noshirwan يوللىغان ۋاقتى 2011-8-26 14:26 
باشقۇرغۇچىلىق تور بەتچىلىك ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتى ...
ناھايىتى ياخشى پىكىر يېزىپسىز دوستۇم ، ئىشىنىمەنكى تەڭرىتاغ تورى مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلارنى ئادىل سايلاپ ، تورداشلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ، مەسئۇلىيىتى ، مەجبۇرىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز . دېمەك ، مۇنبەر ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار ، مۈنبەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزالار ، تورداشلىرىمىز ئاز ئەمەس ، باشقۇرغۇچىلار ئۆز ھوقۇقىدىن تولۇق ، توغرا پايدىلانسا ، شەخسىيەتچىلىك قىلمىسا ، ئەزالارمۇ ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ، كۆرگەنلىرىنى ، ئاڭلىغانلىرىنى مۇنبەردە تېما قىلىپ يازسا ، باشقا تورداشلار بۇ خىلمۇ خىل ۋە رەڭگارەڭ تېمىلارنى كۆرسە ، بۇ تېمىلارغا ئىنكاس يازسا ، بۇ تېمىلار ئۈستىدە ئويلانسا نېمىدىگەن ياخشى ھە ! تور دۇنياسى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋھۇم پائالىيەت مەيدانىمىز بولۇپ قالدى ، بۇ پائالىيەت مەيدانىدا مۇنبەرلەر مەھەللە ، قەۋملىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ ، مەھەللىمىزنى قانداق قۇرۇش ، قانداق گۈللەندۈرۈش ، قانداق تەرەققىي تاپقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ تورداشلارنىڭ ، مەھەللە ئەزالىرىنىڭ قولىدىكى ئىش ، ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇنبەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى .