بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئازادجان ئىبراھىم
بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئەل-جامائەت يىغىلغان كۈنۈم. چوڭ-كىچىكنى شاد-خۇرام قىلىپ، قولدىن- قولغا ئېلىنغان كۈنۈم. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئوغلاق ، پاقلان سويۇلغان كۈنۈم . مۇشۇچەكسىز گۈزەل ئالەمگە، ئاپىرىدە قىلىنغان كۈنۈم. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئالقىشلارغا كۈمۈلگەن كۈنۈم. مۇبارەكلەپ كەلگەندە مىھمان، چوڭ داستخان سېلىنغان كۈنۈم. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئاتا-ئانام سۆيۈنگەن كۈنۈم. مىننەت دارمەن ئاتا-ئانامغا، شۇلار ئۈچۈن ياڭرايدۇ كۈيۈم.
2014-يىلى2-ئاينىڭ 14-كۈنى |