بۇ تېمىغا چوقۇم ساغلاملىق ھەم سوتسىيالىستىك ئەخلاق قارىشىدىن تۇرۇپ توغرا مۇئاممىلە قىلىڭ، تېمام بەلكىم نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. بىز نۇرغۇنلىغان تورداشلار (ئەپسۇس ساغلاملىق ھەققىىدىكى بىلىمىمىز تېخى يۇقىرى ئەمەس)جىگەر كېسەللىكىنىڭ كىشىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدىغان يامان كېسەللىك ئىكەنلىكىنى تازا بىلىپمۇ كەتمەيمىز، بىراق بۇ گەرچە يۇقۇملۇق كېسەللىك بولسىمۇ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىسىنى تولۇق ئۇرغۇزۋەتسە بەك قورقۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.قوپالراق گەپ: ۋاكسىنا ئۇرغۇزمايدىغانلار بەك كۆپ!ھەممىسى ھۇرۇنلۇق! ھاراققا،تاماكىغا،بۇزۇقچىلىققا پۇل چىقىرىدۇ، ساغلاملىققا 100كويچەنمۇ مەبلەخ سالمايدۇ!كېيىن پۇشايمان يەپ ئاللاھدىن گۇناھىنى كەچۈرۈشىنى تىلەيدۇ!!

ھالبۇكى جۇڭگودا 100مىليون كىشى(10ئادەمنىڭ بىرسى مۇشۇنداق كېسەل)مۇشۇ كېسەللىكنىڭ ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا قېرىنداشلار بۇ مەرەزدىن يۇقۇملىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ ساق چېغىڭلاردا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۋېتىڭلار، ھېچ بولمىغاندا 10-5 يىلدەك خاتىرجەم يۈرەلەيسىز،يەنى ب تىپلىق جىگەر كېسىلىگە ئاسانلىقچە گىرىپتار بولمايسىز.چەت ئەلنىڭ ۋاكسىنىسى(乙型肝炎重组疫苗) قىممەترەك بولسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى ،باھاسى 3 قېتىملىقىنىڭ جەمئىي 150 كوي ئۆپچۆرىسىدە.مەن بۇرۇن مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ بەك جاپادا قالغانتىم(لېكىن خەقنى سۆيۈشتىن بولمىغان ئەلۋەتتە)، ھازىرغۇ شۈكرى تولۇق ساقىيىپ كەتتىم(رېتسىپ:مۇبادا سىز 大三阳بولسىڭىز بىر دانىسى 5-100كويلۇق 胸腺肽دېگەن دورا بىلەن بىر دانىسى 30-100كويغىچە بولغان چەت ئەلنىڭ 干扰素دېگەن ئۇكۇلنىنى ئىشلەتتىم،يېمەك -ئىچمەككە قاتتىق دىققەت قىلدىم.ساقىيىش ئۈنۈمى 30--40پىرسەنت،تەلىيىڭىز بولسا مۇشۇ نىسبەت ئىچىگە كىرىسىز،لېكىن ئاللاھدىن تىلىمىسىڭىز بىكار.)،لېكىن بەك جىق پۇل قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى.شۇڭا تورداشلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن. قىزلار بۇنداق كېسەل بوپ قالسا تېخىمۇ چاتاق كېيىن بالىسىغا تۇغما يۇقۇپ قالىدۇ، بىراق بۇنى ئېرسىيەت بوپ قالىدۇ دېگنلىك بولمايدۇ. جىگر كېلسى ئىرسىي كېسەللىك ئەمەس.ئەرلەرنىڭ سەل ياخشى، چۈنكى ئەرلەر بالا تۇغمايدۇ ئەمەسمۇ. ئەڭ مۇھىمى ئانا تەرەپ، چۈنكى ئانا تېنىدە ئانتېتىلا بولسا بالىغا يەنى تۆرەلمىگە يۇقمايدۇ(90پىرسەنت كېسىپ ئېيتقىلى بولىدۇ)،ئانىنىڭ قېنىدىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتېتىلاسى تۆرەلمىنى قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ.
گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى؛ قىز-ئوغۇللار سۆيۈشكەندە بۇ كېسەل ئۆز ئارا يۇقامدۇ؟
جاۋاب: جاۋابنى بېرىشتىن بۇرۇن يەنىلا بەزى شەرتلەرنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى قىز-يىگىتلەر بەك ئەركىنلىشىپ كەتتى(ياراتقان ئىگىسىن قورقماي يۈرمەكتە....ئەپسۇس..ئەپسۇس...بەك ئەپسۇس)، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاببەتلىشىۋاتقان بىر قىسىم قىز-يىگىتلەر يۈرۈش مەزگىلىدە سۈيۈشۈشتىن ئىبارەت بۇ قىلىمىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بىراق كىچىككىنە شەيتاننىڭ چاقچىقى بىلەن بەزى ساغلام قىزق-يىگىتلەر ئۆزىگە بىر كېسەلنى يۇقتۇرۋالماقتا.ئۇ بولسىمۇ ب تىپلىق جىگەر كېسىلى، بۇ كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇس بولسا كېسەل قىز-ئوغۇللارنىڭ تەن سۇيۇقلىقىدا بولىدۇ.يەنى:سىپىرما، شۆلگەي،سۈيدۈكى-گەندىسى،قېنى(ياكى ھەيز قېنى)،تەر سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار....
بىرسى كېسەل ئەمما يەنە بىرسى ۋاكسىنا ئۇرغۇزمىغان(ساق كىشى) بولسا كېسەللىك (ئاز دېگەندە 3ئاي كۆپ دېگەندە 9ئاي ئىچىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ)ساق ئادەمگە يۇقىدۇ.مۇبادا كېسەل كىشىنىڭ ئېغزىدا يارا بولسا ياكى چىشى ئاسان قانايدىغان بولسا ،يەنى قان يۇقى بولسا كېسەللىك تېخىمۇ ئاسان يۇقىدۇ.ئەگەر ساق كىشىنىڭ تېنىدا يېتەرلىك ئانتېتىلا بولسا يۇقمايدۇ.ئانتېتىلا دەرىجىسى تۆۋەن بوپ قالغان بولسا يەنە يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن(ۋاكسىنا سالدۇرغىنىغا 7-8يىل بولغان بولسا ۋاكسىنىنىڭ كۈچى قالمىغان بولىدۇ،شۇڭا يۇقىدۇ).ئىككىلا تەرەپتە بۇ كېسەللىك بولسا بۇ يەردە يۇقۇش-يۇقىماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. سۆيۈشسە بەرىبىر بولىدۇ.ئەگەر بىر تەرەپنىڭ 大三阳بولسا سۆيۈشكەندە ساق كىشىگە تېز يۇقىدۇ. 小三阳بولسا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن.دېمەك بۇ كېسەللىككە سەل قارىماسلىق كېرەك.بۇ كېسەللىك يەنە جىنسىي مۇناسىۋەتتىنمۇ تېز يۇقىدۇ.يىگىت تەرەپتە ب تىپلىق جىگەر كېلى بار بولسا(مەيلى 大三阳,小三阳بولسۇن بەرىبىر) ئەگەر ھېسسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرسەچوقۇم 24 سائەت ئىچىدە 高效价免疫球蛋白نى قىز بالىغا ئۇكۇل قىلدۇرۋېتىش كېرەك(باھاسى200 كويچەن ئۆپچۆرىسىدە).سۈيۈشىشتىمۇ ھەم شۇنداق. ئاندىن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە مۇناسىپ تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ.
سىز كېسەل بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى باشقىلارنى ئازابقا سېلىپ قويماڭ.چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىنىڭ،مۇۋاپىق داۋالىنىپ 小三阳 بولسىڭىز شۇنداقلا يەنە بىر مۇھىم تەكشۈرۈش يەنى hbv-dnaنى تەكشۈرتۈپ نەتىجىسى مەنپىي چىقسىلا ساغلام كىشىلەردەك يۈرۈۋەرسىڭىز بولىدۇ،小三阳 يۇقمايدۇ. ئومۇمەن، بۇ سىزگىمۇ ھەم بىراۋغىمۇ ياخشى.مۇبادا سىزدە مۇشۇنداق كېسەللىك بولسا قارشى تەرەپنى سۆيمەڭ،ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلغان بولىسىز. قىسقىسى بىر ساق قېرىندىشىڭىزنى نابۇت قىلىسىز. ساقايتماق بەك تەس كېسەل بۇ. بۇنداق كېسىلى بار كىشىلەر كىچىك بالىلارنى ھەرگىز سۆيمەسلىكى لازىم.بۇ ئۇچىغا چىققان مەسئۇلىيەتسىزلىك،مەينەتلىك! ئاتا-ئانىلار بەك دىققەت قىلىشى شەرت! قالغان ئىش ئەمدى سىز(ھۆرمەتلىك بىمارلار)نىڭ ئادىمىلىكىڭىزگە باغلىق ئەلۋەتتە.
ساغلامىق ئالتۇندىن قىممەت، ساغلاملىق ھەممىمىزگە يار بولغاي~!
بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى:
ئاقىللار تورى