تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 403|ئىنكاس: 2

كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

320

تېما

6

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
494
مۇنبەر پۇلى
1905
ئىشەنىچ
494
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 22:50:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن
ئازادجان ئىبراھىم

يالغان ئېيتىپ بىرەر بانا تاپماستىن،
ئۇنتۇپ دوستنى ئۆز ئىشڭغا چاپماستىن،
بىرسى سېنى قوغلىغاندەك قاچماستىن،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن .


كۈندە نەچچە كېلىپ كېتىپ يۈرسەڭمۇ،
بايا چىقىپ ھازىر يەنە كىرسەڭمۇ،
ئۈچيۈز ئاتمىش بەش كۇن ئۇدا كۆرسەڭمۇ،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.


بولساڭمۇ گەر باي ،پادىشا ،ئەمەلدار،
بولساڭمۇ ھەم ئالىم ،ئەدىپ،بىلىمدار.
بولساڭمۇ گەر  بىر يالاڭ تۆش قەلەندەر،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.


كەلگەن يېرىڭ گەرچە ناپاپ بولسىمۇ،
ئىچىڭ دەرتكە ھەسىرەتلەرگە تولسىمۇ ،
رايىڭ يېنىپ  ئۈمۈت گۈلۈڭ سولسىمۇ ،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.


ئۈمۈتۋار بول بولۇپ قالما كېرەكسىز،
مەردانە بول بولما ھەرگىز  يۈرەكسىز،
يوقاپ كەتمەي سورۇنلاردىن دېرەكسىز،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.


يامان غەرەز،خىياللاردا بولماستىن،
خالىي بولۇپ يامانلىقنى ئويلاشتىن،
دوست-يارەننى نا ئۈمۈتتە قويماستىن،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.


مىھمان بولۇپ خوشال –خۇرام يەپ ئىچىپ،
ئاتلاپ ئۆتمە داستىخاندىن  سەتلىشىپ،
رەنجىشسەڭمۇ يەنە ئىزدەپ ئەپلىشىپ،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.


  تاپاي دېسەڭ ئەلدە ھۆرمەت ئىناۋەت،
ياخشى ھەركەت ياخشى ئىشنى قىل ئادەت،
بولماي دېسەڭ كۆپ ئالدىدا خىجالەت،
كېتەرىڭدە مەن ماڭىمەن خوش دېگىن.

2015-يىلى 25-فېۋرال كۈنەس

6

تېما

1

ئەگەشكۈچى

2201

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
974
مۇنبەر پۇلى
1209
ئىشەنىچ
974
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-28 14:21:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇبارەك بولسۇن  تىمىلار بىر-بىرىدىن
ياخشى چىكىۋاتىدۇ

12

تېما

6

ئەگەشكۈچى

2179

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1095
مۇنبەر پۇلى
1071
ئىشەنىچ
1095
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 19:11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . تەربىيىۋى ئەھمىيتى  زور شىئىرلار بىلەن جەميىتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرگە قامچا ئۇرۇپ كىلىۋاتىسىز رەھمەت سىزگە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 12:48, Processed in 0.103142 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش