تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2146|ئىنكاس: 18

ئەسقەر مەمىتىمىن ئەسەرلىرىدىن ـــــــ ھەسەتخور

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

1

ئەگەشكۈچى

513

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
114
مۇنبەر پۇلى
359
ئىشەنىچ
114
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 11:54:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sadiksirdax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 16:38  

ھەسەتخور

  قارىماققا كىچىك پىل،پەيلى يامان ھەسەتخور،
ئېغىزىدا ئىمان بار ، دىلدا يىلان ھەسەتخور،
      قېرىنداشنى  ،دوستىنى چاققان چايان ھەسەتخور،
   ئادەملىكىڭ دىللاردا،قوزغار گۇمان ھەسەتخور،
                 توشۇپ گەپ-سۆز، دوستلارنى  تىرىك ساتقان ھەسەتخور!


ئۆزى ئۇتۇق قازانماي ،يۈرەر دائىم تەمتىرەپ،
     قان كېتىدۇ ئىچىڭدىن ،بىراۋ قۇچسا شان-شەرەپ،
كونا باشلىق ئالدىدا ياشىغانتىڭ ئەركىلەپ،
       ئەمدى يېتىم قالدىڭسەن ،تاز ئۆچكىدەك مەقىرەپ،
       ئىچى تارلىق دەستىدىن ، ئەلەم يۇتقان ھەسەتخور.


  مۇسىبەتلىك شۇمخەۋەر يېتىپ كەلدى خوتەنگە:
مەرھۇم ئاتاڭ جەسىدى كىرىپتۇ ئاق كېپەنگە،
      تاغدەك ئېغىر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا يەلكەڭگە،
   بەردىم بېرىپ تەسەللىي، كونا-ۋەيران كەپەڭگە،
    ياشاپ ئۆسكەن موھىتى ، ئېغىل –قوتان ھەسەتخور.


كەسپ قىلدىڭ ئۆزەڭگە ياخشىلارنى چېقىشنى ،
     چېقىش بىلەن نەپ ئېلىپ، ئۆگەندىڭ جان بېقىشنى
كۈلۈپ تۇرۇپ  دوستلارنىڭ،دىلىغا زىخ تىقىشنى،
سۇ لېىيىتىپ كۆلچەكتىن،ئۆزەڭ بېلىق تۇتۇشنى
شۇ‹ھۇنەر›دە ۋاقىتلىق،تاپتىڭ ھايان ھەسەتخور.


چىرمىۋالغاچ دىلىڭنى ئەمەل-مەنسەپ تاماسى،
قابىللارنى دەپ يۈردۈڭ‹قانچىلىكتى ساپاسى؟›
         كوت-كوت قىلىپ يۈرۈيسەن ، گېپىڭنىڭ يوق ئاساسى،
ياخشى ئەمەس بۇنىڭغا،كۆپچىلىكنىڭ باھاسى،
    ئەمەل-مەنسەپ كويىدا،يۈردۈڭ ھامان ھەسەتخور!


پەيلاسوپتەك كورسىتىپ سەپداشلارغا ئۆزەڭنى ،
      ھىكمەتلىك دەپ قارايسەن ھەر بىرئېغىز سۆزەڭنى ،
ھەقىيقەتنىڭ ئالدىدا،چىڭ يۇمىسەن كۆزەڭنى،
   ياقتۇرمىسا ھېچ كىشى سەندەك مەغرۇر-كۆرەڭنى،
        ئاچچىق مېغىز يىگەندەك چەكتىڭ پىغان ھەسەتخور!


       ھەسەت ئوتى قەلبىڭدە بولدى گۈلخان لاۋۇلداپ،
            كىرگەن كەبى دوزاققا چەكتىڭ دوستۇم دەرت-ئازاپ،
            بۇغداي ئۆڭلۈك يۈزلىرىڭ كۈندىن-كۈنگە قارىداپ،
يازدىڭ ھەتتا ماقالا،تۆھپەكارلارنى غاجاپ،
          ئاچچىق يۇتۇپ سەكراتتا،يېتىپ قالغان ھەسەتخور.


  ئەر سانالماس تۈك-ساقال چىققان بىلەن ئېڭەككە،
ئوخشىتىسەن ئۆزەڭنى تەڭدىشى يوق زېرەككە،
             لېكىن ھەسەت يۇتىسەن ‹‹خەمەك›› چۈشسە ‹‹پىلەك››كە،
ھەسەت يۇتقاچ، دوختۇرلارسالدى تىرەك يۈرەككە،
زەئىپ بولۇپ يۈرۈگى نىمجان بولغان ھەسەتخور!


           تاپقان پۇلۇڭ تاش سېتىپ، كەتتى ئېقىپ دوختۇرغا،
         تەكشۈرتۈپ باق تەپسىلىي تېخنىكىسى يۇققىرىغا،
           نەس كېسەللىك ئامراقكەن ئىچى زەھەر-قوتۇرغا،  
ئىككى پۇتلۇق ئېشەكمۇ باغلىنىدۇ ئوقۇرغا،
         ئىسمى ئادەم بولسىمۇ ، نەسلى ھايۋان ھەسەتخور!


ئاگاھ بولغىن ساغلاملىق،تەئۇللۇقتۇر ئوزۇڭگە،
ھەسەت دېگەن زىيانلىق،ئۆپكە،يۈرەك،ئۆتۈڭگە،
ئايالىڭ ئاق كىيىملىك،كىردى تەكرار چۈشۈمگە،
شېئر يېزىپ شىپالىق،ئوكۇل سالدىم كۆتۈڭگە،
                چىداپ تۇرغىن لەۋ چىشلەپ،دىمە‹‹ ۋايجان!›› ھەسەتخور.


ئاقىۋىتى خەتەرلىك يۈرەك بولسا تىقىلما،
قىلىپ قارا نىيەتلىك،سەپداشلارغا چېقىلما،
      دوستلىرىڭغا بولمىغىن ، ئىككى يۈزلۈك سېتىلما،
     سۆڭەك بەرگەن ئىگەڭگە،غالجىر ئىتتەك ئېتىلما،
         ساقىيارسەن ،دىلىڭ كەڭ بولسا ئاسمان ھەسەتخور!
  مەنبە:  خاتىرەم     2013-7-30

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1277

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
583
مۇنبەر پۇلى
685
ئىشەنىچ
583
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 19:06:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەتخورلارنى تازا قامچىلاپسىز ئاپىرىن

3

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1277

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئابلىمىت داۋۇت
تۆھپە
583
مۇنبەر پۇلى
685
ئىشەنىچ
583
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 12:47:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى كۆرۈپ بىرەر ئىغىز ئىنكاس يازمىغانلىقىڭىز ھەسەت قىلغىنىڭىزمۇ قانداق  ھىچ بولمىغاندا ئۆز كۆز قارشىڭىزنى يىزىپ قويسىڭىز بولىدۇغۇ

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

24

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
18
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 23:17:39يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەڭ قۇساق بۇلۇش ئادەمنىڭ زىننىتى. بۇ شىئىردا ھەسەتخورنى تازا ياخشى قامچىلاپتۇ. بەدىئىيلىكىمۇ خېلى يۇقىرى. ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن. بولسا ئىنسان تەبىئىتىدىكى نۇقسانلارنى قامچىلاش بىلەن بىرگە خەلىقىمىز ئارىسىدىكى ئۆز ئارا كۇيۇنۇش، مىھرىبانلىق، كەڭ قۇساقلىق قاتارلىق ئىسىل خىسلەتلەر توغرىسدا قەلەم تەرۋىتىشنى بۇ ئارقىلىق خەلىقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى بېيىتىشنى ئۇمىت قىلىمەن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

24

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
18
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-31 22:38:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىر بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ، تىلى بەكمۇ پاساھەتلىك، شۇنداقلا ھەسەتخورلىقىنى ئۆتكۇر تىللار بىلەن قامچىلاپتۇ، ئاپتۇرنىڭ تېخمۇ تىرىشىشىغا تىلەكداشمەن.

14

تېما

1

ئەگەشكۈچى

851

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئەخمەتجان مەتقۇربان
تۆھپە
97
مۇنبەر پۇلى
690
ئىشەنىچ
97
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 12:31:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ! قەلىمىڭىزگە بەرىكەت، قولۇڭىزغا ھەرىكەت، قەلبىڭىزگە ئۈمىد تىلەيمەن !

19

تېما

2

ئەگەشكۈچى

507

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
227
مۇنبەر پۇلى
245
ئىشەنىچ
227
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-8 23:59:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kalimingizning  bunqiwala  otkurligini  ilgiri sazmaptiman  hasrathorning  aldida hargiz hasratlanmang    ixt kawawiridu  karwan  yuruwiridu altun yanila altun

5

تېما

24

ئەگەشكۈچى

4203

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2146
مۇنبەر پۇلى
1780
ئىشەنىچ
2146
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 10:47:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەسەتخورلوقنى داۋالايمەن دەپ ساقايتقىلى بولمايدۇ..........بۇنى مەن قاندىكى مىجەز دەپ ئويلايمەن..........ھەسەتخورنىڭ دەۋاسى ئۇزاقتۇر ئۇزاق،ئۆزىنى ئۆزى يەپ سېزەر ئۇ ئاداق دەپتىكەن چوڭلىرىمىز..........ئىسىل يېزىپسىز............ھارماڭ!

43

تېما

18

ئەگەشكۈچى

2728

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
1474
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-21 12:03:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي ھەسەتخور-ھەسەتخور،
ئەقلى يوقۇ-كۆزى كور!

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

408

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
176
مۇنبەر پۇلى
218
ئىشەنىچ
176
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-22 20:12:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-18 10:47
بۇ ھەسەتخورلوقنى داۋالايمەن دەپ ساقايتقىلى بولمايدۇ... ...

ھەسەتخورلار چوقۇم  يۈرەك  كېسىلى بولدۇ  ئۆزگە  زىيان شۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-5 07:17, Processed in 0.111563 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش