كۆرۈش: 1683|ئىنكاس: 2

ئۇستازھەققىدە رۇبائىيلار- تۇردى ئىسرائىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
24671
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 00:24:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇستازھەققىدە رۇبائىيلار

تۇردى ئىسرائىل

      

ئۇستازمەن –بۈيۈك نام،تارتۇقلىغان ئەل،

تۆكسەم تەر ھالالدىن ،ئارمان بولار ھەل .

ئەقىدەم –مۇنبەرگە سادىق بوپ ئەبەد،

ئەجرىمدىن ئەۋلادقا سۇنماق بال-ھەسەل.

ئۇستازمەن ،بىر ئۆمۈر تېنىمىسىز  ئىنسان،

ساختىغا يول قويماس مەندىكى ۋىجدان.

غورۇر ھەم ئادىميىلىك ئۆمرۈمگە شوتا،

ئۆرلەيمەن كۈنسىرى ئېشىپ تاغ-داۋان.

ئۇستازمەن ، ساختىلىق  ئۆمۈرۈمگە مىتە،

قىلمايمەن  ئۆزگىلەر رىسقىغا تەمە .

تەرلىنىپ ئۆتكىچە ساختا جۇۋىدا،

شۈكرى قىپ  زاغرامعا قىلىپ تەنتەنە.

ئۇستازمەن ،ئەل بەرگەن ئەڭ ئالى ئۇنىۋان،

چاڭقىغان  ھەر دىلغا  بولۇپ مەن فونتان.

چۈنكى مەن ئەل-ئاۋام ،ئەۋلاد قەلبىدە

روھىيەت ئېنژىنېرى، مېھرىبان ئىنسان .

ئۇستازدۇر - گۈللەتكەن  ھايات بېغىمىز ،

نەۋقىران ،گۈل ياشلىق ئىشلەر چېغىمىز .

ئورىساق  ۋەتەننى ئەجىرىدىن گۈلگە،

تېخىمۇ گۆزەلدۇر پارلاق ئەتىمىز .

بۈگۈر ناھىيە باعۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ مەكتىپىدىن :

تۇردى ئىسرائىل

2012.8.22   


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىنكاس شاھى
تىللا
905
تۆھپە
586
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 11:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرلىنىپ ئۆتكىچە ساختا جۇۋىدا،

شۈكرى قىپ  زاغرامعا قىلىپ تەنتەنە.


=========================
بۇ يەر ھەجەپ غەلىتە تۇيغۇ بەردىغۇ ماڭا !! چۇشەنمىدىم !!


غەزەپ بىلەن ھومىيمەن قەبىھى زالىملارغا ،
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ، سەبىي بالىلارغا .

Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
24939
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 15:50:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرلىنىپ ئۆتكىچە ساختا جۇۋىدا،
شۇكرى قىپ ،زاغرامغا قىلىپ تەنتەنە .
يۇقىرىدىكى تورداشنىڭ ئېيتقانلىرى توغرىكەن.تېمامنى قايتا كۆرۈپ بېقىپ مەنمۇ مۇشۇ ئىككى مىسىرادا لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.مېنىڭچە" شۇكرى قىپ زاغرامغا قىلىپ تەنتەنە "دېگەننى "شۈكرىدە ،غاغرامغا قىلىپ تەنتەنە "دەپ ئالسام بوپتىكەن. كۆرۈرمەنلەر بۇ مىسىرانى تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-26 14:24, Processed in 0.070345 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991