شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىنىڭ تور بېتى قۇرۇلدى
قەدىرلىك دوستلار، بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، بىز ئۇلارنىڭ سەبىي قىلىقلىرى ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ يىراقتا قالغان بالىلىق تۇيغۇلىرىمىزنى، گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىزنى ئەسكە ئالىمىز. بەزىدە ھەتتا ئاشۇ غەمسىز ئويناپ يۈرىدىغان بالىلىق دەملىرىمىزگە قايتقۇمىز كېلىپ كېتىدۇ. دىيارىمىزدىكى ئۆسمۈرگە بېغىشلانغان، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى تور بېكەت — شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر تورى بىزنىڭ ئاشۇ يىراقتا قالغان بالىلىق ئەسلىمىلىرىمىزنى قايتىدىن ئېسىمىزگە سالىدۇ. دوستۇم قېنى مەرھەمەت، بۇ تورنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ.
تور ئادرىسى : http://www.osmurlar.com/bak/node_100.htm