يۈزسىز مەن دەپ پەخىرلەنمە ئۆزۈڭدىن ئازادجان ئىبراھىم
ھەقىقەتنى سۆزلەر پەقەت بىر ئادەم، پىتنە پاسات قىلىشىدۇ مىڭ ئادەم. مېنىڭ سۆزۈم توغرا پەقەت دېمىگىن، بولساڭ ئەگەر پەزىلەتلىك جىڭ ئادەم.
توغرا سۆزلە ھەممە يەردە ئادىل بول، كېسىپ سۆزلە ،راستچىل يەنە دادىل بول. ھۇجۇدىڭدا شىجائەت ھەم دىت بولسۇن، بىرگە ماھىر يەنە كۆپكە قادىر بول.
ۋىژدان بىلەن ياشا قىلما خوشامەت، ئۆز ئەجىرىڭدىن كۆرگىن پەقەت ھالاۋەت. بىر پىكىردە بولمىغانغا سەن بىلەن ، ساقلىمىغىن زىنھار ئاڭا ئاداۋەت.
ئۆزگىلەرنىڭ ھۇقىقىنى قوغدىغىن، چەتكە قاقماي بولسا ئۇنى قوغدىغىن. ھەسەت قىلىپ ئۆزگىلەرنىڭ بەختىگە، زەربە بېرىش كويىدىلا بولمىغىن.
ئۆزگىلەرنى ياخشى يولغا باشلىساڭ، ئۆزۈڭ ئۈچۈن تولا قايناپ تاشمىساڭ، ئالقىشلايدۇ سېنىمۇ ئەل ئەزىزلەپ، كىبىرلىنىپ كۆپ ھەددىڭدىن ئاشمىساڭ.
ئايىمىغىن ئەلدىن ياخشى سۆزۈڭنى، ماقتاپ يۈرمە ھەممە يەردە ئۆزۈڭنى. شۈكىرى قىل كۆرگەن ھەر بىر كۈنىڭگە، يورۇق قىلاي دېسەڭ ئەلدە يۈزىڭنى.
ئۆزگىلەرنى قىلما ھەرگىز ھاقارەت، بولسۇن سەندە ئادىمىلىك سالاھيەت ، توپا سېلىش ئۆزگىلەرنىڭ ئېشىغا، بۇ دۇنيادا كەچۈرگۈسىز جىنايەت.
شەربەت تامسۇن قىلغان ھەربىر سۆزۈڭدىن، گۈللەر ئۈنسۇن ماڭغان ھەربىر ئىزىڭدىن، ئۆزگىلەرنى ھاقارەتلەپ ئورۇنسىز، يۈزسىز مەن دەپ پەخىرلەنمە ئۆزۈڭدىن. 2015-يىلى 6-مارت كۈنەس
|