ھاراق بىلەن پىۋىنىڭ سۆھبىتى
يۇملاق شىرە ئۈستىگە ھاراق پىۋا چىقىپتۇ ، خەۋەر كەلمەي رومكىدىن ئىچى تازا پۇشۇپتۇ ،
دەپتۇ شۇنداق ھاراقجان،بۇرۇقتۇم بوپ سىقىلدىم ، نىمە ئۈچۈن ۋاقىتنى بىلمەسلەرگە سېتىلدىم ،
دەپتۇ پىۋا ھاراقجان ،كەتمەڭ ئۇنداق ئالدىراپ ، كەچ كىرگەندە چوڭ كىچىك كىلىشىدۇ ۋاقىراپ ، ھاراق : ئالدىرايلى پىۋاگۈل بازار دىگەن چاققاننىڭ ، كەلمەس ئۇيقۇ تاڭغىچە بىزنى ئىچمەي ياتقاننىڭ ، پىۋا : نىيتىڭىز يامان ئىكەن ئېچىپ كەتكەن ھاراقجان ، سىزنى كۆپ ئىچكەنلەرنىڭ ياتار جايى چاتاقجان ، ھاراق : ئۇنداق دېمەڭ پىۋاگۈل شەيتان بىزنىڭ پىرىمىز ، ئادەملەرنى ئازدۇرۇش ئىككىمىزنىڭ سرىمىز ، پىۋا : مىنى ئىچسە ماختىنىپ ئىسسىقجانغا دورا دەر ، ئىچىۋىرىپ ئاخىرى قوساق سېلىپ سەمىرەر ، سۆزلىشىدۇ بەس- بەستە ھاراق دىگەن ھارام دەپ ، ئەمما ئىچىپ ئەتىسى تىللار ئىكەن پۇشمان يەپ ، ھاراق : ھەرانىمەن پىۋاگۇل نىچۈن مىنى ئىچىدۇ ، ئىچىپ ھەتتا مەسلىكتە جانلىرىدىن كېچىدۇ ، پىۋا : سەل چاغلىماڭ مىنىمۇ مەن دوستلۇقنىڭ ئەلچىسى ، مەن چىقمىغان شىرەدە ھىساپ .ەمەس ۋەدىسى ، ھاراق : بولدى قىلىڭ پۋاگۈل سىرداشلارنى كۈتەيلى ، گۇمپىمىزنى كۆرسۈتۈپ يۈزلىرىنى تۆكەيلى ، بىرسى بېرىپ ئۇرۇشسۇن ھەتتا كاللا يېرىشسۇن ، بىرسى ھەيدەپ موتونى پۇت-قوللىرى چېقىلسۇن ، پىۋا : ئەي ھاراقجان بولدى بەس ئەسكىلىكتىن يانايلى ، شۇ ھىلىگەر شەيتاندىن بولدى قىلىپ تانايلى ،
ئەي ھاماقەت ئادەملەر مەي-پىۋىنى تاشلاڭلار ، ئادەم بولۇپ قايتىدىن يېڭى ھايات باشلاڭلار .
مەنبە : ئۆزەم .‹‹ ئەسقەر غۇپۇر ›› شايار. |