- تىزىملاتقان
- 2015-3-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-11
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 9
- نادىر
- 0
- يازما
- 2

- تۆھپە
- 4
- مۇنبەر پۇلى
- 5
- ئىشەنىچ
- 4
| 1. خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق، يىللىق تەمىناتى بەك تۆۋەن ھەتتا يوق دېيەرلىك. خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش دېگەن ئۇقۇم. 2. بالىسى بار ئايال خىزمەتچىلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يوق. مەسىلەن: يەسىلىگە ئاپرىش ۋە ئەكېلىشتە رۇخسەت سورالسا ئۈنۈم مائاش تۇتۇلىدۇ، ھەتتا ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بېرىشقىمۇ دۆلەتنىڭ بەلگىلەنگەن سىياسەتلىرىگە ئەمەل قىلىنمايدۇ. 3. ئۆي باھاسى قىممەت ئۈچ ئايلىق مائاش بىر كۋادراتنىڭ پۇلىغا يەتمەيدۇ، 4. يەسلىلەرنىڭ ھەققى بەك يۇقىرى، نوپۇزلۇق يەسلىگە بالىلارنى ئەكىرىش ئۈچۈن چوقۇم «ياردەم پۇلى赞助费 » تۆلەيمىز. شەخسەن مەن بالامنى ئالدىنىقى ئايدا يەسلىگە يەتتە كۈن ئاپارغىنىمغا 410 يۈەن ھەق تۆلىدىم. 5. دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرستىش تەس، بىزدەك خىزمەتچىلەر كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن جىق بەدەل تۆلەپ كېتىمىز. مەسىلەن، كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن نەچچە كۈنلۈك مۇئاشىمىز تۇتۇلىدۇ، سەۋەبى؛ كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايمىز، تەكشۈرۈش جاۋابى چىققاندا دوختۇرلار ئىشتىن چۈشىدۇ شۇنىڭ بىلەن دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى ئېلىپ تەكلىپىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەنە نەچچە كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتىمىز كېتىدۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا مائاش تۇتۇلىدۇ. دوختۇرلار كېسەل كۆرۈش دىئاگىنوز قويۇش ۋاقتىنى بەك سوزۇۋېتىدۇ. 6. پاسپورىت بېجىرىش تەس. خىزمەتچىلەرگە تېخىمۇ تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىپ نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىش ئۇ بىر خام خىيال. 7. ماشىنا توختىتش ھەققىنى ئېلىش قالايمىقان.
|
|