بىلگئەر يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 23:12 
قەشقەرنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى. چىرايلىق بوپتۇ، بىراق ئۇ ...
ئەلۋەتتە، ئەڭ دەسلەپكى تۇمەن دەرياسى شۇنداق ھەيۋەت ئىدى، تەبىئىلىكى بىلەن گۈزەل ئىدى. ئەمما كىيىنچۇ؟ ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى تۈمەن دەرياسى قانداق ئىدى؟ ئۇ ۋاقىتلاردا تۈمەن دەرياسىنىڭ شەھەر ئىچىدىن ئۆتىدىغان قىسمىغا قاراش تۈگۈل دەريا بويىدا ماڭغۇڭىزمۇ كەلمەيىتتى. زاۋۇتلار كىرەكسىز سۇ قويۇپ بىرىپ، شەخىسلەر يۈندىللىرىنى تۆكۈپ دىگەندەك تۈمەن دەرياسىنى يۈندا ئىرىقىغا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى. ھازىر شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىگە سىلىشتۇرغاندا نەچچە يۈز ھەسسە ياخشىلاندى. ئەجىبا ياخشى ئەمەسمۇ؟
بۇرۇن كىشلەر ئەۋرەزلىرىنى دەرياغا قويۇپ بىرەتتى. ھازىر دەريادا قول يۇيۇشقىمۇ رۇخسەت قىلمايدىغان بولۇپتۇ. مىنىڭچە بۇ ياخشى ئىش.
بىرلا ئەپسۇلىنارلىق يىرى تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيى بەكلا ئازلاپ كەتتى. بۇنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئاسان ئەمەس.