- تىزىملاتقان
- 2012-11-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-28
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 179
- نادىر
- 0
- يازما
- 26

- تۆھپە
- 50
- مۇنبەر پۇلى
- 127
- ئىشەنىچ
- 50
| بىر كۈنى نەسىردىن ئەپەندىم ئىشىكىگە خوتۇنىنى مىنگەشتۇرۈپ بازارغا مېڭىپتۇ،مەھەللىدىكىلەر:نىمە دىگەن رەھىمزىز ئادەم سىز،كىچىككىنە ئېشەككە ئىككى ئادەم مىنىۋالغان بارمۇ؟ ديىشىپتۇ.يەنە بىر بازار كۈنى ئەپەندىم،ئۆزى پىيادەمېڭىپ،خوتۇنىنى ئىشەككە مىندۇرۇپ بازارغا مېڭىپتۇ،مەھەللىدىكىلەر:-نىمە دىگەن ئاخماق ئادەم بۇ،ئۆزى پىيادە مېڭىپ خوتۇنىنى ئىشەككە مىندۈرىۋاپتۇ،دەپ سۆز چۆچەك قىلىشىپتۇ.يەنە بىر قېتىم ئەپەندىم ئۆزى ئىشەككە مىنىپ،خوتۇنىنى پىيادە ماڭدۇرۇپ بازارغا مېڭىپتۇ،مەھەللىدىكىلەر:-ماۋۇ ئادەمنىڭ دۆتلىگىنى،ئىشەككە ئۆزى مىنىۋىلىپ خوتۇنىنى پىيادە ماڭدۇرۇپ قويۇپتۇ،ئايال كىشى تۇرسا!......دىيىشىپتۇ.كۆپچىلىك دەپ بېقىڭلارچۇ،ئەپەندىم قانداق قىلسا بولار؟ بۇنداق ئىش ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بەك كۆپىيىپ كەتتى،ئۇنى قىلسىمۇ بولمايدۇ دەۋاتقان،بۇنى قىلسىمۇ بولمايدۇ دەۋاتقان،سىلەرچە بىز ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن،ھىچ ئىش قىلماي،ئىپتىدائى ھالىتىمىزگە قايتىپ،ياشىساق بولامدۇ؟ئاللاھ ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا تۇغۇلۇش،ئۆلۈش ئۈچنلا ياراتقانمۇ؟سىلەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا ياشاش،زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ھوقۇقى يوقمۇ؟ئۇ قىز پەقەت بىر كىنودا رول ئاپتۇ،سىلەر دىگەندەك پاھىشە بولۇپ كەتكىنىنى،يات مىللەت بىلەن بىللە ياتقىنىنى سىز،بىز تېخى ئاڭلىمىدۇق ھەم كۆرمىدۇق،شۇنداق تۇرۇقلۇق ،بىز نىمىلەرنى دەپ كەتتۇق،بەزىلەر بىلىپ بىلمەي ئاللاھقا شېرىك كەلتۇردى!!چۇنكى- غايىپنى، پەقەت پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ! شۇڭا ئى قېرىنداشلىرىم،ھەر ئىش بولسا ئالدىراقسانلىق قىلماي ،ھىسسىياتقا بېرىلمەي،سوغوققانلىق بىلەن يەكۈن چىقىرايلى! |
|