كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن ئازادجان ئىبراھىم
يالغان ئېيتىپ بىرەر بانا تاپماستىن، ئۇنتۇپ دوستنى ئۆز ئىشڭغا چاپماستىن، بىرسى سېنى قوغلىغاندەك قاچماستىن، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن .
كۈندە نەچچە كېلىپ كېتىپ يۈرسەڭمۇ، بايا چىقىپ ھازىر يەنە كىرسەڭمۇ، ئۈچيۈز ئاتمىش بەش كۇن ئۇدا كۆرسەڭمۇ، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
بولساڭمۇ گەر باي ،پادىشا ،ئەمەلدار، بولساڭمۇ ھەم ئالىم ،ئەدىپ،بىلىمدار. بولساڭمۇ گەر بىر يالاڭ تۆش قەلەندەر، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
كەلگەن يېرىڭ گەرچە ناپاپ بولسىمۇ، ئىچىڭ دەرتكە ھەسىرەتلەرگە تولسىمۇ ، رايىڭ يېنىپ ئۈمۈت گۈلۈڭ سولسىمۇ ، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
ئۈمۈتۋار بول بولۇپ قالما كېرەكسىز، مەردانە بول بولما ھەرگىز يۈرەكسىز، يوقاپ كەتمەي سورۇنلاردىن دېرەكسىز، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
يامان غەرەز،خىياللاردا بولماستىن، خالىي بولۇپ يامانلىقنى ئويلاشتىن، دوست-يارەننى نا ئۈمۈتتە قويماستىن، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
مىھمان بولۇپ خوشال –خۇرام يەپ ئىچىپ، ئاتلاپ ئۆتمە داستىخاندىن سەتلىشىپ، رەنجىشسەڭمۇ يەنە ئىزدەپ ئەپلىشىپ، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
تاپاي دېسەڭ ئەلدە ھۆرمەت ئىناۋەت، ياخشى ھەركەت ياخشى ئىشنى قىل ئادەت، بولماي دېسەڭ كۆپ ئالدىدا خىجالەت، كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.
2015-يىلى 25-فېۋرال كۈنەس |