كۆرۈش: 4165|ئىنكاس: 2

پۇل ھەققىدە كوچا پاراڭلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
274
UID
26439
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:01:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇل ھەققىدە كوچا پاراڭلىرى


     
      ھالال ئەمگەك بىلەن تاپقان پۇل - سېنى بەختلىك ھەم خاتىرجەم قىلىدۇ.
      مۇكاپاتلىنىپ ئېرىشكەن پۇل - سېنى تېخىمۇ ئىشچان قىلىۋېتىدۇ.
      كۈندە تاپقان پۇل - سېنى تىرىشچان ھەم ئىختىسادچان قىلىۋېتىدۇ.
      ھارامدىن تاپقان پۇل - سېنى كېچە - كۈندۈز بىئارام قىلىۋېتىدۇ.
      ئوغرىلاپ تاپقان پۇل - يۈرىكىڭنى پوكۇلدىتىۋېتىدۇ.
      ئالدامچىلىق قىلىپ تاپقان پۇل - ۋىجدانىڭنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.
      قىمار ئويناپ تاپقان پۇل - سېنى ئاچكۆز قىلىۋېتىدۇ.
      خىيانەت قىلىپ تاپقان پۇل - روھىڭنى چىرتىۋېتىدۇ.
      خەقنىڭ پۇلىنى ئالساڭ - قايتۇرماق تەس كېلىدۇ.
      باشقىلارنىڭ تەبرىك پۇلىنى ئالساڭ - ھەسسىلەپ قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
      مەنبە: ئاڭلىغانلىرىمدىن


ئىلىم ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم


      
      ئېلىم بۇ ئالەمدىكى بىرىنچى تۈگمەس قۇۋۋەت مەنبەسى، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى مۇشۇ قۇۋۋەت مەنبەسىگە ئۇلانغاندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەقىل چىرىغى يورىغان.
      ئىنسان، باشقا بارلىق جانلىقلاردىن ئەقىل جەھەتتىنلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، دېمەك ئىنساننى ئەقىل ئىگىسى قىلغان نەرسە ئىلىمدۇر.
      ئىلىم ئېلىش، ئۆگەتكۈچى ئۇستاز بىلەن ئۆگەنگۈچى شاگىرت ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي پائالىيەتتۇر، ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم شەكىللىنىدۇ. دېمەك ئۆگەنگەندىلا مۇۋەپپەقىيەت بارلىققا كېلىدۇ.                                 
      ئادەم ئۆمرى چەكلىكتۇر، بىلىم ئېلىش چەكسىزدۇر، چەكلىك ئۆمۈردە چەكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلىمى ئارقىلىقلا نامايان قىلغۇچىلاردۇر.
      مەنبە: ئىجادىيىتىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 11:56  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ياسىنجان
تىللا
454
تۆھپە
233
UID
24291
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 19:14:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ساۋاتلاركەن بۇ ..رەھمەت سىزگە


Rank: 4

تىللا
259
تۆھپە
157
UID
25911
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 23:38:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان ماقالىڭىزغا رەخمەت.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 13:28, Processed in 0.072803 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991