تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 2

سىقىلغان تىلەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

2

ئەگەشكۈچى

563

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
62
مۇنبەر پۇلى
447
ئىشەنىچ
62
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 17:49:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىقىلغان تىلەك

ئەۋرىشىم نازلاپ ئۆتسە ياشلىغىم،
رەسىدە دىلدەك ئاقسا ھىسلىرىم،
سېمىز سېدىدەك  شوخلاپ ئاۋازىم،
گۈللەرنى تىشىپ ئۆتسە كۆزلىرىم،

يۈگەرسە قەلبىم سەبى ئۇماقتەك،
ئۇچسا تەنلىرىم ئۇچۇرما قۇشتەك،
ياشىماسمىدىم ئەسىرلەر ئۆلمەي،
كەڭەيسە روھىم چەكسىز سامادەك...

ئاھ! شۇنداق ھۇشسىز كەيپ بۇلۇتمەن ،
بىلمىدىم بۇ بەخت ياكى دەرتتىنمۇ؟
ياقاپ گۈلدۈرۈم،چاقماق يامغۇرۇم،
قارا چۆل بولدى ئارمانلىرىممۇ.

بەختلىك تاڭدەك كۈلسىمۇ لىۋىم،
قاخشال ئايدەك يىغلار يۈرىگىم.
شاراپ ئىچىدۇ دەرىت تۆكۈپ ماڭا،
سۇنغان پۇلداردەك زار-زار تىلىگىم.

سىقتى تىلەكنى ۋىسالسىز سۆيگۈ،
قۇرۇق ئەقىدە،رومانتىك خىيال.
ئۈمۈت نۇرىنى چېچىپ تىلەككە،
تۇغۇپ شوخ باھار ،كەلچۇ ئىستىقبال!

-مەنبە :ئۆز ئەسىرىم

36

تېما

53

ئەگەشكۈچى

5677

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2732
مۇنبەر پۇلى
2777
ئىشەنىچ
2732
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-19 19:03:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى  شىئېرلار مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ مانا  مۇنبەر  يانا قىززىيدىغان بولدى

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

143

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
66
مۇنبەر پۇلى
77
ئىشەنىچ
66
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-20 10:21:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-4 12:49, Processed in 0.102293 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش