تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 660|ئىنكاس: 1

بىزەڭلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

3

دوست

5282

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
823
مۇنبەر پۇلى
3001
ئىشەنىچ
823
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-8 10:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزەڭلەر
ئازادجان ئىبراھىم
قاتتىق ئېيتىپ كەلمە دەپ زەربە بېرىپ تۇرساڭمۇ ،
كالتەك ئېلىپ قولۇڭغا پايخىنىغا ئۇرساڭمۇ،
يوقال كەت دەپ ھەركۈنى ئۆيلىرىگە سۈرسەڭمۇ،
ئىشىكىڭدىن ھەركۈنى كەتمەيدىكەن بىزەڭلەر.

گەپ ئاڭلىماي ھەردائىم ئىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ،
ھەرقەدەمدە سەۋەنلىك جىنايەتلەر ئۆتكىزىپ،
ئۆزى كەتمەي قاتاردىن ياخشىلارنى كەتكۈزۈپ،
كىشىلەرنىڭ ھالىغا يەتمەيدىكەن بىزەڭلەر.

ئۆز ئىشىنى ھەرقاچان ئۆزى تېپىپ قىلماستىن ،
زىددىيەتنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى بىلمەستىن،
زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىشنى قىلاي دېمەستىن،
ھەممە ئىشنى ئۆزۈڭگە يۈكلەيدىكەن بىزەڭلەر.

جاپاتارتىپ تەر تۆكۈپ  ئۆي ئىمارەت سالغاندەك،
بەيگىلەردە غەلبىنى ئۆزى يالغۇز ئالغاندەك،
ئېغىر ئەمگەك دەستىدىن بىتاپ بولۇپ قالغاندەك،
پۇت،قولۇمنى،ئۇچامنى تۇت دەيدىكەن بىزەڭلەر.

ھەممە ئادەم زېرىكىپ بىزار بولۇپ قاچقاندا،
كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ خىياللارغا پاتقاندا،
چۈشكە تاپسا كەچكە يوق قارنى يەنە ئاچقاندا،
ئۆزگىلەرگە مىھمان قىل كۈت دەيدىكەن بىزەڭلەر

يېتىۋالسام ئۆيۈمدە ئېشىم تەييار بولسا دەپ،
مىھنەت قىلماي ،تەر تۆكمەي بەخىت قۇشى قونسا دەپ،
پۇل تاپقانلار يۆلىسە داستىخىنىم تولسا دەپ،
ئىش قىلىشنى ئۆزىگە يۈك دەيدىكەن بىزەڭلەر

تۇراغۇم يوق ئۆيۈڭدە بىرنەچچە كۈن قوناي دەپ،
باشقا يەرنىڭ ئېپى يوق مۇشۇ يەردە تۇراي دەپ،
كېرەكلىكنى ئۆزۈمگە يەنە سەندىن سوراي دەپ،
كىرىۋالسا ئۆيۈڭگە چىقمايدىكەن بىزەڭلەر.
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كۈنەس

197

تېما

1

دوست

6469

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3232
مۇنبەر پۇلى
2639
ئىشەنىچ
3232
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-9 16:09:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي سىزنى بۇ بىزەڭلەر  تۇلىمۇ خاپا قىلىۋەتتىمۇ نىمە،چاخچاق ياخشى مەسىلىنى شىئىر پىكىر ئارقىلىق گەۋدىلەندۇرۇپسىز،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-31 13:11, Processed in 0.121918 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش