سىقىلغان تىلەك
ئەۋرىشىم نازلاپ ئۆتسە ياشلىغىم، رەسىدە دىلدەك ئاقسا ھىسلىرىم، سېمىز سېدىدەك شوخلاپ ئاۋازىم، گۈللەرنى تىشىپ ئۆتسە كۆزلىرىم،
يۈگەرسە قەلبىم سەبى ئۇماقتەك، ئۇچسا تەنلىرىم ئۇچۇرما قۇشتەك، ياشىماسمىدىم ئەسىرلەر ئۆلمەي، كەڭەيسە روھىم چەكسىز سامادەك...
ئاھ! شۇنداق ھۇشسىز كەيپ بۇلۇتمەن ، بىلمىدىم بۇ بەخت ياكى دەرتتىنمۇ؟ ياقاپ گۈلدۈرۈم،چاقماق يامغۇرۇم، قارا چۆل بولدى ئارمانلىرىممۇ.
بەختلىك تاڭدەك كۈلسىمۇ لىۋىم، قاخشال ئايدەك يىغلار يۈرىگىم. شاراپ ئىچىدۇ دەرىت تۆكۈپ ماڭا، سۇنغان پۇلداردەك زار-زار تىلىگىم.
سىقتى تىلەكنى ۋىسالسىز سۆيگۈ، قۇرۇق ئەقىدە،رومانتىك خىيال. ئۈمۈت نۇرىنى چېچىپ تىلەككە، تۇغۇپ شوخ باھار ،كەلچۇ ئىستىقبال!
-مەنبە :ئۆز ئەسىرىم |