تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1212|ئىنكاس: 5

« ئافغانىستانلىق قىز » نى كۆرۈپ ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

41

تېما

0

دوست

439

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
57
مۇنبەر پۇلى
265
ئىشەنىچ
57
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 10:18:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئافغانىستانلىق قىز » نى كۆرۈپ ...

ــــــ ئاۋۇت بارات
Afganistanlik Kiz.jpg


بەدىئىيلىكى ۋە راس – رىئاللىقى بىلەن نۇرغۇن ئاپتورلارنى ۋە ساپ تۇيغۇ ئىگىلىرىنى ئۆزىگە چىڭ مەھلىيا قىلغان « ئافغانىستانلىق قىز » ناملىق سۈرەتنى ئۇيغۇر فوتوگرافىيە تورىدا كۆرۈپ ، ئوخشاشلا مەنمۇ چوڭقۇر تەسىرلەندىم ، ھازىر ھېس – تۇيغۇمدا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇيغۇر فوتۇگرافىيە تورىنىڭ قۇرغۇچسى  يۇقىرى سەزگۈ ، مول تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇ –ئۈمىدكە تولغان سۈرەتنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قولغا قەلەم ئالغان داڭلىق فوتوگراف قۇربانجان مۇھەممەتكە ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايمەن .
ئاپتۇر سىتۋېن مەككەرۇي سۈرەتنى 1984-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ھەقىقى  تەبئىي گۈزەللىككە تويۇندۇرۇپ تارتقان بولۇپ ، قىزنىڭ سۈرەتتىكى ئۇرۇش مالىمانلىقىدىن غەزىۋى تاشقان سىياقى ماڭا شۇنداق تىز تەسىر قىلدىكى ، ئۇنىڭ قورقماس جاسارىتى ، شۇ چاغدىلا توختاتقىلى بولمايدىغان غەزەپ – نەپرىتى ، كۆڭلىگە پۈتكۈن ئارزۇ – ئۈمىدى ....كۆرۈنۈپلا تۇراتتى . قىزنىڭ بېشىغا ئارتقان ياغلىقى ھەم ھەر بىر تال قۇيقى چېچى ئۇنىڭ گۈزەل بەستىگە ، روھى – ھالىتىگە قۇيۇپ قويغاندەك ياراشقان بولۇپ ، ئادەمنىڭ كۆزىنى ئوتقاش بولۇپ چاقنىتاتتى .
سۈرەتنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى شۇنى ھېس قىلىدۇكى ، ئاپتۇر سۈرەتنى تارتىدىغان چاغدا ، ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي ، سۈرەتنىڭ تەبىيلىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ، قىزنىڭ نەشتەردەك تىكىلىپ تۇرغان ئاتەش كۆزىدىن ئافغانىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلارغا بولغان غەزەپ – نەپرىتى ، تاجاۋۇزچىلار ئۈسىتىدىن چوقۇم غالىپ كېلىدىغان قەيسىرانە روھى – ئۆڭمەس باتۇرلىقى ، كەلگۈسىگە بولغان ئاجايىپ گۈزەل ئۈمىدى ئىپادىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ .
مەن بۇ سۈرەتنىڭ چىن رىئاللىقى ۋە تەبىئيلىكى دەل مۇشۇ يەردە دەپ قارايمەن . راستىنى ئېيىتسام ، سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن ، خىيالىمدا ئۆزگىچە چىرماش ھېس – تۇيغۇلار كۆپەيدى .
ئاخىرىدا ، فوتو ھەۋەسكارلىرىغا ئىككى كەلىمە سۆزۈمنى قالدۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ : فوتوگرافلىق كەسپى دۇنيا ئەھلى ئېتراپ قىلغان ، دۆلەت ياكى مىللەت دەپ شەرت قۇيۇلمىغان ئەڭ مۇكەممەل ئەركىن كەسىپ . ھەر كەسىپنىڭ ئۆز ئالدىغا خۇشاللىقى ۋە جاپاسى بولىدۇ ، ئۆز كەسپىگە ھەقىقى ئىشتىياق باغلىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ جاپاسى قانچە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر راھەت بىلىنىدۇ ، ئەشۇنداق ھېس قىلىدىغان فوتوگراف سۈرەت تارتقاندا ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ .
تىنىڭلاردا ماغدۇر ، ۋۇجۇدۇڭلاردا غەيرەت بولسىلا ، ئۇستازلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ ، فوتو كەسپىنى ھەقىقىي سۆيۈپ ، بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تارىخى ئىزلارنى ۋە رەڭگارەڭ رىئالنى تەبئىي كۆرۈنۈشلەرنى ۋاختىدا ئەينەن سۈپەتلىك خاتىرلەپ ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا يەتكۈزۈشكە تىرىشقايسىلەر .

0

تېما

3

دوست

5079

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1184
مۇنبەر پۇلى
3815
ئىشەنىچ
1184
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-4 11:41:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە تولاراق ياساپ-تىزىپ-رەتلەپ...تارتىلغان سۈرەتلەر كۆپرەك.شۇڭا كىشىنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.روھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بۇ سۈرەت تەبىئىلىكى بىلەن ئاۋۇت ئەپەندىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلغاچقا،بۇ قىسقا،چوڭقۇر ھېسسىياتلىق يازمىنى تەقدىم قىپتۇ.رەھمەت!

3

تېما

10

دوست

1190

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەمەتبارات
تۆھپە
442
مۇنبەر پۇلى
822
ئىشەنىچ
442
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-12 23:13:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akikatanmu.  tasirlik.   yahxi.yullapsiz.rahmat

14

تېما

3

دوست

535

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
59
مۇنبەر پۇلى
432
ئىشەنىچ
59
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 19:48:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىشقەدەم فوتوگراف ئاۋۇت باراتكام بۇ يازمىسىنى ناھايىتى ياخشى يېزىپتۇ . تورداشلارنىڭ ئەسلى تېمىنى كۆرۈپ بېقىشىغا قولايلىق بولسۇن دەپ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى يوللاپ قويدۇم :
http://www.uyfoto.com/forum.php?mod=viewthread&tid=912
ئالدىراپ چىقىرىلغان يەكۇن دانالىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.

7

تېما

3

دوست

1634

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
نۇرئېلى ھېدايەت
تۆھپە
566
مۇنبەر پۇلى
986
ئىشەنىچ
566
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 22:07:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشتۇمتۇت كۆرۈپ قالسا سەل شۈركىنەمدۇ نىمە
ئۇنۇتتۇڭ دەپ ئويلىما زىنھار،
ئۇنتۇش ئۇنداق ئاسان بولمىغاي،
ئۇنتۇش شۇنداق ئاسان بولسا گەر،
بۇدۇنيادا ئازاب بولمىغاي..........

7

تېما

3

دوست

1634

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
نۇرئېلى ھېدايەت
تۆھپە
566
مۇنبەر پۇلى
986
ئىشەنىچ
566
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 22:08:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشتۇمتۇت كۆرۈپ قالسا سەل شۈركىنەمدۇ نىمە
ئۇنۇتتۇڭ دەپ ئويلىما زىنھار،
ئۇنتۇش ئۇنداق ئاسان بولمىغاي،
ئۇنتۇش شۇنداق ئاسان بولسا گەر،
بۇدۇنيادا ئازاب بولمىغاي..........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-12 13:35, Processed in 0.129268 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش