دادام ئازادجان ئىبراھىم
ئىرادىلىك بول بالام دەپ ئىلھام بېرىپ، يوق دېمەستىن كېرەكلىكنى ئېلىپ بىرىپ، ئايۋان ساراي ئىمارەتلەر سېلىپ بېرىپ، پەرزەنتىنى ئەتىۋارلاپ باققان دادام.
پەرزەنتلەر يىراقلاردىن كېلەلمىسە، ئەھۋالىدىن ئېنىق خەۋەر بىرەلمىسە، بولىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلەلمىسە، يىراق كۆرمەي ئارىلىقنى بارغان دادام.
پەرزەنتلەر ساغلاپ ئۆسۈپ يىتىلگىچە، ئىشچانلارنىڭ قاتارىغا قېتىلغىچە، بىر ئورۇندىن مۇۋاپىق ئىش تېپىلغىچە، بالىلارنىڭ يوللىرىنى ماڭغان دادام.
ئەجداتلارنى ئەسكە ئېلىپ غايغۇرغاندا، ئاتا-ئانا ،قېرىنداشتىن ئايرىلغاندا، قاناتلىرى ۋاقىتسىزلا قايرىلغاندا، كۆزلىرىگە ياشلار ئېلىپ قالغان دادام.
خەۋەر ئېلىپ بالىلاردىن ئىزدەپ بېرىپ، ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ياخشى ئادەم بولۇڭلار دەپ تەلىم بېرىپ، ھەممىمىزگە باش پاناھ بولغان دادام.
ھاشارلارغا ئەل بىلەن تەڭ قالماي بېرىپ، ئەجىر قىلىپ ئېتىزقىردا ئاشلىق تېرىپ، ئائىلىنى تەمىنلەشكە ئاساس سېلىپ، يوقنى ئېلىپ تەييارقىلىپ قويغان دادام.
كۆزلىمەستىن پەقەت راھەت-باراغەتنى، يىشتۈرۈپ ئۆزىدە كۈچ جاسارەتنى، ئۇلۇغ بىلىپ ھەممە ئىشتىن ساخاۋەتنى، ئەجىر قىلىپ باغلار بىنا قىلغان دادام.
چۈشسىمۇ گەر زىممىسىگە ئېغىرچىلىق، كەلگەندىمۇ ھەرتەرەپتىن ئېغىر سېلىق، ئۈمۈت ۋار بوپ قىلىپ يەنە تىرىكچىلىك، ئەۋلات ئۈچۈن قان تەرىنى تۆككەن دادام دادام. 2015-يىلى 9-مارت كۈنەس |