تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 567|ئىنكاس: 6

دادام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 10:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام
ئازادجان ئىبراھىم

ئىرادىلىك بول بالام دەپ ئىلھام بېرىپ،
يوق دېمەستىن كېرەكلىكنى ئېلىپ بىرىپ،
ئايۋان ساراي ئىمارەتلەر سېلىپ بېرىپ،
پەرزەنتىنى ئەتىۋارلاپ باققان دادام.


پەرزەنتلەر يىراقلاردىن كېلەلمىسە،
ئەھۋالىدىن ئېنىق خەۋەر بىرەلمىسە،
بولىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلەلمىسە،
يىراق كۆرمەي ئارىلىقنى بارغان دادام.


پەرزەنتلەر ساغلاپ ئۆسۈپ يىتىلگىچە،
ئىشچانلارنىڭ  قاتارىغا قېتىلغىچە،
بىر ئورۇندىن مۇۋاپىق ئىش تېپىلغىچە،
بالىلارنىڭ يوللىرىنى ماڭغان دادام.


ئەجداتلارنى ئەسكە ئېلىپ غايغۇرغاندا،
ئاتا-ئانا ،قېرىنداشتىن ئايرىلغاندا،
قاناتلىرى ۋاقىتسىزلا قايرىلغاندا،
كۆزلىرىگە  ياشلار ئېلىپ قالغان دادام.


خەۋەر ئېلىپ بالىلاردىن ئىزدەپ بېرىپ،
ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى ئېلىپ بېرىپ،
ياخشى ئادەم بولۇڭلار دەپ تەلىم بېرىپ،
ھەممىمىزگە باش پاناھ بولغان دادام.


ھاشارلارغا   ئەل بىلەن تەڭ قالماي بېرىپ،
ئەجىر قىلىپ ئېتىزقىردا ئاشلىق تېرىپ،
ئائىلىنى تەمىنلەشكە  ئاساس سېلىپ،
يوقنى ئېلىپ  تەييارقىلىپ قويغان دادام.


كۆزلىمەستىن پەقەت راھەت-باراغەتنى،
يىشتۈرۈپ ئۆزىدە كۈچ جاسارەتنى،
ئۇلۇغ بىلىپ ھەممە ئىشتىن ساخاۋەتنى،
ئەجىر قىلىپ باغلار بىنا قىلغان دادام.


چۈشسىمۇ گەر زىممىسىگە ئېغىرچىلىق،
كەلگەندىمۇ ھەرتەرەپتىن ئېغىر سېلىق،
ئۈمۈت ۋار بوپ قىلىپ يەنە  تىرىكچىلىك،
ئەۋلات ئۈچۈن قان تەرىنى تۆككەن دادام دادام.
2015-يىلى 9-مارت  كۈنەس

15

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1586

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
759
مۇنبەر پۇلى
796
ئىشەنىچ
759
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 01:50:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادىلارنىڭ مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيتى ئېغىر.توغرا يەكۈنلەپسىز،رەھمەت.

23

تېما

39

ئەگەشكۈچى

7755

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3807
مۇنبەر پۇلى
3407
ئىشەنىچ
3807
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 11:16:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن يوللىرى راۋان بولسۇن !

11

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1127

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
510
مۇنبەر پۇلى
589
ئىشەنىچ
510
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 17:28:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 11:16
ئاتىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن يوللىرى راۋان بولسۇن !

                 ئاتىلار  قالسا  ئۇلنى  مۇستەككەم ،
                باللىرى چوڭ بولار ئەقىل-ئىدرەكلىك .
               بىلىگە ئادىمىيلىك بەلۋىغىنى باغلاپ ،
               چوڭ بولار ئۈمىدلىك تولمۇ غەيرەتلىك.
                                    سىزگە  ئاپىرىن  دادىلارنى مەدھىلگەن  قوللىرڭىزغا  دەرت  كەلمىسۇن .

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 18:37:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ قوللاپ مەدەت بەرگىنىگە كوپتىن كوپ رەخمەت!!!
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 18:35:31
dadilarning umuri uzunbusun

31

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1094

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
531
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
531
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 17:06:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسىدىكى ئۆزۈمنىڭ مەجبۇرىيتىنى كۆرگەندەك بولدۇم.رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 06:29, Processed in 0.105111 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش