-
2012-02-05
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش تارىخى - [ئىسلامى بىلىملەر]
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا كىرىش تارىخى
ئەبۇل پۇتۇھ ئابدۇغەفۇر بىننى ھۈسەيىن ئەلمايى قەشقەرىنىڭ "قەشقەر تارىخى" دىمۇ ئېنىق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان . 1028 - يىللىرى ئەلجەۋھىرىنىڭ "ئەسسۇراغ فىل لۇغاتىت" ناملىق ئەرەبچە سۆزلۈكنى پارىسچىگە تەرجىمە قىلغان جامال قارشى قەشقەر تارىخىدىن نەقىللەر ئېلىپ ، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر قىممەتلىك مەنبەلەرنى بەرگەن . مۇشۇنىڭ بەرگەن مەنبەسىگە قارىغاندا ، ساتۇق كۆل بىلگە قىدىرخاننىڭ ئەۋلادى بارىز ئارسلانخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، فىرانسىيە ئالىمى سىرناندى گىرىننارتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ، سۇتۇق مىلادىيە 900 - يىللىرى ياكى 910 - يىللىرى تۇغۇلغان . ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ، تەختكە ئۇنىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق ۋارىسلىق قىلغان . ئۇنىڭ ئانىسى ئوغۇلچاققا نىكاھلانغان . بۇنىڭ بىلەن ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى . ئىلگىرى خاننىڭ سامانىيلار سۇلالىسىدىن قېچىپ چىققان شاھزادە ئەبۇ نەسر بىننى سۇلايماننى 932 - يىلى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشقا ئىجازەت بەرگەن . ئاتۇشتىكى بۇ مەسچىت بۇ جايدىكى تۇنجى ئىسلام مەسچىتى ئىدى . شۇ چاغدا ، مۇسۇلمان كارۋانلىرى بۇ بۇخارا ۋە سەمەرقەنتتىن ئاتۇشقا كېلىپ سودا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ، 12 ياشقا توشقان سۇتۇق بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۆزلىرىنىڭ كارۋانلىرى ئېلىپ كەلگەن ماللارنى كۆزدىن كەچۈرۈش نىقابى بىلەن ئەبۇ نەسىر سامانىي بىلەن ئۇچراشقان ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەھۋالىنى كۆرگەن . ئۇ ئەبۇ نەسىر سامانىيدىن سۇئال سورىغان . "سامانىي دەرھال ئۇلۇغ ئاللانىڭ 99 نامى يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن . ئۇ يەنە مۇھەممەت ئەلەيھىسسلامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلىگەن " . ئوغۇلچاقنىڭ جيەنى سۇتۇق ، ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان . سامانىيلارنىڭ شاھزادىسى ئەبۇ نەسىر سامانىي سۇتۇقنى ئىسلام دىنىغا كىرىشىنى دالالەت قىلىشى ھەرگىز يەككە - يىگانە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس . مىلادىيە سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلىشقا باشلىغان . ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىسلاملاشقاندىن كېيىن ئىسلام دىنى ئىككى يۈز نەچچە يىل داۋامىدا مەخپىي ، ئاشكارا ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كىرگەن . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋەرائۈننەھرنىڭ شىمالىدا سامانىي خانلىقىنىڭ چېەراسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە سودا ئالاقىلىرى شۇ جايلاردىكى تۈركلەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا سەۋەبچى بولغان . بۇ ئەھۋاللار قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن .
سۇتۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى سېزىپ قالغان ئوغۇلچاق ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقنى بىلدۈرگەن . سۇتۇق ئوغۇلچاقنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ، ئۆزى بىلەن مۇسۇلمان بولغان 50 نۆكەرنى باشلاپ چىقىپ ، ئوردا - قەلئەنى ئىگىلەش ۋە ئوغۇلچاق ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزگەن . بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۆز يېنىغا توپلىغان ۋە پەرغانىلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئومۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتكەن . ئۇلار ئالدى بىلەن ئات بېشى تايانچ پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 3000 دەك قوشۇن بىلەن جىددىي تەييارلىق قىلغان . ئۇ شەرت - شارائىت تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشىغا تايىنىپ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ، قىدىرخان ئوغۇلچاق بۇغراخاننىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قارشىلىق قىلغان تاغىسى ئوغۇلچاقنى قوغا ئېلىپ تەختىنى تارتىۋالغان .
ئوغۇلچاقنىڭ شاھزادە تېكىنلىرى ۋە ئوردا مەنسەبدارلىرىنى قولغا ئېلىپ بەزىلىرىنى ئۆلتۈردى بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قولىغا ئۆتتى . قەشقەر نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا قەدەر مۇسۇلمان بولغان قەشقەر خەلقى ھەر تەرەپتىن سۇتۇقنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەنتەنە قىلىپ ، پۈتۈن قەشقەر خەلقى سۇتۇق تېكىننىڭ ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلدى . مىلادىيە 1027 - يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىپ ، قەھرىمانلىق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان بۇغرا خانلىق ئۇنۋانىنى قوللاندى . ئىسلامىيەتنى رەسمىي دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلدى . سۇتۇق بۇغرا قاراخان قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ .
سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ ، قاراخانىيلار خاندانلىق تارىخىدا مەدەنىيەت گۈللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان . بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك ، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تولغانىدى . سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا ، خەلقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر ، يەكەن ، ئاقسۇ ، ئىلى ، بالاساغۇن ، بارسغان (ئىسسىقكۆل ئەتراپى) قاتارلىق جايلاردا ، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تېز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنىغا ئومۇملاشتى . بۇنىڭ بىلەن سامانىيلار خاندانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ ، تالاس شەھىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى . 10 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى ، سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى . بالاساغۇننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن يەتتە سۇ رايونى ، بالقاش ۋادىلىرىدىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزدى . مىلادىيىنىڭ 40 - يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ، ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۆزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە ماۋەئۈننەھر ، خۇراسان ، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پېشۋالىرى ، دىن ئالىملىرى كەلدى ." مانا بۇ ئىسلام پېشۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشتى " . ( پىرىتساكنىڭ < قاراخانىيلار> كىتاۋېدىن ) .
سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ئۇنىڭ نامىغا قويدۇرغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دېگەن خەت ئويۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لېنىنگرادتىكى موزېيدا ساقلانماقتا . سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زور ئۇرۇشقا تەييارلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆزى ئىسلام قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ ، خوتەنگە يۈرۈش قىلدى . سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىس ئۇيغۇرلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۇچارغا يۈرۈش قىلدى ۋە قەدىمدىن بېرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ ، ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلغان بولسىمۇ ، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بولماي بۇرۇنقى بۇددا دىنىي ئېتىقادىدا قالدى .
سۇتۇق بۇغراخان خوتەن ، كۇچارلارنى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىدا ئاۋۋال مىلادىيىنىڭ 950 - يىللىرى شىمال تەرەپتىن ئىلىغا ، جەنۇب تەرەپتىن قاراشەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۆنىلىشى بويىچە قوشۇن تەشكىللەپ ماڭدى . بۇ ئۇرۇشقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇ فەتتاھنى قوماندان قىلدى . مىلادىيە 950 - يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قوماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قوشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق ، داقا - دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ ، ھەيۋەتلىك قوشۇن بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ باشچىلىقىدىكى قوشۇنى كۇچار ، كورلا ، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ ، توقسۇن يولى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خوجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قوشۇن يۆتكەپ تەڭرىتاغ ئېغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قوشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى . بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان قارا خاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا تېكىن (بايتاش) نىڭ قوماندانلىقىدا قاراشەھەرگە ۋاقتىنچە چېكىنىپ بۇ جايدا قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى . بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچرىدى . سۇتۇق بۇغراىان بۇددىس ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ زور قەھرىمانلىق بىلەن خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا " ئالىپ تېكىن " (قەھرىمان شاھزادە ) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى . ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بۇددا دىنىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆز دۆلىتىنىڭ شەرقىي چېگراسى قىلىپ ، كۇچارنى بېكىتتى . مىلادىيە 954 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تېكىنگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن مۇسا تېكىن دەرھاللا قەشقەرگە قايتتى . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر ، دىنىي ئالىم ۋە سىياسىيون ، تالانتلىق ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خانى بولۇپ ، مىلادىيىنىڭ 955 - يىلى ئالامدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاتۇشتىكى مەشھەتتە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يېنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بولغان "گۈمبەز تول خاقانىيە" ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان . سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن چوڭ ئوغلى مۇسائىبىن ئابدۇلكەرىم بۇغراخان (تۈركچە ئىسمى بايتاش) ئارسلان بۇغراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلار تەختىدە ئولتۇردى ئۇ يەنىلا قەشقەرنى قاراخانىيلارنىڭ پايتەختى قىلدى . ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان بالاساغۇندا تۇردى. مۇسا ئارسلان بۇغراخان ئۆتكۈر سىياسەتچىلەردىن بولۇپ ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئالىم ئىدى . ئۇ قاراخانىيلار خاندانىنىڭ تەختىگە چىققاندىن كېيىن بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان دۆلەت مەمۇرىي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ، كۆپ قاتلاملىق ، كۆپ شەكىللىك ئىجتىمائىي تۈزۈمنى تىكلىگەن . شەرق قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۇلارغا مەلۇم مەمۇرىي ھوقۇق بەرگەن . قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە مەمۇرىي تۈزۈمنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇش ئۈچۈن ، بىر قاتار قانۇن - تۈزۈم ، نىزامنامىلەر تۇرغۇزۇلغان . مۇشۇ تۈزۈملەرنى تۇرغۇزۇپ ، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ بالاساغۇن ۋە قەشقەردىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەم دىنىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن . خوتەندىكى بۇددىستلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، خوتەننى ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن . ئۇ ئالىپ تېكىن باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمان قوشۇنىنى تەشكىللەپ ئىلىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىەە يۈرۈش قىلىپ ، ئالدى بىلەن قارا شەھەرنى ئىشغال قىلدى . ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق قاتارلىق رايونلارغا يۈرۈش قىلدى . قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنى ئىلىنى ئىشغال قىلىپ ، بۇ جايدىكى ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى مىڭلاقتىن سۈرۈپ چىقىرىپ ، ئۇ يەرلەرگە مۇسۇلمان تۈركلەرنى ئورۇنلاشتۇردى . دەل مۇشۇ مەزگىلدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى .... قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرى ئوتتۇرسىدا شىددەتلىك جەڭ بولدى ....ئالىپ تېكىن قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ، قۇجۇنى ئىشغال قىلدى . قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماي ، ئۆزلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا قېلىپ ، ئىچكى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا تەۋە بولدى .
ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىدە قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بەشبالىقتا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق شىددەتلىك جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئوغلى ئەبۇل فەتتاھ باتۇرلۇق بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ ، قازا قىلدى . ئالىپ تېكىننىڭ مازىرى جەنۇبىي تاغ ئېتىكىدە بولۇپ ، ھازىرمۇ خەلقلەر بۇ مازارنى "ئەل فەتتاھ غوجام" مازىرى دەپ ئاتايدۇ .
<< قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار >> نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.历史上的今天:
دا يازما ئارىسىغا Google ئېلانى قىستۇرۇش 2012-02-05دىن باشلانغان مۇھەببەت QQ 2012-02-05خوگو يەيدىغانلار دىققەت 2012-02-05
收藏到:Del.icio.us
ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىن F5 دىگن كۇنۇپكىنى بېسىم ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ