- تىزىملاتقان
- 2012-11-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 1620
- نادىر
- 3
- يازما
- 145
  
- تۆھپە
- 148
- مۇنبەر پۇلى
- 1197
- ئىشەنىچ
- 148

| ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى ‹‹ ئىككى يىغىن››نىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەتلەرگە قانداق باھا بېرىش، تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار يەنە قانداق يېڭى سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدۇر. تەڭرىتاغ تورىمىز جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشلىرىمىزنىڭ دوكلاتتىكى مەزمۇنلارغا قارىتا تەكلىپ –پىكىرلىرىنى توپلاش مەقسىتىدە، ‹‹ ئىككى يىغىندا سىزمۇ سۆزلەڭ›› پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق.
نۆۋەتتە ئېلىمىز 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىگە قەدەم قويدى. 5-مارت ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدا زۇڭلى لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، 2015-يىللىق تەرەققىيات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا 2015 – يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى %3 ئۆپچۆرىسىدە كونترول قىلىش، شەھەر – بازارلاردا 10 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر – بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.4 ئىچىدە تىزگىنلەش، ئىمپورت – ئېكسپورتنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا كىرىم – چىقىمنىڭ ئاساسەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە سەرپىيات سىجىللىقىنى %1.3 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى داۋاملىق ئازايتىشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ياخشى ئىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت، دوكلاتتا يەنە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى،بۇ، بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكى، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ‹‹ئالدىن يولغا قويۇپ ئالدىن سىناق قىلىش››تا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ‹‹يادرولۇق رايون›› قۇرۇلۇشىنى قانداق تېزلىتىش، ‹‹يادرولۇق رايون›› يېڭى ۋەزىيىتىنى قانداق بارلىققا كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دىكى ۋەكىل ۋە ئەزالار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا ۋەكىللەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەتلىك كېۋەز بازىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ،‹‹ئۈرۈمچىنى خەلقئارا سودا مەركىزى، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش››، ‹‹شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قانداق قارايسىز؟شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق ياخشى تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بار؟ ئۇنداقتا سىز تورىمىز يولغا قويغان ‹‹ ئىككى يىغىندا سىزمۇ سۆزلەڭ›› پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىپ، ياخشى تەكلىپلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ!
|
|