كۆرۈش: 162|ئىنكاس: 0

جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تۇراقلىق ھەم يېرىم تۇراقلىق قۇملۇق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
4469
تۆھپە
1798
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-23 12:34:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

130.jpg


    قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى— جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق بولۇپ ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان . قۇملۇق تارقالغان رايونلارنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300 ~ 600 مېتىر ، كۆلىمى 48 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ قۇملۇق ئاساسەن تۆت پارچە قۇملۇقتىن تەشكىل تاپقان ، يەنى شەرقىي قىسىمدىكى خوجېن ئېلسېن قۇملۇقى ، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دېزوسىتىن قۇملۇقى ، غەربىي قىسىمدىكى شوبغور بوك قۇملۇقى ، شىمالىي قىسىمدىكى ئاققۇم قۇملۇقىدىن ئىبارەت . قۇملۇقنىڭ شىمالىي قىسىمى جەنۇب – شىمال يۆنىلىشىدىكى شاخسىمان قۇم قىرلىرى ، جەنۇبىي قىسىمى ھەرە كۆنىكسىمان مۇرەككەپ قۇم قىرلىرى ، ھىلال ئايسىمان قۇم بارخانلىرى ھەمدە ئوت چۆپلۈك قۇم بارخانلىرىدىن ئىبارەت . شەرقىي قىسىمدا مۇرەككەپ قۇم قىرلىرى ، رېشاتكىسىمان قۇم بارخانلىرى ۋە سىزىقسىمان قۇم قىرلىرى تارقالغان .

133.jpg


      قۇم بارخانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئومۇمەن 50 مېتىردىن ئاشىدۇ ، ئايرىملىرىنىڭ 100 مېتىرغا يېتىدۇ . قۇم بارخانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تۇراقلىق ھەم يېرىم تۇراقلىق بولۇپ ، كۆلىمى پۈتكۈل قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %97 ىنى ئىگىلەيدۇ . بۇ جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ تۇراقلىق ھەم يېرىم تۇراقلىق قۇملۇقتۇر . تۇراقلىق قۇم بارخانلىرى رايونىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىمۇ %15 نى ئىگىلەيدۇ . ئاساسەن سۆكسۆك ، يۇلغۇن ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ . قۇملۇق رايونلىرىدا نۇرغۇن چوڭ نېفىتلىك ، تەبئىي گازلىقلار بايقالدى ؛ شەرقىي جۇڭغار نېفىت ، تەبئىي گازلىقى ئېچىپ پايدىلىنىلماقتا .

132.jpg


131.jpg


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 06:51, Processed in 0.057251 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش