كۆرۈش: 1099|ئىنكاس: 24

بېلىق كاۋىپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 16:55:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

28.jpg

نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار بېلىق يەپ كەتمەيدۇ ، ئەمما ، سىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زەرەپشان دەرياسى بويلىرىغا بېرىپ قالسىڭىز ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق يەپلا قالماستىن بەلكى ، بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشتا دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان ، قەدىمي ۋە ئىپتىدائىي ئۇسسۇلنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز ، بۇ خىلدىكى بېلىق كاۋىپى باشقا ھەرقانداق بېلىق كاۋىپىغا قارىغاندا ئىنتايىن تەملىك ، ئەلۋەتتە.

27.jpg

     زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشىدا تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلار ئېلىپ بېرىلىدۇ: ئالدى بىلەن پۈتۈن بېلىقنىڭ قاسرىقى قىرىۋېتىلىدۇ ، بېلىقنىڭ قورساق قىسمى يېرىلىپ ، بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىدۇ . بېلىقنىڭ تەكشى پىشىشى ئۈچۈن بېلىقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ۋە ئاستىنقى قىسمىغا ئىككى تال قىسقا ياغاچ زىق توغرىسىغا پاراللېل ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ ، بېلىقنىڭ بەدىنى يەلپۈگۈچسىمان كېرىلىدۇ ، بېلىقنىڭ ئاغزىدىن قۇيرۇقىغىچە بىر تال تومراق يۇلغۇن زىق ئۇزۇنىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆتكۈزۈپ تەييار قىلىۋېلىنغان پۈتۈن بېلىقلار بېلىقنىڭ بەدىنىگە ئۆتكۈزۈلگەن توم زىق ئارقىلىق دەريا بويىدىكى قۇم ساھىلىغا يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە سانجىپ ، تىزىلىدۇ ، ‹‹چەمبەر›› نىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇپ كەتكەن توغراق ئوتۇنى ياكى يۇلغۇن شاخچىلىرىدىن كىچىك گۈلخان ياسىلىپ ، بېلىق ئۇنىڭ ئوتىدا بىر سائەتلەر ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ . پىشۇرۇپ ئېلىنغان بېلىق كاۋىپىغا تۇز ، مۇچ ئۇۋىقى ، زىرىلەر سېپىلسە ، بېلىق كاۋىپى تېخىمۇ خۇش پۇراق ۋە يېيىشلىك بولىدۇ.

25.jpg


24.jpg


26.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 13:13:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ھەجەپ يىگىسىنى كەلتۈردا ....


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 1

تىللا
24
تۆھپە
0
UID
33
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-16 13:24:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىق گوشى بىلەن توخۇ گوشىنى يىسە ؟


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئەلئامان
تىللا
220
تۆھپە
48
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-17 18:35:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخۇ گۆشىدىن بېلىق گۆشىنى ئوبدان يەيمەن. بىراق... گۆش يىمىگىلى ئۈزۈن زامان:L


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
891
تۆھپە
819
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 14:53:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم تاتقان رەسىملەر بۇ ؟
  ھەجەپ روھلۇق ياخشى چىقىپتۇ ؟


خۇدايىم ھەممىمىزنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ، ئەخۇ - ئەھخۇ !!!! . سوغۇق كىرىپ قالدى ، نەۋرىلەر قىلىنراق كىيىنسۇن .

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
0
UID
51
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 18:14:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كاۋاپ يەيدىغان ۋاقىت ئەمەس


Rank: 8Rank: 8

تىللا
338
تۆھپە
157
UID
50

تەڭرىتاغ گۈزىلىمېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 18:34:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا،،،،ئا  كاۋاپلارنى!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
157
تۆھپە
37
UID
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-18 18:49:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارالبېشىنىڭ كاۋاپلىرى ئوخشىمامدۇ؟


Rank: 1

تىللا
77
تۆھپە
0
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 17:46:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىيونېر يوللىغان ۋاقتى  2011-8-18 18:49
مارالبېشىنىڭ كاۋاپلىرى ئوخشىمامدۇ؟

خىزمەت ئۈستىلىمگىلا كەلسىچۇ شۇ كاۋاپلا...قورساق ئاچ چاغدا مەندىن ئاشمايتتى.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
189
UID
62

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-25 20:56:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئادەت تارىم دەريا ۋادىلىرىدىمۇ بۇگۇنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇيغۇلارنىڭ قەدىمقى زامانلاردىكى يىمەك- ئىچمەك ئادەتلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن بىزنى تەمىنلەيدۇ . ئۇندىن باشقا بېلىق گۆشىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل تۈگۈپ تاماقلارنىمۇ ئەتكەن ، ھەم قۇرۇتۇپ ئېلىپ تالقان ئورنىدا يىراق سەپەرلەرگە ئاتلانغاندا ئىستىمال قىلغان .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
147
تۆھپە
48
UID
71

تەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 00:05:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرسا بولغۇدەك جۇمۇ .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arzigulj تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-28 00:06  



Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
0
UID
72
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 16:29:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئىشچان خەلىق بىز    نىمىدىگەن ئوخشىغان بېلىق كاۋاپ بۇ


Rank: 4

ئىسمى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
تىللا
253
تۆھپە
96
UID
75
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-31 11:59:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ خىل بېلىق كاۋىپى يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا _تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان يەكەن، مەكىت، مەرالبېشىلاردا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان.يەكەندە كەچلىك بازاردىمۇ تىجارەتچىلەر بېلىقنى مۇشۇنداق ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىدۇ.بېلىق كاۋىپى يېگەچ كەچ بازارنىڭ پەيزىنى سۈرۈش تولىمۇ راھەت!


Rank: 1

تىللا
20
تۆھپە
10
UID
98
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 12:40:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاۋاپ قىلغان بېلىقنىڭ كىلوسى 50يۈەن، راۋۇرۇس بېلىقتىن بىرەنى يەي دىسىڭىز 200~300 يۈەنگە يەيسىز،،قايسى كۈنى بىز تېخى ئامبارغا بېرىپ بىر بېلىقىنى سېتىۋالغان...... تەمى بوپ قۇيىدۇ،


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
157
تۆھپە
37
UID
12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 17:15:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arzigulj يوللىغان ۋاقتى  2011-8-28 00:05
بۇ قىتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشتۇرسا بولغۇدەك جۇمۇ ....

ياخشى تەكلىپ بولدى، ساياھەتچىلىك ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى ئېچىلىدۇ...


Rock'N Roll!

Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
3
UID
164
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 19:31:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بۇ يەردە پىشۇرساق ئۇلار پىشۇرغان تەمگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. شۇ يەرنىڭ سۈيىنى ئىچكەن بېلىقنى شۇ يەرنىڭ ئوتى بىلەن پىشۇرسا ئاندىن تەملىك بولىدۇ.


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
3
UID
202
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-27 20:07:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىمەك-ئېچمەك مەدىنيىتىمۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە.


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
297
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 09:50:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە مۇبارەك بولسۇن!
ئاۋۇ رەسىملەرگە بىسىلغان بىكەت تامغىسى بەك چوڭ بۇلۇپ كېتىپ رەسىمنىڭ گۇزەللىكىنى بۇزۇۋىتىپتۇ،
بۇنداق چوڭ تامغا سىلىۋىتىشنىڭ ئورنى يوققۇ-دەيمەن؟


Rank: 4

ئىسمى
قاراقاش
تىللا
352
تۆھپە
174
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 14:19:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بېلىق پۇراپ كەتتى .بېلىقنىڭ پۇرقى بۇرنۇمغا كىرىپ كەتسە ھۆ بۇلدىغان مەن.لىكىن گۈشىنى خېلى يەپ قۇيمەن


Rank: 1

ئىسمى
ئەكپەر
تىللا
28
تۆھپە
9
UID
342
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 18:11:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلقنېڭ قلتېر قې بولمغان بولسا  كاساپەت
قانچېلەك يەپكېتەتتۇقكې؟؟؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:26, Processed in 0.079539 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش