كۆرۈش: 5117|ئىنكاس: 5

«بابۇرنامە»دىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار ئىزاھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:37:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«بابۇرنامە»دىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار ئىزاھى



قەسەبە: كىچىكرەك شەھەر.
ئەرك: ئىچكىي قەلئە، ئوردا، ئوردۇبالىق.
يىغاچ: مۇساپە ئۆلچىمى، بىر يىغاچ تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىرغا توغرا كېلىدىغانلىقى مەلۇم.
شەرئى: مۇساپە ئۆلچىمى، ئۈچ كىلومېتىردىن كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.
قارى: بابۇر ئۇنى ئالتە تۇتام، دەپ ئىزاھلىغان.
نۆكەر: بىراۋنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلغۇچى، خىزمەتچى، خادىم، خىزمەتكار.
چېرىك: جەڭ؛ قوشۇن؛ ئەسكەر؛ ھەربىي سەپ.
شۇنقار بولدى: ئۆلدى.
بەگ ئەتكە: شاھزادىنى تەربىيەلەش ۋە قوغداشقا مەسئۇل قىلىنغان بەگ، «ئەتكە» مۇ دېيىلىدۇ.
دەستارپېچ: پادشاھنىڭ كىيىم-كېچىكىگە مەسئۇل ئەمەلدار.
نەرد: ئون بەش ئۇرۇق بىلەن ئوينىلىدىغان بىر خىل قاتار ئويۇنى.
مەيدان جېڭى: ئوچۇق مەيداندا سەپ تۈزۈپ قىلىنىدىغان جەڭ.
چاپقۇن: ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ ۋە قىرغىن قىلماق.
غۇنچىچى: دېدەك خوتۇن.
قەترەت: پادشاھ ئالمىشىش ئارىلىقىدىكى ۋاقت، ھۆكۈمدارنىڭ تەختتىن ئايرىلىپ يەنە بىر قېتىم تەختكە چىققانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى  سەرسانلىق ھالىتى.
قازاقلىق: ھۆكۈمدارنىڭ تەختتىن ئايرىلىپ كۆچۈپ يۈرۈشى.
تايىب: توۋا قىلغۇچى، توۋا قىلغان ئادەم.
شىغاۋۇل: مۇراسىم بېگى.
چۆھرە: ئوغۇل خىزمەتكار، بەچچە.
چەۋگان: ئاتلىق ئوينىلىدىغان توپ ئويۇنى.
يەدەچىلىك: ھاۋارايى سېھرىگەرلىكى.
ئاختىچى: ھۆكۈمدارنىڭ ئاتلىرىغا قارايدىغان كىشى، ھۆكۈمدارنى ئاتقا مىندۈرۈش ۋە ئاتتىن چۈشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل.
بۇرج: توپ (زەمبىرەك) ئورنى، پوتەي.
مۇھتەسىب: دىنىي قائىدىلەرنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگۈچى.
فىرئەۋن: قەدىمقى مىسىر پادشاھلىرىنىڭ  مەرتىۋە-ئۇنۋانى؛ يەنە زىيادە تەكەببۇرلۇققا كىنايە.
ئوردۇ: لەشكەرگاھ.
سىپاھىي: ھەربيي ئەمەلدار (ئوفېتسېر).
ئىلغار: چوڭ قوشۇننىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن ياكى مەلۇم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تېز يۈرگۈچى ھەربىي قىسىم، زەربىدار ئەترەەت.
قاراۋۇل: كۆزەتچى، چارلىغۇچى.
سەركۇب: ئېگىز پەللە.
بەكاۋۇل ياكى باقاۋۇل: ھۆكۈمدارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە ۋە بۇ جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بەگ.
كۆزگە مىل تارتماق: كۆزگە نەشتەر سانجىپ كور قىلماق.
ئىچكىي: ھۆكۈمدارنىڭ يېقىن ئادەملىرى؛ تېخى بەگلىك دەرىجىسىگە يەتمىگەن ساراي (ئوردا) ئەمەلدارى.
ئىچكىي بەگ: ھۆكۈمدارنمىڭ سارىيىدىكى بەگ.
تۇل: ئۇزۇنلۇق، مېردىيان.
رەمز: بەلگە، ئالامەت.
نۇجۇم: يۇلتۇزلار.
دەرەجە: گرادۇس.
دەقىقە: مىنۇت.
ئەرز: كەڭلىك، پاراللېل.
كۆشك: داچا.
ھەممام: مۇنچا.
تاق: ئەگمە تورۇسلۇق زال.
ناغرا ۋاقتى: زوھۇرلۇق ۋاقتى.
بۇلجار: قوشۇننىڭ يۈرۈشكە توپلىنىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئورۇن ۋە ۋاقت؛ بىرەر ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن مۆھلەت؛ ئۇرۇشتا تۇرۇش، ئېلىش ۋە قوغداش ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن يەر.
ئىنانماغىل: ئىشەنمىگىن (ئىشەنمەگىل).
كېجىم: جەڭ ئاتلىرىغا ئوقتىن قوغدىنىش ئۈچۈن يېپىلىدىغان يوپۇق.
تولغىما: جەڭگاھتا قاپساش، قورشاش.
دىم كۆرمەك: قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرمەك، چېرىكنىڭ سانىنى ئالماق، مەناسىدا.
تۈزۈك: قانۇن، تەرتىپ، ئىنتىزام.
ئۇران: پارول.
چاغداۋۇل: قوشۇننى كەينىدىن قوغداپ ماڭغۇچى قىسىم.
قەتىلە: يارا ئېغىزىغا قويۇلىدىغان زەرداب سۈمۈرگۈچ  پاختا ياكى لاتا.
شىقدار: ۋەكالەتەن باشقۇرغۇچى، ۋالىي.
نارەنج: ئاپېلسىن.
تۇرۇنچ: لېمون.
ئەملۈك: تۈركىي تىلدا «قارا يېمىش» دېيىلىدىغان بىر خىل مېۋە.
چىلغۇزە: بىر خىل قۇرۇق يېمىش.
لارىۋاج: «رەۋەندە» مۇ دېيىلىدىغان بىر خخل دورا ئۆسۈملۈكى.
بادرەنگ: لېموننىڭ بىر خىلى.
مۇشك: بىر خىل قارا رەڭلىك خۇشھىد ماددا.
ئەرغۇۋان: چېچىكى گۈزەل بىر خىل زىننەت دەرىخى.
بەند: سۇ ئامبىرىنىڭ توسمىسى، چوڭ توغان.
تامغا بېجى: تىجارەت بېجى، تاموژنا.
لەك: يۈزمىڭ.
كۆلدى: بۇ ئاتالغۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغىلا خاس ئاتالغۇ بولۇپ، يۈز مىليون، دېگەن ساننىڭ خاس نامى (بۇ «ئىدۇققۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» دىن قوشۇپ قويۇلدى).
نايوت: بۇ ئاتالغۇ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغىلا خاس ئاتالغۇ بولۇپ، مىليارد، دېگەن ساننىڭ خاس نامى (بۇ «ئىدۇققۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» دىن قوشۇپ قويۇلدى).
شاھرۇخىي: بىر خىل مېتال پۇل.
شارەك: بىر خىل قۇش.
نىلەگاۋ: بىر خىل ھايۋان.
كۈتەھپاي: بىر خىل ھايۋان.
ئۇتاغا: باش كىيىم ياكى چاچقا تاقىلىدىغان بېزەك، تاج، پۆپۈك.
ھەسەبە: بەدەندە ئۇششاق تاشما پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك.
قۇربېگى («قۇربېشى»مۇ دېيىلىدۇ): مۇھاپىزەتچىلەر بېگى (بېشى).
مەفاسىل: رېماتىزىم.
رافىزىي: دىندىن چىققان، دىن خائىنى، دېگەن مەنادا بولۇپ، ئاساسەن سۈننىي مەزھىبىدىن چىقىپ شىئە مەزھىبىگە ئۆتكەنلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
زاھىرىيە: قانۇنلارنى «قۇرئان»نىڭ خەت يۈزىدىكى مەناسى بويىچە شەرھلەش.
باتىنىيە: «قۇرئان» ياكى باشقا مۇقەددەس كىتابلاردىكى يوشۇرۇن مەنالارنى شەرھلەش.
ئىجتىھاد: ئالىي ئىلمىي دەرىجە.
مەئقۇلات: ئەقلىي بىلىمچىلىك.
ساراي يۈكى: ھۆكۈمدار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەپەر لازىملىقلىرى.
كىپەكى: بىر خىل مىس پۇل.
كۇتۋال: قەلئە قوغدىغۇچى بەگ.
تەھبەتەھ: قاتمۇقات.
خەرۋار: ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر خەرۋەر بىر ئېشەك يۈكى ئېغىرلىقىدا.
ۋەجھ: خىراجەت ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن پۇل.
تۆفەڭ: قارا مىلتىق.
فەتھنامە: غەلىبە خەۋىرى.
تالار: خانا، زال، دالان.
كۈنگۈرە: سېپىلنىڭ ئوق ئاتىدىغان تۆشۈكچىلىرى.
سەبۇھى قىلماق: سەھەردە مەي-شاراب ئىچمەك.
مىسۋاك: شىمالىي ئافرىقا، ئىران، ھىندىستانلاردا ئۆسۈدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، چىۋىقى چىش تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
تۈنقاتار: كېچىلىك كۆزەتچى.
تەنەسۇخ: روھنىڭ كۆچۈشى.
سەقەرلات: يۇڭدىن توقۇلغان رەخت، يۇڭ رەخت.
كىتارە: بىر خىل خەنجەر.
سەھپايە: ئۈچ پۇتلۇق تۈۋرۈك.
سۇراھى: ئېگىز پۇتلۇق قەدەھ.
يام: پوچتا.
يامچى: پوچتىكەش، پوچتىچى، پوچتالىيون.
( كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ كىتابتىكى بېيت-نەزمىلەرنىمۇ يوللاپ قويۇمىز)!
مەنبە:http://www.kulgin.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=670
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 17:18  


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
122
تۆھپە
37
UID
23464
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 14:15:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(چۆھرە: ئوغۇل خىزمەتكار، بەچچە).مەن بۇندىنبۇرۇن ۋە ھازىرقى زامان كىنو،تىلۋىزىيە فىلنملىردە ‹چۆرە›دىگەن ئاتالغۇنى خانىش ياكى مەلىكە،بانۇلارنىڭ يىنىدىكى خاس قىز مۇلازىملارغا قارتلغانلىقىنى دىدەك بولسا: قىز خىزمەتكارلارغا. ئوغۇل خىزمەتكار،بەتچىلەرنىڭ بولسا: نۆۋكەر،ئاغۋات دەپ ئاتىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك قىلۋاتىم يا.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:12:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
plknk يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 14:15
(چۆھرە: ئوغۇل خىزمەتكار، بەچچە).مەن بۇندىنبۇرۇن ۋە ھازى ...

ھازىر مەناسىنى چۈشەنمەي قارىسىغىلا قوللىنىۋالغان بولساق كېرەك!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2233
تۆھپە
1650
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:19:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەجەپ تېتىملىق تىمىكەن، نۇرغۇن بىلمىگەن مەزمۇنلارنى بىلىۋالدۇق. بۇ كىتاپمۇ ناھايىتى ئوبدان كىتاپ ئىدى، تىما ئېگىسىگە تەشەككۇرلەر بولغاي!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6759
تۆھپە
3417
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:29:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاپېلسىن» دەپ يۈرۈپتۇق، تىلىمىزدا  «نارەنج» دەپ بىر ئوبدىنى باركەن!
يەنە «كۆلدى» دېگەن خاس سان بىلەن «نايوت» دېگەن خاس سانىچۇ تېخى، بەكلا تېتىملىق سۆزلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 23:30  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 1

تىللا
31
تۆھپە
15
UID
24864
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 03:08:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى ئەمدى ئوقۇۋاتىمەن  ،  ياخشى  كىتاب  ئىكەن  !!!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 14:03, Processed in 0.077752 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991