تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1525|ئىنكاس: 11

ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5748

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2170
مۇنبەر پۇلى
3023
ئىشەنىچ
2170
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 19:54:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىسى ( 3 )
                                                                 نامى ئۇلۇغ مۆلجەر تاغ
        سىز ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى تۇمشۇق تاغ دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ ناھىيە بازىرىغا كىرگىنىڭىزدە، ئىككى تەرىپى ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ئۇزۇن كوچىنىڭ غەرپ تەرىپىدە قەد كۆتىرىپ تۇرغان بىر تاغ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كۆككە تاقاشقان راۋاق كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. مانا بۇ ئۇچتۇرپاننىڭ شانلىق تارىخىدا ئۇلۇغ نام قالدۇرغان مەشھۇر مۆلجەر تېغىدۇر.
        مۆلجەر تاغنىڭ نامى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، بۇ تاغ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ ئوزاق ئۆتمۈشتە زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭگىۋار كۈرەشلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا، 1765-يىلى ئەينى زاماندىكى چىڭ ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتمۇ-قات زۇلمىغا چىداپ تۇرالمىغان ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى ئاكا-ئۇكا رەھمىتۇللا بىلەن ئەسمىتۇللانىڭ باشچىلىقىدا زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قىرىپ تاشلىنىدۇ، ئون مىڭغا يېقىن ئادەم ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان باشچىلىقىدىكى يەتتە قىز ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالغان دېھقانلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى يۇشۇرۇن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ باتۇر يەتتە قىز مانا مۇشۇ مۆلجەر تېغىدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ قورشاۋىدىن بۆسۈپ چىقالماي، ئاخىرىدا مۆلجەر تېغىدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەردانىلەرچە قۇربان بۇلىدۇ. 80-يىللاردا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى (ھازىرقى تارىم ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى) ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى ئاساسى تىما قىلغان "مۆلجەر تاغ بورانلىرى" ناملىق تارىخىي دىراممىنى سەھنىلەشتۈرۈپ ئويناپ چىقىپ، مۆلجەر تاغنىڭ بۇ شانلىق تارىخىنى سەنئەت ۋاستىسى ئارقىلىق خاتىرىلىگەن ئىدى.
        بىز بۇيىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەشۇ ئۆچمەس تارىخنىڭ گوۋاھچىسى، قەدىمىي يۇرت ئۇچتۇرپاننىڭ سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە شەرقتىن كۆتىرىلگەن قوياشقا تەلپۈنۈپ زەبەردەست قەد كۆتىرىپ تۇرغان مۆلجەر تېغىنى سەيلە قىلدۇق. تاغدىكى ئەڭ ئىگىز راۋاققا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز، پۈتكۈل ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېشىل بوستانلىقلار، گۈزەل مەنزىرىلەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بۇلىدىكەن. بىز سەيلە قىلىش جەريانىدا، تاغ ئۈستىگە تۇرۇبا ئارقىلىق سۇ چىقىرىلىپ، كۈچەت تىكىشكە بۇلىدىغانلىكى جايلىرىغا دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تاقىر تاغنىڭ قىياپىتى ئۆگىرىپ، خىېلى كۆپ جايلىرىنىڭ يېشىللاشقانلىقىنى كۆردۇق. تاغدىكى ئەسلىدە بار راۋاقلار رىمۇنتلىنىپ يېڭىلانغاندىن تاشقىرى، يەنە يېڭى راۋاقلار ياسىلىپتۇ، يوللىرىغا رىشاتكا ئورنۇتۇلۇپ ساياھەتچىلەرگە قۇلايلىق يارىتىلىپتۇ. توققۇز بۇلاقنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن مۆلجەر تېغى بۈگۈنكى كۈندە يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن گۈزەل سەيلىگاھقا ئايلىنىپتۇ. بۇ بايانىمىزنىڭ دەلىلى بولغان تۆۋەندىكى سۈرەتلىرىمىزنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. ئۇچتۇرپاندىكى ساياھەت خاتىرىمىزمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى، تورداشلىرىمىزنىڭ قىزىقىپ كۆرگەنلىكى ۋە قىزغىن ئىنكاس قالدۇرغانلىقىغا رەھمەت.


        
      
      
*         
      
      
*      
*      
      
*        


بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1208

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
563
مۇنبەر پۇلى
636
ئىشەنىچ
563
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 12:22:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنزىرسى يىقىشلىقكەن

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

287

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
139
مۇنبەر پۇلى
139
ئىشەنىچ
139
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 13:28:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەددئيى سۈرەتلەرنى ياخشى تارتىپسىز !

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

2670

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
762
مۇنبەر پۇلى
1826
ئىشەنىچ
762
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 09:07:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تەۋەررۇكلەر ئىدى--دە!

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

132

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
54
مۇنبەر پۇلى
86
ئىشەنىچ
54
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 11:18:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  bir qiraylik rawakka sat hatlarni yazhan mitilarni,sapasizlarni korsam yuziga hat yazhum kilidu. madaniyatsizlikning alamiti digan xuhu?
تەۋپىق

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

272

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
134
مۇنبەر پۇلى
138
ئىشەنىچ
134
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 19:59:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پا ھ پا ھ نىمدىگەن چىرايلىق مەنزىركەنغۇ ئۇ ئاللا  نىسىپ قىلسا بىرىپ كۇرەپ كىلەمىز

176

تېما

7

ئەگەشكۈچى

3602

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئەلى 2012
تۆھپە
1190
مۇنبەر پۇلى
1876
ئىشەنىچ
1190
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 23:15:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنزىرسى يىقىشلىقكەن

51

تېما

3

ئەگەشكۈچى

2288

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
686
مۇنبەر پۇلى
1320
ئىشەنىچ
686
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 23:00:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئەمەس سۈرەتلەركەن

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

473

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
236
مۇنبەر پۇلى
237
ئىشەنىچ
236
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 12:24:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىر كۈرۈپ كىلىشكە تىگىشلىك جاي ئىكەن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

179

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ئەنۋەر
تۆھپە
70
مۇنبەر پۇلى
109
ئىشەنىچ
70
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 15:56:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bir    berixka      tigixlik   lay   ikan
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-7-3 16:10, Processed in 0.120465 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش