تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 2

بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

203

تېما

5

ئەگەشكۈچى

2036

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
287
مۇنبەر پۇلى
1144
ئىشەنىچ
287
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 11:00:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم
ئازادجان ئىبراھىم
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
ئەل-جامائەت يىغىلغان كۈنۈم.
چوڭ-كىچىكنى شاد-خۇرام قىلىپ،
قولدىن- قولغا ئېلىنغان كۈنۈم.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
ئوغلاق ، پاقلان سويۇلغان كۈنۈم .
مۇشۇچەكسىز گۈزەل ئالەمگە،
ئاپىرىدە قىلىنغان كۈنۈم.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
ئالقىشلارغا كۈمۈلگەن كۈنۈم.
مۇبارەكلەپ كەلگەندە مىھمان،
چوڭ داستخان سېلىنغان كۈنۈم.
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم،
ئاتا-ئانام سۆيۈنگەن كۈنۈم.
مىننەت دارمەن ئاتا-ئانامغا،
شۇلار ئۈچۈن ياڭرايدۇ كۈيۈم.
2014-يىلى2-ئاينىڭ 14-كۈنى

89

تېما

32

ئەگەشكۈچى

8524

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3160
مۇنبەر پۇلى
3864
ئىشەنىچ
3160
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-5 14:28:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شئېردا  ئاممىباپ تىلنىڭ ياردىمىدە  ھېسياتىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز.ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

203

تېما

5

ئەگەشكۈچى

2036

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
287
مۇنبەر پۇلى
1144
ئىشەنىچ
287
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 11:06:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلغان كۈنۈم
ئازادجان ئىبراھىم

كۆرەلمەس دۈشمەنلىرىم ئوسال بولۇپ،
ئەزىز دوستلار ئاجايىپ خوشال بولۇپ،
ياخشىلىقتىن كۆپچىلىك خۇرسەن بولۇپ،
قىزغىن ساما سالغان ئىدى توي قىلغان كۈنۈم.
مۇبارەكلەپ قۇتلۇق كۈننى  قارشى ئېلىپ،
ناخشا ئېيىتىپ ئۇسۇل ئويناپ سازلار چېلىپ،
كۆڭۈل ئىزدەپ ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللار مېڭىپ،
دوستلىرىم كەلگەن ئىدى توي قىلغان كۈنۈم.
ئاتا-ئانام،ئۇرۇقتۇققان قېرىنداشلىرىم،
ئەل- جامائەت، قۇلۇم- قوشنا يۇرتداشلىرىم،
ئەل-ئاغىنەم، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرىم،
نەغمە –ناۋا قىلغان ئىدى توي قىلغان كۈنۈم.
ھۆسۈن قوشۇپ مېنىڭ شۇ قۇتلۇق كۈنۈمگە،
جۆر بولۇپ مۇڭلار قېتىپ  شادلىق كۈيۈمگە،
ھەر تەرەپتىن يىغىلىپ ئاۋام  ئۆيۈمگە،
ئىخلاسىنى بەرگەن ئىدى توي قىلغان كۈنۈم.

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 17كۈنى ئۈرۈمچى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 15:15, Processed in 0.101029 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش