دۈشمىنىم
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
سەت ئىش تۇرسا ئۈيىدە،تىرىكمەيمىش دۈشمىنىم،
ئەمما مىنى تىللاشتىن،زىرىكمەيمىش دۈشمىنىم.
**
توۋا!دەيمەن، خۇي-پەيلى،ئەجەپ غەيرى،ئەجەپ كاج،
كۆپلەر بىلەن مېجەزى،كىلىشمەيمىش دۈشمىنىم.
**
ئامراق ئىكەن ئاداۋەت،جېدەل،غەلۋە-غۇدۇرغا،
شوڭا داڭگال ئېيتىشتىن،ئىرىنمەيمىش دۈشمىنىم.
**
نەدە قارغىش،جەڭ-نىزا،بولسا پىتنە-شىكايەت،
يۈگرەر ئىكەن شۇ جايغا،كىچىكمەيمىش دۈشمىنىم.
**
سەندىن-مەندىن كۆرەركەن،ھەتتا جۈدەپ قالسىمۇ،
بۇ دىياردىن يوقالسام،سىمىزلەيمىش دۈشمىنىم.
**
غەيۋەتلەردىن بەك يىراق،ئۆز ئىشىمدا يۈرسەممۇ،
مىنى كۆزگە سانچىلغان،بىگىز دەيمىش دۈشمىنىم.
**
خاتا ئويلاپ قاپتۇ زەپ،توساقمىشمەن يۇلىغا،
مەن بولمىسام شان قۇچۇپ،ئىلگىرلەيمىش دۈشمىنىم.
**
ئۆسمىسىمۇ بوي-بەستى،مەندىن ئىزدەر سەۋەپنى،
يىراق كەتسەم بوي تارتىپ ئىگىزلەيمىش دۈشمىنىم.
**
بالا-قازا كەپ قالسا،ماڭا ئەگەر پاتمانلاپ،
ئىچ-ئىچىدىن شاتلىنىپ،يىنىكلەيمىش دۈشمىنىم.
**
ھەپتىسىگە بىر-ئىككى ئادەم بىلەن چۇقۇشۇپ،
ئېغىزىدا«ئىناقلىق»«بىرلىك»دەيمىش دۈشمىنىم.
**
كىممۇ خۇشتار دەيسىلەر،مۇنداق نېجىس غەيۋەتكە،
ھەق سۆزلۈكتىن قەدەمدە،تېپىك يەيمىش دۈشمىنىم.
**
رەخمەت!مىنىڭ قولۇمدىن جىق ئىش كېلەر كۆرگەنگە،
بەردى ماڭا چىن ساۋاق-ئاچچىق كەچمىش، دۈشمىنىم.
***
|