- تىزىملاتقان
- 2014-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-2
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 59
- نادىر
- 0
- يازما
- 6

- تۆھپە
- 11
- مۇنبەر پۇلى
- 45
- ئىشەنىچ
- 11
| قونسام لېۋىڭگە
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
لەپ لەپ قار ئىچىمدىن ياغىدۇ يامراپ، گۈل بولۇپ ئېچىلار تۇيغۇمدا مۇزدەك. ئۆگزەڭدە ئەگىيدۇ پاناھلىق تىلەپ، قونسام دەپ لېۋىڭگە يارىشىپ توزدەك.
مارىلاپ دەرىزەڭ بىلەن لەپىلدەپ، يىقىلسام تاقاقلىق ئىشىكلىرىڭگە، كۈزەتتە تۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ تىمتاس، پايانداز قىلىنسام سەھەرلىرىڭگە.
غىچىرلاپ تىلمدا ئىزىڭ تامغىلاپ ، ئەگەشسەم ئىزىڭدىن مەنزىللىرىڭگە. ھەمسەپەر يولۇڭدا چاڭقىساڭ ئەگەر، قوندۇرساڭ ئۇچۇمللاپ تاتلىق لېۋىڭگە...
ئاپئاق تون، ئاپئاق روھ ، ئاپئاق يول بىلەن، بويۇسام ئاق رەڭدە پۈتكۈل تۇيغۇڭنى. چېچىلساڭ ئۈستۈمگە ئاپئاق سۆيگۈدە، تاپاتتىڭ ھوزۇرلۇق قىشلىق ئۇيقۇڭنى...
2014-يىلى 12-ئىيۇن (ئاتۇش)
|
|