« ئافغانىستانلىق قىز » نى كۆرۈپ ...
ــــــ ئاۋۇت بارات
بەدىئىيلىكى ۋە راس – رىئاللىقى بىلەن نۇرغۇن ئاپتورلارنى ۋە ساپ تۇيغۇ ئىگىلىرىنى ئۆزىگە چىڭ مەھلىيا قىلغان « ئافغانىستانلىق قىز » ناملىق سۈرەتنى ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىدا كۆرۈپ ، ئوخشاشلا مەنمۇ چوڭقۇر تەسىرلەندىم ، ھازىر ھېس – تۇيغۇمدا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر فوتۇگرافىيە تورىنىڭ قۇرغۇچسى يۇقىرى سەزگۈ ، مول تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇ –ئۈمىدكە تولغان سۈرەتنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قولغا قەلەم ئالغان داڭلىق فوتوگراف قۇربانجان مۇھەممەتكە ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايمەن . ئاپتۇر سىتۋېن مەككەرۇي سۈرەتنى 1984-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ھەقىقى تەبئىي گۈزەللىككە تويۇندۇرۇپ تارتقان بولۇپ ، قىزنىڭ سۈرەتتىكى ئۇرۇش مالىمانلىقىدىن غەزىۋى تاشقان سىياقى ماڭا شۇنداق تىز تەسىر قىلدىكى ، ئۇنىڭ قورقماس جاسارىتى ، شۇ چاغدىلا توختاتقىلى بولمايدىغان غەزەپ – نەپرىتى ، كۆڭلىگە پۈتكۈن ئارزۇ – ئۈمىدى ....كۆرۈنۈپلا تۇراتتى . قىزنىڭ بېشىغا ئارتقان ياغلىقى ھەم ھەر بىر تال قۇيقى چېچى ئۇنىڭ گۈزەل بەستىگە ، روھى – ھالىتىگە قۇيۇپ قويغاندەك ياراشقان بولۇپ ، ئادەمنىڭ كۆزىنى ئوتقاش بولۇپ چاقنىتاتتى . سۈرەتنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى شۇنى ھېس قىلىدۇكى ، ئاپتۇر سۈرەتنى تارتىدىغان چاغدا ، ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي ، سۈرەتنىڭ تەبىيلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ، قىزنىڭ نەشتەردەك تىكىلىپ تۇرغان ئاتەش كۆزىدىن ئافغانىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا بولغان غەزەپ – نەپرىتى ، تاجاۋۇزچىلار ئۈسىتىدىن چوقۇم غالىپ كېلىدىغان قەيسىرانە روھى – ئۆڭمەس باتۇرلىقى ، كەلگۈسىگە بولغان ئاجايىپ گۈزەل ئۈمىدى ئىپادىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ . مەن بۇ سۈرەتنىڭ چىن رىئاللىقى ۋە تەبىئيلىكى دەل مۇشۇ يەردە دەپ قارايمەن . راستىنى ئېيىتسام ، سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن ، خىيالىمدا ئۆزگىچە چىرماش ھېس – تۇيغۇلار كۆپەيدى . ئاخىرىدا ، فوتو ھەۋەسكارلىرىغا ئىككى كەلىمە سۆزۈمنى قالدۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ : فوتوگرافلىق كەسپى دۇنيا ئەھلى ئېتراپ قىلغان ، دۆلەت ياكى مىللەت دەپ شەرت قۇيۇلمىغان ئەڭ مۇكەممەل ئەركىن كەسىپ . ھەر كەسىپنىڭ ئۆز ئالدىغا خۇشاللىقى ۋە جاپاسى بولىدۇ ، ئۆز كەسپىگە ھەقىقى ئىشتىياق باغلىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ جاپاسى قانچە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر راھەت بىلىنىدۇ ، ئەشۇنداق ھېس قىلىدىغان فوتوگراف سۈرەت تارتقاندا ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ . تىنىڭلاردا ماغدۇر ، ۋۇجۇدۇڭلاردا غەيرەت بولسىلا ، ئۇستازلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ ، فوتو كەسپىنى ھەقىقىي سۆيۈپ ، بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تارىخى ئىزلارنى ۋە رەڭگارەڭ رىئالنى تەبئىي كۆرۈنۈشلەرنى ۋاختىدا ئەينەن سۈپەتلىك خاتىرلەپ ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا يەتكۈزۈشكە تىرىشقايسىلەر . |