تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 953|ئىنكاس: 7

يۈزسىز مەن دەپ پەخىرلەنمە ئۆزۈڭدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 16:17:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈزسىز مەن دەپ پەخىرلەنمە ئۆزۈڭدىن
ئازادجان ئىبراھىم

ھەقىقەتنى سۆزلەر پەقەت بىر ئادەم،
پىتنە پاسات قىلىشىدۇ مىڭ ئادەم.
مېنىڭ سۆزۈم توغرا پەقەت دېمىگىن،
بولساڭ ئەگەر پەزىلەتلىك جىڭ ئادەم.

توغرا سۆزلە ھەممە يەردە ئادىل بول،
كېسىپ سۆزلە ،راستچىل يەنە دادىل بول.
ھۇجۇدىڭدا شىجائەت ھەم دىت بولسۇن،
بىرگە ماھىر يەنە كۆپكە قادىر بول.

ۋىژدان بىلەن ياشا قىلما خوشامەت،
ئۆز ئەجىرىڭدىن كۆرگىن پەقەت ھالاۋەت.
بىر پىكىردە بولمىغانغا سەن بىلەن ،
ساقلىمىغىن زىنھار ئاڭا ئاداۋەت.

ئۆزگىلەرنىڭ ھۇقىقىنى قوغدىغىن،
چەتكە قاقماي بولسا ئۇنى قوغدىغىن.
ھەسەت قىلىپ ئۆزگىلەرنىڭ بەختىگە،
زەربە بېرىش كويىدىلا بولمىغىن.

ئۆزگىلەرنى ياخشى يولغا باشلىساڭ،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن تولا قايناپ تاشمىساڭ،
ئالقىشلايدۇ سېنىمۇ ئەل ئەزىزلەپ،
كىبىرلىنىپ كۆپ ھەددىڭدىن ئاشمىساڭ.

ئايىمىغىن ئەلدىن ياخشى سۆزۈڭنى،
ماقتاپ يۈرمە ھەممە يەردە ئۆزۈڭنى.
شۈكىرى قىل  كۆرگەن ھەر بىر كۈنىڭگە،
يورۇق قىلاي دېسەڭ ئەلدە يۈزىڭنى.

ئۆزگىلەرنى قىلما ھەرگىز ھاقارەت،
بولسۇن سەندە ئادىمىلىك سالاھيەت ،
توپا سېلىش ئۆزگىلەرنىڭ ئېشىغا،
بۇ دۇنيادا كەچۈرگۈسىز جىنايەت.

شەربەت تامسۇن قىلغان ھەربىر سۆزۈڭدىن،
گۈللەر ئۈنسۇن ماڭغان ھەربىر ئىزىڭدىن،
ئۆزگىلەرنى ھاقارەتلەپ ئورۇنسىز،
يۈزسىز مەن دەپ پەخىرلەنمە ئۆزۈڭدىن.
2015-يىلى 6-مارت كۈنەس

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2395

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
720
مۇنبەر پۇلى
1683
ئىشەنىچ
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 19:19:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاپ كېتىڭ  

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 10:34:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىلەرنىڭ ھۇقىقىنى قوغدىغىن،
چەتكە قاقماي بولسا ئۇنى قوغدىغىن.
ھەسەت قىلىپ ئۆزگىلەرنىڭ بەختىگە،
زەربە بېرىش كويىدىلا بولمىغىن.
بۇ بىر كۇپلىتنىڭ2-مىسىراسىنى (چەتكە قاقماي بولسا ئۇنى قوللىغىن)دەپ ئوقۇشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

11

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1127

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
510
مۇنبەر پۇلى
589
ئىشەنىچ
510
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 17:13:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازادجان ئىبراھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 10:34
ئۆزگىلەرنىڭ ھۇقىقىنى قوغدىغىن،
چەتكە قاقماي بولسا ئۇن ...

سالام ئازادجان  ؛ سىزنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە  شېىئرلىرڭىزنى  داۋاملىق  ئوقۇيمەن  سىزگە چىن يۈرەكتىن
   قايىلمەن  . بۇنىڭدىن  كېيىنمۇ داۋاملىق  يېزىپ  يوللاپ  تۇرۇشىڭىزنى  تىلەيمەن . سالامەت  بولۇڭ .

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 18:36:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ ئىلھام بەرگنىگە كوپتىن كوپ رەخمەت!!!

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1093
مۇنبەر پۇلى
1067
ئىشەنىچ
1093
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 22:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار ياخشى شىئىركەن . تەشەككۇر

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
2
مۇنبەر پۇلى
4
ئىشەنىچ
2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 15:26:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
NAHAYITI YAHXI YIZIPSIZ

31

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1094

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
531
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
531
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 17:07:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياختۇردۇم ،ياخشى يىزىپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-26 19:52, Processed in 0.107499 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش