ئەركمان تەرجىمىسى
‹‹دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار›› ناملىق كىتابتىن
تارىخ كىتابلىرىدا ئەڭ مۇكەممەل ئىمپېراتور، دەپ ئاتالغان تىتۇس ھەقىقەتەن مۇشۇ نامغا لايىق بىردىنبىر ئىمپېراتور. رىم ئىمپېراتورلىرى ئىچىدە ھېچقانداق بىرى ئۇنىڭدەك ئىۋەنسىز ئەمەس. ئەمما، تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ بەئەينى يالماۋۇزدەك بىر كىشى ئىدى.
تىتۇس مىلادى 39-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاچكۆزلۈكتە ئۇچىغا چىققان ئىمپېراتور ۋېسپاسىئاننىڭ ئوغلى. ئەمما ئۇ بەدبۇي چاۋىسى چىتقا يېيىلغان ئاتىسىنىڭ ئەكسىچە، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 3 يىلغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە پۈتكۈل رىم خەلقى زەررىچە ئىۋەن تاپالمايدىغان پادشاھلىق ئەخلاقى بىلەن يۈكسەك ئابرويغا ئېرىشىپ تارىختا ياخشى نام قالدۇرغان. ئەمما تىتۇس يېڭى تەختكە چىققاندا رىم پۇقرالىرى كلاۋدى، نېرو، ۋېسپاسىئاندەك پادشاھلارنى كۆرۈپ سەسكىنىپ كەتكەچكە قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى 2-نېرو بولۇپ قالىدۇ، دېيىشكەن. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
ئۆسمۈرلۈكتىكى تىتۇس
تىتۇس ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ھەممىلا جەھەتتىن مۇنەۋۋەر بالا ئىدى، ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىدىن سالاپەت ئۇرغۇپ تۇراتتى، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، ساغلام بولۇپ، قىلىچبازلىق، جانبازلىق، نەيزىبازلىققا پىشقان، چىقىشقاق، چەۋەندازلىقتا ۋايىغا يەتكەن ئىۋەنسىز بالا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى ياخشى ئىدى، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە ئىدى، ھەممىلا ئىشقا قىزىقاتتى، لاتىن، گرېك تىللىرىدا راۋان سۆزلەيتتى ھەم بۇ تىللاردا ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا يازغان شېئىرلىرىدىن داڭلىق شائىرلارمۇ ئىۋەن تاپالمايتتى. مۇزىكىدا ئۆزگىچە تالانتقا ئىگە ئىدى، تۈرلۈك سازلارنى خېلىلا ياخشى چالاتتى. گەرچە ئۇ مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە تالانت ئىگىسى بولسىمۇ رىملىقلار ئۇنى زادىلا ياقتۇرمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا ئاجايىب بىر خىل ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پالاقشىپ يۈرگەن بىرتالاي دوستلىرى رىم جەمئىيىتىنىڭ داشقاللىرى بولۇپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمايتتى، تىتۇس مانا شۇنداق كىشىلەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بۇرادەرچىلىك قىلاتتى. ئۇ يەھۇدىي پادشاھى ئاگرىپپاⅠنىڭ قىزى بېلېنس بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگەن، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولغان، دېگەن مىش-مىشلەرمۇ تارقالغان. رىملىقلار ئۇنى ئۇچىغا چىققان پاراخور، دەپ گۇمان قىلىشقان. رىملىقلارنىڭ نەزەرىدە تىتۇس ئەشەددىي زالىم ئىكەن، ئۇ ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىدا كوماندىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا بىرەرى ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغاپلا قويسا ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن.
تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تىتۇس
مۇشۇنداق يالماۋۇز سۈپەت بىر ياشنىڭ تەختكە چىققىنىنى كۆرگەن رىملىقلار قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن. ئەمما كىشىلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغىنى شۇكى، تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تىتۇس تەختكە چىقىشتىن بۇرۇنقى تىتۇس بىلەن %100 ئەكسىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان. ئۇ ھەقىقىي دانا ھۆكۈمراندا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان. تىتۇس تەختكە چىقىپ قىلغان تۇنجى ئىشى يەھۇدىي پادشاھى ئاگرىپپاⅠنىڭ قىزى بېلېنسنى رىم شەھىرىدىن ئۇزىتىپ قويغان، بۇ بۇ ئىككى ياش ئۈچۈن تولىمۇ ئازابلىق ئىش ئىدى. تىتۇسنىڭ ئىلگىرىكى ئاشنىلىرى ئۇسسۇلدا كامالەتكە يەتكەن رەققاسلار بولۇپ، تىتۇسنىڭ ياردىمىدە رىم سەھنىلىرىنىڭ چولپانلىرى بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمما تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تىتۇس ئاشۇ گۈزەل چولپانلار بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى چورتلا ئۈزگەن، ئاشكارا سەھنىلەردە ئويۇن كۆرۈشتىن بىراقلا قول ئۈزگەن. ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ پۇل، ماللىرىنى ئېلىشنى قاتتىق رەت قىلغان، نورمال ئىئانە-تارتۇقلارنىمۇ رەت قىلغان، ئەمما ئىلگىرى ئۇ خۇددىي دادىسىغا ئوخشاش رىمدىكى مەشھۇر پاراخور ئىدى. باشقىلارنىڭ تەلىپىنى، مەيلى ئۇ ئاددىي پۇقرا بولسىمۇ، ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە بېجىرىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا « بەك كۆپ كىشىلەرگە بېجىرىش قىيىن بولغان ۋەدىلەرنى بەردىڭ» دېگەندە ئۇ «پادشاھ بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئورۇندىشىم كېرەك» دېگەن. ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ئويلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمەي ئۆتكۈزگەن كۈن بولۇپلا قالسا بەك ئۆكۈنگەن. رىم شەھىرىدە تەبىئىي ئاپەت يۈزبەرگەن چاغدا، ئۆز مال-مۈلكىنى سەرپ قىلىپ مۇساپىرلارنى قۇتقۇزغان، ئۆز ئۆيىدىكىلەرنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى ئىبادەتخانىغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن.
پادشاھ بولغاندىن كېيىنكى تىتۇس ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە رەھىمدىل بولۇپ كەتكەن، قان تۆكۈشتىن، كاللا كېسىشتىن، دارغا ئېسىشتىن تەلتۆكۈس قول ئۈزگەن. ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان، ئىككى ئاق سۆڭەك ياش پادشاھنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا پاش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تىتۇس ئۇلارنى جازالىماي ئەكسىچە كەچۈرۈۋەتكەن، پەقەت ئۇلارنى بۇ خىيالىدىن ۋاز كېچىشكە ئاگاھلاندۇرۇپ، پادشاھلىقنى تەقدىر ئۇنىڭغا ئاتا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تەۋرەنمەس ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا تەربىيە بەرگەن. ھەتتا ئۇ بۇ يىگىتلەرنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسىنى تەلەپ قىلسا ئويلىنىپ كۆرۈدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇ تەختكە چىققاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ئۇنى جايلىۋېتىش قەستىدە تۈرلۈك قىلمىشلارنى سادىر قىلىشنى توختاتمىغان، ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئارمىيىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قۇتراتقان. مانا مۇشۇنداق ئىنىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمىغان، سۈرگۈنمۇ قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنى ۋەلىئەھدلىككە تاللىغان. بەزىدە تىتۇس يىغلاپ تۇرۇپ ئىنىسى بىلەن بۇرۇنقىدەك ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشنى ئۆتۈنگەن.
مىلادى 81-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تىتۇس ئۆز داچىسىدا كېسەل بىلەن قازا قىلدى. بۇ شۇم خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن رىم پۇقرالىرى ھازا ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇپ تەزىيە بىلدۈرگەن. سېناتلار كېڭەش زالىغا جەم بولۇپ، ئەڭ گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن تىتۇسقا بولغان ھۆرمەت-سېغىنىشىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرگەن. ئومۇمەن، تىتۇس ھاياتلىقىدا ئېرىشمىگەن بارلىق شان-شەرەپلەرگە ئۆلگەندىن كېيىن ئېرىشكەن.