تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1214|ئىنكاس: 6

يامغۇر ( نەسىر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

3

ئەگەشكۈچى

260

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
108
مۇنبەر پۇلى
166
ئىشەنىچ
108
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-23 12:34:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يامغۇر   

  

گۈلمېھرە


      ئاھ ، يامغۇر ! تەڭرى سېنى شۇنچە بەرىكەتلىك ھەم شۇنچە سېخيى ياراتقانىكەن  !...
  
سەن شۇ سېخىيلىقىڭ بىلەن قاغجىرىغان  زىمىننىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرساڭ ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان گۈل - گىيالارغا يېڭىدىن ھاياتلىق بەخىش ئېتىسەن ! 

    سەن شۇ بەرىكەتلىكلىكىڭ بىلەن مۇھەببەتلىك قەلىبلەرگە شىرىن سۆيگۈ ئاتا قىلىسەن . يۈرىكىدە مۇھەببەت ئوخچىغان ھەر بىر ياش سېنى ياخشى كۆرىدۇ ، سېنى كۆڭۈللەر ئەلچىسى ، تۇنجى سۆيگۈسىنىڭ شاھىدى قىلىشىدۇ .
  سېنى شۇنىڭ ئۈچۈن سۆيىمەنكى ، سەن --- تۇنجى سۆيگۈمنىڭ شاھىدىسەن  ، ھەربىر تامچىلىرىڭ ھەسرەت - نادامەتلىرىمگە داۋا بولىدۇ ...

  مەن ھەر قېتىم ھاياتنىڭ لەززىتىدىن  خۇشال كۈلگەندە ،  قىسمەتلىرىدىن ئازاپلىنىپ ،  تولغۇنۇپ يىغلىغاندا  سېنى ئەسلەيمەن ، سېنى سېغىنىمەن ... سەن ئارقىلىق دىلرەبايىمنىڭ نۇرلۇق سىماسىغا قانالىسام ، يەنە سەن ئارقىلىق  ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر شىرىن مىنۇتلىرىمدىن قانغۇچە يەنە بىر قېتىم ھوزۇر ئالالايمەن ...سەن ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسۈمنى كۆرەلەيمەن ، شۇنداقلا يەنە ئازاپلىق ھەم شىرىن كەچمىشلىرىمنى ئەسىليەلەيمەن ...
  ئىھ يامغۇر ، يامغۇر !!!
  سېنىڭ ئايىغىڭ تەگىكەن ھەرقانداق جاي ئاۋات ، سەن بارغان ھەر قانداق زىمىن يېشىللىق ! !
سەن بارغان ھەرقانداق بوستانلىقتا سېنىڭ سېھرىڭ تۈپەيلى ئاجايىپ يېقىملىق ، ئاجايىپ لىرىك بىر كۈي ھاسىل بولىدۇ ...   
     يامغۇر ، سەن شۇنچە  پاكىز ، شۇنچە رەڭدار !
سەن شۇ پاكىزلىقىڭ بىلەن پۈتۈن كائىناتنى ئاجايىپ پاكىز ، ئاجايىپ رەڭدار ، ئاجايىپ يېقىملىق تۈسكە كىرگۈزىسەن .
      مانا ، بۈگۈنمۇ يامغۇر ياغدى .  

  پاھ ، يامغۇردىن كىيىنكى مەنزىرە نىمە  دىگەن گۈزەل -ھە !   
  ئاسمان گۈمبىزى  گويا ھېقىقتىن ياسالغاندەك كۆك ۋە تىنىق .  تەبىئەتچۇ ؟ دەل - دەرەخلەرنىڭ يېشىل ، بەزى سۇس يېشىل يوپۇرماقلىرى باياتىنقى يامغۇر بىلەن يۇيۇلۇپ ، كۈن نۇرىدا ياقۇتتەك تاۋلىنىپتۇ . تېخىمۇ رەڭدار ، جىلۋىدار ، جەزبىدار تۈسكە كىرگەن گۈلىستانلاردىكى رەڭمۇ رەڭ گۈللەر كىشى كۆڭلىنى مەھلىيا قىلىدۇ . ئاسمان گۈزەل ، تەبىئەت ئاندىن ...   
  
  يامغۇردى كىيىنكى سەلكىن شامالدا ئاستا سىلكىنىۋاتقان يوپۇرماقلارنىڭ شىۋىرلاشلىرى  قۇشلارنىڭ شوخ نەغمىسى بىلەن قوشۇلۇپ بوستانلاردا ئاجايىپ يېقىملىق ھەم لىرىك بىر كۈي ھاسىل قىلغانئىدى ...
شۇنداق ئويلاپ كەتتىم:

  كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارچە ئىنسانلارنىڭ دىلىغا شۇنداق شىددەتلىك بىر يامغۇر يېغىپ ، چاقماق چېقىپ ، ھەممە - ھەممىمىزنىڭ دىلىدىكى ئازاپ - ھەسىرەت ، غەن - ئەندىشە ، كۆرەلمەسلىك ، ساختىپەزلىك ، ھېلىگەرلىك ، ھاياسىزلىق ، ئېتىقادسىزلىق ھەم ئاچكۆزلۈك ، رىزا ھەم ئىتتىپاقسىزلىق ئامىللىرىنى تولۇق تازلىۋەتسە ...

   ھەممىمىزنىڭ دىلى يامغۇردىن كىيىنكى  ئاسمان ۋە تەبىئەت گۈزەللىكىدەك گۈزەللىشىپ ، ساپلىشىپ ، پاكىزلىشىپ  ، گەردى - غۇباردىن پاكلانسا ... _  
ھەممە ئوتتۇرسىدا سەمىمىيلىك ، ساقەتلىك ، ۋاپادارلىق ، پاك مۇھەببەت ئەۋىج ئالسا ... :   

  ئاھ ... بۇنىڭىدىنمۇ چوڭ مۆجىزە بولارمىدى جاھاندا ؟؟؟ ...  
2014 -  يىلى قەشقەر

23

تېما

39

ئەگەشكۈچى

7755

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3807
مۇنبەر پۇلى
3407
ئىشەنىچ
3807
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 12:41:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى شىپالىق يامغۇرغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ .

بەرىكەتلىك بولۇڭ ، جانىم ، رەھمەت .

2

تېما

3

ئەگەشكۈچى

260

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
108
مۇنبەر پۇلى
166
ئىشەنىچ
108
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 10:46:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:41
ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى شىپالىق يامغۇرغا ئوخشاتقۇم كېلى ...

ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن ، رەھمەت !

باھا سۆز

سەيياھ ااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا  يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 22:47
سەيياھ بەك ياخشىكەن  يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 22:46

2

تېما

3

ئەگەشكۈچى

260

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
108
مۇنبەر پۇلى
166
ئىشەنىچ
108
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 19:23:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 12:41
ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى شىپالىق يامغۇرغا ئوخشاتقۇم كېلى ...

رەھمەت ، ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم !

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

365

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
94
مۇنبەر پۇلى
265
ئىشەنىچ
94
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 21:15:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، تېىخىمۇ تېرىشىڭ!

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

302

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
148
مۇنبەر پۇلى
164
ئىشەنىچ
148
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 19:08:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ دىلى يامغۇردىن كىيىنكى  ئاسمان ۋە تەبىئەت گۈزەللىكىدەك گۈزەللىشىپ ، ساپلىشىپ ، پاكىزلىشىپ  ، گەردى - غۇباردىن پاكلانسا ... _  
ھەممە ئوتتۇرسىدا سەمىمىيلىك ، ساقەتلىك ، ۋاپادارلىق ، پاك مۇھەببەت ئەۋىج ئالسا

31

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1094

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
531
مۇنبەر پۇلى
472
ئىشەنىچ
531
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:33:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىك نەسىرڭىزدىن سۆيۈندۈم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 01:21, Processed in 0.118201 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش