تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 22869|ئىنكاس: 100

«ئانارخان» فىلىمىدىكى دىلرابا يېڭى مۇھەببەت فىلىمدە رول ئالدى.

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

1

ئەگەشكۈچى

860

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
211
مۇنبەر پۇلى
464
ئىشەنىچ
211
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 19:43:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئانارخان» فىلىمىدىكى دىلرابا يېڭى مۇھەببەت فىلىمدە رول ئالدى


    ياڭ مىنىڭ تۇنجى ئىشلىگەن فىلىمى يېڭى زامان ياشلىرىنىڭ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «تور دەۋرىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار: تۇنجى مۇھەببەت» شاڭخەيدە لېنتىغا ئېلىنىشقا باشلىدى. يېقىندا بۇ فىلىم گۇرۇپپىسىدىكىلەر لېنتىغا ئېلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ فىلىمدە رول ئالغانلاردىن ياڭ مى، يۈ ۋىنلې، جۇ بىچاڭ، تەن ۋىيۋىي قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بولۇپلا قالماستىن، يەنە ياڭ مى بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىنىپ تاپقان يېڭى چولپانلارمۇ تاراتقۇلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. بۇ فىلىمدىكى مەيلى ئەر چولپان ياكى ئايال چولپانلار بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق نازاكەتلىك ۋە قاملاشقان بولۇپ، فىلىمدىكى چولپانلارغا قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر ھۇزۇر. يېڭى كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان چولپانلار بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ سەككىز چولپان ياڭ مىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە، Tسەھنىدە كۆرگەزمىگە ماڭغان شەكىلدە مەيدانغا چىقتى.
    فىلىم ئىشلىگۈچى ياڭ مى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم جۇڭگودىكى داڭلىق شەھەر شاڭخەينى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان ھالدا بىر تۈركۈم يېڭى ئىنتېرنېت دەۋرىدە ئالدىنقى ئەجدادلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئاجايىپ باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان 85-يىلىدىن كېيىن ۋە 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ مۇھەببەت، قېرىنداش ۋە دوستلۇق ھەققىدىكى ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان. بۇ فىلىمدىكى يېڭى چولپانلىرىمىز: دىلرابا («ئانارخان» فىلىمىدىكى باش رولچى)، گاۋ ۋىيگۇاڭ، شياۋ يۈيۈ، جاڭ بىنبىن، لى شىرۈي، جاڭ يۈنلۇڭ، بيەن يۈ، ياڭ چىڭچىڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى سەنئەت مەكتەپلىرى، ۋاسىتىچى شىركەتلەر، مودېل شىركەتلىرىدىن قايتا-قايتا ئىمتىھان ئېلىپ، «دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك» ئىزدەپ تاللىغان چولپانلار. ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى بىلەن ئازراقمۇ ئوخشىشىدىغان تەرىپى يوق، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوخشاشلىقى ھەممىسىلا شۇنداق چىرايلىق، يەنى قاملاشقان يىگىت، نازىنىن قىزلاردىن تۈزۈلگەن.
    بۇ يېڭى چولپانلارنىڭ ئىپادىسى ھەققىدە توختالغاندا، ياڭ مى ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ پۈتۈن زېھنىنى فىلىمگە قارىتىپ ئەستايىدىللىق بىلەن رول ئېلىۋاتقانلىقىنى، خىزمەتچى خادىملار بىلەن ياخشى ماسلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئانارخان» فىلىمدە ئانارخاننىڭ رولىنى ئالغان ئۇيغۇر چولپان دىلرابا دىلمۇرات



بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان يېڭى چولپانلار















    «تور دەۋرىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار: تۇنجى مۇھەببەت» فىلىمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
    بۇ فىلىمدە ياڭ مى تۇنجى قېتىم پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمان بولۇپ، فىلىمدىكى باش رولچىلارنى تاللاش، ئارتىسلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، چاچ پاسونى، گىرىمى قاتارلىقلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى لىيۇ يىجى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم جۇڭگودىكى داڭلىق شەھەر شاڭخەينى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان ھالدا بىر تۈركۈم يېڭى ئىنتېرنېت دەۋرىدە ئالدىنقى ئەجدادلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئاجايىپ باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان 85-يىلىدىن كېيىن ۋە 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنىڭ مۇھەببەت، قېرىنداش ۋە دوستلۇق ھەققىدىكى ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان. بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئۇلار كۈندە بىلوگ، ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، بىشدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە پىكىرلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىشنى بىلىدۇ، ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق، ئەمما ئۇلار ئۆز بېشىمچى، پىشىپ-يېتىلمىگەن. بۇ فىلىم ئارقىلىق بۇ ياشلارغا ئۆزلىرىنىڭ قانداق تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش.

    دىلرابا دىلمۇراتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
    ئىسىم-فامىلىسى: دىلرابا دىلمۇرات
    دۆلەت تەۋەلىكى: جۇڭگو
    مىللىتى: ئۇيغۇر
    تۇغۇلغان يۇرتى: ئۈرۈمچى
    تۇغۇلغان ۋاقتى: 1992-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى
    كەسپى: ئاكتىيورلۇق
    ئېگىزلىكى: 1.71 مېتىر
    ئېغىرلىقى: 43 كىلوگىرام
    دىنىي ئېتىقادى: ئىسلام دىنى
    ئوقۇغان مەكتەپلىرى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى (ئوتتۇرا تېخنىكوم)، شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (تەييارلىق)، شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى
    پىششىق بىلىدىغان تىللىرى: ئۇيغۇر تىلى (ئانا تىلى)، خەنزۇتىلى (كىچىكىدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان)، ئېنگلىز تىلى، رۇس تىلى
    دىلرابانىڭ دادىسى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى بولغاچقا، ئۇ كىچىكىدىن سەنئەتكە زور ئىشتىياق باغلىغانىدى. رويال، ئىسكىرىپكا، گىتار چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاكتىپلىق ئۆگىنىدىغان دەرسلىرى بولۇپ قالغان. توققۇز ياش ۋاقتىدا دادىسى ئۇنى سەنئەت مەكتىپىگە ئېلىپ بېرىپ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرغاندا، ئۇ كۇرسقا قاتناشقان ئوخشايمەن دەپ ئويلىمىغان، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن كەسپىي ئۇسسۇل مەكتىپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، ئەمما ئۇ ئۇسسۇلغىمۇ ئىشتىياق باغلىغانلىقتىن، بۇ مەكتەپتە زور خۇشاللىق بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن ۋە 15 يېشىدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ قالغان. كېيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشىنىڭ بۇ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، قايتىدىن ئېمتىھان بېرىشنى قارار قىلغان. ئۇ رويالنى ياخشى چالىدىغان بولغاچقا، مەركىزىي مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بەرمەكچى بولغان، ئەمما ئىمتىھان بەرگىلى بارغاندا مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى بىلەن شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاكتىيورلۇق كەسپىگە ئىمتىھان بەرمەكچى بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتىدۇ.
    قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى:
    2009-يىلى «جىلىن ئۆلكىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى ناخشىلار مۇسابىقىسى» دە ئۆلكە دەرىجىلىك 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
    2010-يىلى لۇ چۈەن رېژىسسورلۇق قىلغان «خاننىڭ زىياپىتى» ناملىق فىلىمدە ئايال باش پېرسۇناژ يۈ جىنىڭ رولى سىناق سىنغا ئېلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن.
    2012-يىلى چىن بولىن باش رول ئالغان SONY ئېلانىنىڭ باش ئايال رولچىسى بولغان. يەنە شۇ يىلى «aigirl» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.
    2013-يىلى «تور دەۋرىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار: تۇنجى مۇھەببەت» نىڭ سىنغا ئېلىش ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

دىلرابا دىلمۇراتنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرى:





























مەنبە: news.mtime.com

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

4

تېما

1

ئەگەشكۈچى

871

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
121
مۇنبەر پۇلى
743
ئىشەنىچ
121
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:37:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىز ھەقىقەتەن ئاكتىيورلۇقتا پىشىپ يېتىلگەن ئىكەن، رولنى ناھايىتى تەبىئىي ئالىدىكەن.

22

تېما

0

ئەگەشكۈچى

638

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
111
مۇنبەر پۇلى
466
ئىشەنىچ
111
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:58:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ھالدا تارتقان جاپاسىغا چۇشلۇق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، سالامەت بولغاي ئىلاھىم!

4

تېما

5

ئەگەشكۈچى

833

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
239
مۇنبەر پۇلى
555
ئىشەنىچ
239
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 11:40:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

2

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1790

جۇغلانما

禁止发言

تۆھپە
288
مۇنبەر پۇلى
686
ئىشەنىچ
288
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 11:52:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

2

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1790

جۇغلانما

禁止发言

تۆھپە
288
مۇنبەر پۇلى
686
ئىشەنىچ
288
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 11:54:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

2

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1790

جۇغلانما

禁止发言

تۆھپە
288
مۇنبەر پۇلى
686
ئىشەنىچ
288
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 12:04:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

2

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1790

جۇغلانما

禁止发言

تۆھپە
288
مۇنبەر پۇلى
686
ئىشەنىچ
288
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 12:07:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

2

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1790

جۇغلانما

禁止发言

تۆھپە
288
مۇنبەر پۇلى
686
ئىشەنىچ
288
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 12:11:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

44

تېما

15

ئەگەشكۈچى

1538

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئىنكاس شاھى
تۆھپە
113
مۇنبەر پۇلى
660
ئىشەنىچ
113
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 12:14:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇيغۇر ئارتىسلىرىغا ئۆچ شۇڭا كىنو كۆرمەي ، خەۋەر كۆرىمەن !

باھا سۆز

ئىسىل: 2.5
yultuzay0997 شۇڭا ئۇلا ئارتىسدە  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 21:06
yultuzay0997 ئۇ دىگەن كەسىپ خىزمەت ئۈچۈندۈ بەلكىم  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 21:05
yiltiziturk ئىسىل: 5
داڭلىق ئۇيغۇر ئەرتىسلىرىمىزنىڭ قىرىنداش مىللەتلەرگە خوتۇن بولۇپ كىنوغا چىقىشىنى ئانچە كۆرگۈ   يوللىغان ۋاقتى 2013-9-16 14:39
ھاجىگۈل دادىڭىز باشقىچە دادىكەن دە؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:21
ھاجىگۈل سىزگە ئاپىرىن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:04
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 11:04, Processed in 0.113658 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش