- تىزىملاتقان
 - 2014-12-23
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2015-3-18
 - ھوقۇقى
 - 30
 - جۇغلانما
 - 230
 - نادىر
 - 0
 - يازما
 - 42
 
 
   
 - تۆھپە
 - 101 
 - مۇنبەر پۇلى
 - 142 
 - ئىشەنىچ
 - 101 
 
  |   يامغۇر    
    
  گۈلمېھرە 
        ئاھ ، يامغۇر ! تەڭرى سېنى شۇنچە بەرىكەتلىك ھەم شۇنچە سېخيى ياراتقانىكەن  !...     سەن شۇ سېخىيلىقىڭ بىلەن قاغجىرىغان  زىمىننىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرساڭ ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان گۈل - گىيالارغا يېڭىدىن ھاياتلىق بەخىش ئېتىسەن ! 
      سەن شۇ بەرىكەتلىكلىكىڭ بىلەن مۇھەببەتلىك قەلىبلەرگە شىرىن سۆيگۈ ئاتا قىلىسەن . يۈرىكىدە مۇھەببەت ئوخچىغان ھەر بىر ياش سېنى ياخشى كۆرىدۇ ، سېنى كۆڭۈللەر ئەلچىسى ، تۇنجى سۆيگۈسىنىڭ شاھىدى قىلىشىدۇ .    سېنى شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيىمەنكى ، سەن --- تۇنجى سۆيگۈمنىڭ شاھىدىسەن  ، ھەربىر تامچىلىرىڭ ھەسرەت - نادامەتلىرىمگە داۋا بولىدۇ ... 
    مەن ھەر قېتىم ھاياتنىڭ لەززىتىدىن  خۇشال كۈلگەندە ،  قىسمەتلىرىدىن ئازاپلىنىپ ،  تولغۇنۇپ يىغلىغاندا  سېنى ئەسلەيمەن ، سېنى سېغىنىمەن ... سەن ئارقىلىق دىلرەبايىمنىڭ نۇرلۇق سىماسىغا قانالىسام ، يەنە سەن ئارقىلىق  ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر شىرىن مىنۇتلىرىمدىن قانغۇچە يەنە بىر قېتىم ھوزۇر ئالالايمەن ...سەن ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسۈمنى كۆرەلەيمەن ، شۇنداقلا يەنە ئازاپلىق ھەم شىرىن كەچمىشلىرىمنى ئەسىليەلەيمەن ...    ئىھ يامغۇر ، يامغۇر !!!    سېنىڭ ئايىغىڭ تەگىكەن ھەرقانداق جاي ئاۋات ، سەن بارغان ھەر قانداق زىمىن يېشىللىق ! ! سەن بارغان ھەرقانداق بوستانلىقتا سېنىڭ سېھرىڭ تۈپەيلى ئاجايىپ يېقىملىق ، ئاجايىپ لىرىك بىر كۈي ھاسىل بولىدۇ ...         يامغۇر ، سەن شۇنچە  پاكىز ، شۇنچە رەڭدار !  سەن شۇ پاكىزلىقىڭ بىلەن پۈتۈن كائىناتنى ئاجايىپ پاكىز ، ئاجايىپ رەڭدار ، ئاجايىپ يېقىملىق تۈسكە كىرگۈزىسەن .        مانا ، بۈگۈنمۇ يامغۇر ياغدى .  
    پاھ ، يامغۇردىن كىيىنكى مەنزىرە نىمە  دىگەن گۈزەل -ھە !      ئاسمان گۈمبىزى  گويا ھېقىقتىن ياسالغاندەك كۆك ۋە تىنىق .  تەبىئەتچۇ ؟ دەل - دەرەخلەرنىڭ يېشىل ، بەزى سۇس يېشىل يوپۇرماقلىرى باياتىنقى يامغۇر بىلەن يۇيۇلۇپ ، كۈن نۇرىدا ياقۇتتەك تاۋلىنىپتۇ . تېخىمۇ رەڭدار ، جىلۋىدار ، جەزبىدار تۈسكە كىرگەن گۈلىستانلاردىكى رەڭمۇ رەڭ گۈللەر كىشى كۆڭلىنى مەھلىيا قىلىدۇ . ئاسمان گۈزەل ، تەبىئەت ئاندىن ...         يامغۇردى كىيىنكى سەلكىن شامالدا ئاستا سىلكىنىۋاتقان يوپۇرماقلارنىڭ شىۋىرلاشلىرى  قۇشلارنىڭ شوخ نەغمىسى بىلەن قوشۇلۇپ بوستانلاردا ئاجايىپ يېقىملىق ھەم لىرىك بىر كۈي ھاسىل قىلغانئىدى ...  شۇنداق ئويلاپ كەتتىم:
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارچە ئىنسانلارنىڭ دىلىغا شۇنداق شىددەتلىك بىر يامغۇر يېغىپ ، چاقماق چېقىپ ، ھەممە - ھەممىمىزنىڭ دىلىدىكى ئازاپ - ھەسىرەت ، غەن - ئەندىشە ، كۆرەلمەسلىك ، ساختىپەزلىك ، ھېلىگەرلىك ، ھاياسىزلىق ، ئېتىقادسىزلىق ھەم ئاچكۆزلۈك ، رىزا ھەم ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرىنى تولۇق تازلىۋەتسە ...
     ھەممىمىزنىڭ دىلى يامغۇردىن كىيىنكى  ئاسمان ۋە تەبىئەت گۈزەللىكىدەك گۈزەللىشىپ ، ساپلىشىپ ، پاكىزلىشىپ  ، گەردى - غۇباردىن پاكلانسا ... _   ھەممە ئوتتۇرسىدا سەمىمىيلىك ، ساقەتلىك ، ۋاپادارلىق ، پاك مۇھەببەت ئەۋىج ئالسا ... :   
    ئاھ ... بۇنىڭىدىنمۇ چوڭ مۆجىزە بولارمىدى جاھاندا ؟؟؟ ...  
 2014 -  يىلى قەشقەر  
  |  
  |