنەك قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئۈچۈن بىنا قىلغان مەسجىدنىڭ يېنىدىكى ھوجرىلىرى تۆت چاسا شەكىللىك، كېسەك تامدىن قوپۇرۇلغان ئادەتتىكى ئۆيلەر ئىدى.
    كەتتانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر بىر ئۆيىدە ھاجەتخانا، ئاشلىق ئامبىرى، ئاشخانا ۋە كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سېلىنغان ئايرىم خانە، ئارام ئېلىش ئۆيى قاتارلىق ئايرىم-ئايرىم ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى نەقىل قىلغان.90 بۇ دەۋىردە شەھەردىكى ئۆيلەر ئىككى ياكى ئۈچ ئېغىزلىق قىلىپ سېلىناتتى. ئۆينىڭ ئۈستى خورما شاخلىرى بىلەن يېپىلاتتى. ئىشىك-دېرىزىلەر ياغاچ ۋە بۆزدىن ياسىلاتتى. كىشىلەر ھويلىسىغا كولانغان قۇدۇقتىن ياكى مەھەللىدىكى ئوپچى قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىپ ئىچەتتى.
    يېزا-قىشلاقلاردا تۇرمۇش كۆچۈرىدىغانلار ئاساسەن چىدىر ئۆيلەردە تۇراتتى. چىدىر ئۆيلەر ئاساسەن راۋاق، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار كىرىش ئېغىزىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشىكتىن تەركىپ تاپقان. چىدىر ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەتراپىغا ئېرىق ئېلىنغانىدى.91
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆي سالغاندا ئۆيلەرنى ئالاھىدە ھەشەمەتلىك سالماسلىقنى، رەتلىك، كۆركەم سېلىشنى، يولنى تارلاشتۇرىۋەتمەسلىكنى92 ۋە ئۆتۈشۈش ئېغىزلىرىنى توسۇۋالماسلىقنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆينى پاكىز تۇتۇشنى تاپىلىغان.93
    بۇ دەۋىردە ئۆيلەر چىراق نۇرى بىلەن يورىتىلىپ، ئۆيگە بورا ۋە چىغدىن سېلىنچا سېلىناتتى. سۇپىغا تېرىدىن تىكىلگەن ياستۇقلار قويۇلۇپ كۆرپە سېلىناتتى.ئۆيدە تۆمۈر، شىشە، تېرە، تۇپا ۋە ياغاچتىن ياسالغان ھېجىر، خۇمرا، لىگەن، تۇرسۇق، سۇ تۇلۇمى، تېرىدىن ياسالغان خالتا، ياغاچ كۇب، داستىخان، تاۋا ۋە قازان-قۇمۇش قاتارلىقلار ئشلىتىلەتتى.94

    2) نىكاھ ۋە ئائىلە
    جەمئىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇننى ئىگىلەيدىغان ئائىلىنىڭ قۇرۇلىشىدا نىكاھ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت دەۋرىدە قوللىنىلغان نىكاھلىنىش ئادەتلىرىدىن چاي ئىچكۈزۈش ئارقىلىق ئۆيلىنىشنى قوللانغان. بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلغان نىكاھ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشۈشى، ئۆز-ئارا قۇشۇلىشى ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان نىكاھلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئىسلام دىنىدا يىگىتنىڭ رازىلىقى ئېلىنغىنىدەك، قىزنىڭمۇ رازىلىقى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن نىكاھلىنىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزى پاتىمەنى ئۆيلىگەندە، دەسلەپ قىزىنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇبىلەن نىكاھلاندۇرغان.95
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە نازىل بولىۋاتقان ئايەتلەر ۋە بۇ ئايەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئارقىلىش ئەر-ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكى كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنىشى چەكلەنگەن. يەنى، ئانىسى، قىزى، قىز قېرىندىشى، قىز ۋە ئەركەك قېرىندىشىنىڭ قىزلىرى، ئېنىكئانىسى، ئېمىلدەش تۇققىنى، قېيىن ئانىسى، ئۆگەي قىزلىرى، ئۆز ئوغلىنىڭ ئايالى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قېرىنداش ئايالنى بىر ۋاقىتتا نىكاھىغا ئېلىش، ئانىسىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ بىر تۇققانلىرى بىلەن ۋە بۇتپەرەس ئايال بىلەن نىكاھلىنىشمۇ چەكلەنگەن. مۇسۇلمان ئايالنىڭ پەقەپ مۇسۇلمان ئەر بىلەنلا ئۆيلىنىشى بەلگىلەنگەن. يۇقارقىدەك ھۆكۈملەر ئارقىلىق، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسى ۋە ئەركىنلىكى قوغدالغان.96
    ئىسلامىيەتتە، دادىنىڭ ئۆز قىزىغا لايىق يىگىت ئىزدىشى ئەجەبلىنەرلىك ھېسابلانمايدۇ.97 ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇل قالغان قىزى نەفىسەنى ئەبۇبەكىر ۋە ئوسمانغا سايە قىلغان. ئەمما ئۇلار بۇنى رەت قىلغان. لىكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەفىسەنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىپ ئۆمەرنى خۇشال قىلغان.98
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىز تاللاشتا ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، نەسەبى، چىرايى ۋە دىنىغا قاراڭلار دەپ كۆرسەتكەن ۋە دىندارلىقنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان.99 مەھرى (تويلۇق) بەرمەي ئۆيلىنىشنى، تويلۇقتا مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىۋېلىشنى،100 باشقىلارنىڭ سۆز ئاچقان لايىقىغا سۆز ئېچىشنى101 توسىغان. تويدا مېھمانلارغا زىياپەت بىرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.102
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلەنمەكچى بولغان ھەر ئىككى تەرەپ ھەممە جەھەتتىن تەڭ،باراۋەر بولىشى، بويتاقلارنى ئۆيلەندۈرۈپ قۇيۇشى، ئەر-ئاياللارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆرنەك بولۇشىى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشىنى، بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتىنى ئادا قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان.103 ئائىلىنى ساغلام، مۇستەھكەم تۆۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇشنى، ئىپادىلەپ ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش (نىكايى مۇتئە)نى كەسكىن مەنئىي قىلغان.104
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قورغاننىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئەرنىڭ يات ئايال بىلەن، ئايالنىڭ يات ئەر بىلەن يالغۇز بىر يەردە قالماسلىقىنى، نىكاھلانغان ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆيلەنمىگەن ياكى بويتاق ئەر-ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىدە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى، باشقىلاردا يامان تەسىر ياكى گۇمان پەيدا قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تارتىشىنى، ئەر ياكى ئايالنىڭ رۇخسەتسىز ئۆز ئۆيىدىن باشقا ئۆيلەرگە كىرىپ چىقماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.105 ئائىلىدە يۈز بىرىدىغان ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى،106 ئاجرىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.107
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارغا، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئارىلاشماسلىقنى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭبىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىشنى تەۋسىيە قىلغان.108 ئەلۋەتتە بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئائىلە ئەزالىرى ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيتىپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

    3) كۆڭۈل ئېچىش
    ئىسلامىيەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان رېئال ئىجتىمائىي مۇھىتىنى نەزەرگە ئالغان. يوللۇق شەكىلدىكى ھەر خىل ئويۇنلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت قىلغان.109 نۆۋىتى كەلگەندە يەنە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان.كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويمىغان. توي بولغان كىچىدە داپ چېلىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان.110 خۇشاللىق كۈن ياكى مۇراسىم كۈنلىرىدە كىشىلەرنىڭ شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىش، ناخشا ئېيتىش ۋە داپ چېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىشىنى خوپ كۆرگەن.111

    4) كىيىم-كېچەك
    ئىسلام دىنىدا كىيىم-كېچەك كىيىشتە ئىسراپچىلىق قىلىشقا ۋە ھەشەمەتچىلىك قوغلىشىشقا بولمايدۇ. ئىسلام دىنى ئەرلەرنىڭ يىپەكتىن تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىنى ۋە ئالتۇن ئىشلىتىشىنى ھارام قىلغان.112 ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ئورىنىشقا بۇيرىغان.113 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋرىتىنى ئوچۇق قويغان بىر كىشىگە: «كىيىمىڭنى كەي ۋە يالىڭاچ يۈرمە»114 دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋرەتنى يېپىشقا رىئايە قىلىش ھەققىدە: «ئاللاھ ئورىنشنى ۋە ھايانى ياخشى كۆرىدۇ»،«كىشى يۇيۇنغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئالسۇن»115 دېگەن. ئىنسانلارنى كىيىم-كېچىكىنى پاكىزە تۇتۇشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ كىيىنىشتە بىر-بىرىگە ئوخشىۋالماسلىقىنى ۋە ئىنسانلارنى يەردە سۆرۈلۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئۇزۇن كىيىم-كىيمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.116
    پەيغەمبەر ئەلەيسىسسالام دەۋرىدە ئەر-ئاياللار ئەرەبلەرنىڭ كىيىنىش ئادىتى بويىچە كىيىنەتتى. ئەرلەر بېشىغا سەللە يۆگەيتتى، تون-رىدا ۋە تامبال قاتارلىق كىيىملەرنى كىيەتتى. ئاياللار بېشىغا ياغلىق چىگەتتى، ئۇزۇن ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كۆينەك كىيەتتى.117 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ ھاللاردا قارا رەڭلىك سەللىسىنى ۋە ئاق رەڭلىك كۆينىكىنى كىيىۋالاتتى. بۇ ھەقتە شەمائىلىي نەبىي (پەيغەمبەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى) گە ئالاقىدار كىتاپلاردا تەپسىلى مەلۇماتلار بىرىلگەن. <


    ساقلىۋېلىش: Del.icio.us




    سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، يازما كۈچەگەندە مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ . سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن .

    ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ
< p align="right">

سىزگە خۇشاللىق يار بولسۇن پاتپات كىلىپ تۇراسىز ، بىلوگدىكى تېمىلارنى مەنمەسى بولسا ئۈزەم يازغان ھەم توردىن يېغىپ ئەكەلگەن . توغرا چۈشەنگەيسىز ، سىزگە قايسى خلدىكى بىلىملەر كېرەك بولسا تارتىنماي سوراڭ كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمەن . ... ، يەنە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن