كۆرۈش: 594|ئىنكاس: 8

كەلگۈسىدىن بىشارەت بەرگۈچى ئەما ئايال[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
488
تۆھپە
322
UID
306
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 16:03:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    فاكرىيا دىمىتروۋا بىر ئەما ئايال، ئەمما ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشىنى قىياس قىلىپ، كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ، كىشىلەرگە كېسەلنى قانداق داۋالاشنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنداقلا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان بالا قازادىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز دېرىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئىلگىرى سىتالىننىڭ ۋاپاتىدىن ئالدىن بىشارەت بەرگەچكە تۈرمىگە قامالغانىكەن.
    دىمىتروۋا بۇلغارىيە، ماكېدونىيە ۋە گېرىتسىيە چېگرىلىنىدىغان جايدىكى بىر يېزىدا تۇراتتى. 1941-يىلى يانۋارنىڭ مەلۇم بىر كېچىسى ساۋۇت دوبۇلغۇلۇق بىر چەۋەنداز ئۇنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولدى ۋە ئۇنىڭغا :ئۇزاققا قالماي ئىنسانىيەتكە ئاپەت ياغىدۇ، نەچچە مىليون ئادەم جېنىدىن ئايرىلىدۇ، سەن بۇلاردىن ئالدىن بېشارەت بېرىشنى خالامسەن؟ قورقما، قانداق قىلىشنى مەن ئۆگىتىمەن، دېدى. دىمىتروۋا ئەينى چاغدا 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بۇ سىرلىق چەۋەندازغا يولۇقۇشتىن ئىلگىرىلا سىرلىق تالانتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇ بالا ۋاقتىدىلا بەزى غەلىتە ئويۇنلارنى ئويناتتى، كۆزى ئېتىق ھالەتتە نەرسىلەرنى قويۇلغان ئورنىنى دەل كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۇ يەنە «داۋالىغۇچى» يەنى (دىنىي ئۇسۇلدا كېسەل داۋالايدىغانلار) بولۇشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن دوستلىرىنىڭ كېسەللىرىنى داۋالايتتى.
    دىمىتروۋانىڭ كىچىك ۋاقتىدىلا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىدا چوڭ بولغانىدى. ئۇ 12 ياشقا كىرگەن يىلى بىر قېتىم قاتتىق شىۋىرغاندا قالدى، قۇيۇن ئۇنى ئۇچۇرۇپ يىراق جايغا ئاپىرىپ تاشلىدى. كىشىلەر ئۇنى تاپقاندا ئۇ ئاللىقاچان ئەما بولۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ئالدىن كۆرەرلىك تىلەپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىدىغان بولدى. 16 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئىقتىدار ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئوغرىلانغان قويلىرىنى ئىزدىشىگە ياردەملەشتى ۋە ئوغرىلانغان قوي يوشۇرۇپ قويۇلغان ھويلىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بەردى. دىمىتروۋا شۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم قورقۇنچلۇق ئىشلارنى چۈشەيدىغان بولۇپ قالدى، يامان يېرى ئۇ كۆرگەن چۈشى كېيىن رېئاللىققا ئايلاندى.
    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دىمىتروۋاغا چوقۇنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كەتكەن تۇغقانلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئىنتىزار بولغانلار ئىدى. دىمىتروۋا كىشىلەرگە ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆزىنى قانداق قوغداش، دورا ئۆسۈملۈك، سېغىز توپا، سېرىق مومدىن پايدىلىنىپ، يارىنى تېڭىش، يۈتكەن نەرسىسىنى ئىزدەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتەتتى. ئۇرۇشتىن كېتىن دىمىتروۋا سىتالىننىڭ ۋاپاتىدىن بىشارەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى ۋە بىر يىلدىن كېيىن قويۇۋېتىلدى. چۈنكى سىتالىن راستىنلا ئۇ بېشارەت بەرگەن ۋاقىتتا ۋاپات بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن دىمىتروۋا كىشىلەردە قورقۇنچ پەيدا قىلىشتىن ئەنسىرەپ، رەھبەرلەر ۋە دۇنيا دۇچ كېلىدىغان ئاپەتتىن بىشارەت بەرمەيدىغان بولدى. دىمىتروۋا ئاكىسىنىڭ 23 ياشقا كىرگەندە ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى چۈشىدە كۆرگەنىدى. شۇڭا ئاكىسىنىڭ پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىغا قارشى تۇردى. ئەمما ئاكىسى ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى، كېيىن ئۇنىڭ ئاكىسى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن ئېتىۋېتىلدى. دىمىتروۋا ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، ئۇ: مەن سىلەرگە ئېيتسام، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن تېنى چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تەننىڭ يەنە بىر قىسمى يەنى روھى پارچىلانمايدۇ، ئۇ تېخىمۇ يۈكسەك ھالەتتە داۋاملىق مەۋجۈت بولىدۇ دېگەن.



                                                  

200.jpg



مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى



Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئابدۇرېھىم
تىللا
167
تۆھپە
62
UID
733
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 16:57:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئقتىدار بولسا ھە سىز بىزدىمۇ .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
111
تۆھپە
72
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 17:49:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز،  بىز(ئۇيغۇر)دىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار بولسا يۇرتىمىزنى بېشىمىزغا كېيىمىز. بىزدە بولمىسۇن بۇنداق كۈچ.


Rank: 4

ئىسمى
ئايبەرچىن
تىللا
288
تۆھپە
171
UID
201
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 17:51:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل شۇنداق ئىقتىدارنىڭ بولماسلىقى بىلەن بىز بەختلىك. بولمىسا پىشانىغا پۈتۈلۈپ كەتكەن ئىشتىن قېچىشنى ئويلاپ تېزلا قېرىپ، كاللىمىزدىنمۇ كېتەتتۇقمىكىن.


Rank: 4

ئىسمى
گۈلمىھرە ئەنۋەر
تىللا
332
تۆھپە
201
UID
123
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 22:01:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئاللا ھەممىنى بىلگۈچى ، باشقىدا ئۇنداق ئىقتىدار يوق ، مەزكۇر تېما ھەرگىزمۇ رىئاللىق ئەمەس


Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
مەردان
تىللا
111
تۆھپە
49
UID
366
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 23:30:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزلىگۈم يوق


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
7
UID
863
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 00:07:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتتىكى ئايال نىمانداق قوقۇشلۇق !!!!


دۇنيا مىھىر - مۇھاببەتكە مۇھتاج ، قىزلار خاتىرجەم ئىناق بەخىتكە مۇھتاج

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
91
تۆھپە
72
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:39:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر يالغان مۆجىزىمۇيا!


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەركمان
تىللا
1688
تۆھپە
1104
UID
750

ئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-16 23:45:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراۋلارنى ئەۋلىيا، دەپ چوقۇنۇش تولا كۈلكىلىك، بىر چاغلاردا تىرىك ئەۋلىيا، دەپ بىراۋلارنى كۆككە كۆتۈرۈشلەر بولغان ئىدى...


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-11-9 07:05, Processed in 0.065838 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش