تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 605|ئىنكاس: 5

دۈشمىنىم ( ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

0

ئەگەشكۈچى

402

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
مۇنبەر پۇلى
276
ئىشەنىچ
45
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 16:04:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۈشمىنىم

(ساتىرا)

ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي


سەت ئىش تۇرسا ئۈيىدە،تىرىكمەيمىش دۈشمىنىم،

ئەمما مىنى تىللاشتىن،زىرىكمەيمىش دۈشمىنىم.

**

توۋا!دەيمەن، خۇي-پەيلى،ئەجەپ غەيرى،ئەجەپ كاج،

كۆپلەر بىلەن مېجەزى،كىلىشمەيمىش دۈشمىنىم.

**

ئامراق ئىكەن ئاداۋەت،جېدەل،غەلۋە-غۇدۇرغا،

شوڭا داڭگال ئېيتىشتىن،ئىرىنمەيمىش دۈشمىنىم.

**

نەدە قارغىش،جەڭ-نىزا،بولسا پىتنە-شىكايەت،

يۈگرەر ئىكەن شۇ جايغا،كىچىكمەيمىش دۈشمىنىم.

**

سەندىن-مەندىن كۆرەركەن،ھەتتا جۈدەپ قالسىمۇ،

بۇ دىياردىن يوقالسام،سىمىزلەيمىش دۈشمىنىم.

**

غەيۋەتلەردىن بەك يىراق،ئۆز ئىشىمدا يۈرسەممۇ،

مىنى كۆزگە سانچىلغان،بىگىز دەيمىش دۈشمىنىم.

**

خاتا ئويلاپ قاپتۇ زەپ،توساقمىشمەن يۇلىغا،

مەن بولمىسام شان قۇچۇپ،ئىلگىرلەيمىش دۈشمىنىم.

**

ئۆسمىسىمۇ بوي-بەستى،مەندىن ئىزدەر سەۋەپنى،

يىراق كەتسەم بوي تارتىپ ئىگىزلەيمىش دۈشمىنىم.

**

بالا-قازا كەپ قالسا،ماڭا ئەگەر پاتمانلاپ،

ئىچ-ئىچىدىن شاتلىنىپ،يىنىكلەيمىش دۈشمىنىم.

**

ھەپتىسىگە بىر-ئىككى ئادەم بىلەن چۇقۇشۇپ،

ئېغىزىدا«ئىناقلىق»«بىرلىك»دەيمىش دۈشمىنىم.

**

كىممۇ خۇشتار دەيسىلەر،مۇنداق نېجىس غەيۋەتكە،

ھەق سۆزلۈكتىن قەدەمدە،تېپىك يەيمىش دۈشمىنىم.

**

رەخمەت!مىنىڭ قولۇمدىن جىق ئىش كېلەر كۆرگەنگە،

بەردى ماڭا چىن ساۋاق-ئاچچىق كەچمىش، دۈشمىنىم.

***

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

35

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
12
مۇنبەر پۇلى
23
ئىشەنىچ
12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 15:32:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ دۈشمىنىم ›› نىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىلەن سىزگە تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلەر نىسىپ بولغاي .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

35

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
12
مۇنبەر پۇلى
23
ئىشەنىچ
12
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 15:44:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تولپارىڭىزغا يېڭى پەللىلەر نىسىپ بولغاي .

40

تېما

1

ئەگەشكۈچى

644

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئالىم ياسىن
تۆھپە
168
مۇنبەر پۇلى
356
ئىشەنىچ
168
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 16:42:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققانى ئەپەندىمنىڭ ھەر قايسى تور بەتلىرىدىكى ساتىرالىرىنى زېرىكمەستىن ئوقۇپ تۇرىمەن.ئۆزگىچە يول تۇتقان بۇ ئەپەندىمگە مەدەتلەر بولسۈن!

14

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1475

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخەت ئابدۇرىھىم
تۆھپە
750
مۇنبەر پۇلى
697
ئىشەنىچ
750
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 19:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۈشمەن قايسى دوست قايسى تۇرمۇشتىكى موھىم مەسىلە.

27

تېما

0

ئەگەشكۈچى

402

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
مۇنبەر پۇلى
276
ئىشەنىچ
45
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 10:01:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 16:42
ھەققانى ئەپەندىمنىڭ ھەر قايسى تور بەتلىرىدىكى ساتىرال ...

ئىنكاسىڭىز ئارقىلىق ماڭا مەدەت بەرگەنلىكىڭزگە رھمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 01:46, Processed in 0.106068 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش