ئەركمان تەرجىمىسى
‹‹دۇنيا تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلار›› ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
نېرو ـــ رىم تارىخىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن زالىم پادشاھ. ئۇنىڭ ئاتىسى كلاۋدى ۋە ئانىسى ئاگرىپىننانى ئۆلتۈرگەنلىكى تارىخچىلارغا پاراڭ تېمىسى بولۇپ بەرگەن، رىم شەھىرىنىڭ زور ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىشىدا ئۇ ئوت قويغۇچى گۇماندار. بۇ زالىم پادشاھ نۇرغۇن جانلارنىڭ قاتىلى ئىدى، ئاخىردا ئاشۇ خۇنخور قولى بىلەن ئۆز جېنىنى ئالدى.
تراگېدىيەنىڭ بىخلىنىشى
مىلادى 37-يىلىنىڭ بىر كۈنى، رىمنىڭ مەمۇرىي ئۆلكىسى گاللىيەنىڭ مەركىزى رۇئېن شەھىرىدىكى باش ۋالىي قەسرىدە باش ۋالىي دېرۇسۇسنىڭ «ساراڭ» ئوغلى كلاۋدى ئوغۇل پەرزەنتلىك بوپتۇ، دېگەن بىر خۇش خەۋەر قەسىردىكى ھۆكۈمران خۇشخەۋەر بولۇپ قالدى، شۇ خەۋەرنىڭ پېرسۇناژىدىكى بۇ ئوغۇل پەرزەنت دەل رىم ئىمپېرىيەسى تارىخىدا سېسىق نامى پۇر كەتكەن زالىم پادشاھ نېرو ئىدى. بۇ چاغدا كلاۋدى 47 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قېرىغاندا تاپقان ئوغلى ئۇنى ئالاھىدە خۇشال قىلىۋەتكەن بولسا، قارا نىيىتى يۈرەك قەپىزىگە تېپىچەكلەپ تۇرغان ئاگرىپىننا ئۈچۈن نېرو ئۈمىد نۇرى ئىدى. 4 يىلدىن كېيىن، كلاۋدى ئۇشتۇمتۇت بەخت قۇشىغا ئېرىشىپ پادشاھ بولۇپ قالدى، 4 ياشلىق نېرومۇ شاھزادە بولدى، قارانىيەت ئاگرىپىننا بولسا بىر كېچىدىلا خانىش بولۇپ قالدى، بۇ ئائىلە دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك، زىيادە ھەشەمەتلىك ئوردىنىڭ، ئەڭ قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەنىڭ ساھىبى بولۇپ قېلىۋاتقان چاغدا، بىر مەيدان تراگېدىيە پۈتۈپ قالغان ئىدى.
سۈيقەست
كلاۋدىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇ تراگېدىيەنىڭ پەردىسى ئېچىلدى. 60 لاردىن ئاشقان كلاۋدىنىڭ ئەسىلىدىمۇ تولۇق يېتىلمىگەن ئەقلى ۋە جىسمانىي ئاجىزلىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى، تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مۇھىم كېڭەش-يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندىمۇ كلاۋدى مۈگدەپ قالىدىكەن، شۇڭا سېنات ۋە ۋەزىرلەر ئۇنى «كاۋا پادشاھ» (گالۋاڭ پادشاھ) دەپ ئاتايدىكەن. تەدرىجىي چوڭ بولۇۋاتقان نېرونى كۆرۈپ خانىش ئاگرىپىننانىڭ ئۈمىدى ئوغلىنىڭ زېممىسىگە يۈكلەندى. نېرونى بالدۇرراق تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئاگرىپىننا كلاۋدىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن كلاۋدىنى مۇھىتى گۈزەل ئاراللارغا بېرىپ كۈتۈنىشكە دەۋەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلى نېرونى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئىشىنى پىلانلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئاگرىپىننا دائىم كلاۋدى داۋالىنىۋاتقان ئارالغا كېلىپ باشقىلارنىڭ پادشاھقا يېقىنلىشىشىغا يول قويمايتتى، ھەتتا كلاۋدىنىڭ خاس مەھرەملىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇۋەتتى. مىلادى 54-يىلىنىڭ بىر تىمتاس گۈگۈمىدە، ئاگرىپىننا ئۆز قولى بىلەن ياسىغان «ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا» نى ئىچىشنى كلاۋدىغا نەسىھەت قىلىپلا كەتتى. 64 ياشلىق كلاۋدى دورىنى ئىچىپ بولۇپ، «مىننەتدارلىق»ىنىمۇ بىلدۈرەلمەي تىنىقتىن توختىدى. كلاۋدىنىڭ ئۆلۈمى سىر پېتى قېلىۋەردى، شۇ چاغدا 17 ياشقا كىرگەن نېرو گەرچە كلاۋدىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغۇچى بولمىغان تەقدىردىمۇ شېرىك قاتىل ئىدى، بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئىنكار قىلمىغان. ئېيتىلىشىچە، كلاۋدى بىر خىل زەھەرلىك موگو يەپ ئۆلگەن، كېيىنچە نېرو موگونى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختاپ، موگونى «ئىلاھىي يېمەكلىك» دەپ ئاتىغان. نېرو سۆز-ھەرىكەتلىرىدىمۇ كلاۋدىنى ھاقارەتلەپ تۇراتتى، كلاۋدىنى دائىم ئۇچىغا چىققان دۆت، دەپ تىللايتتى، بەزىدە ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكىنى پاش قىلاتتى. ئۇ كلاۋدىنىڭ نۇرغۇن ئەمىر-پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتى، بۇنداق پەرمانلارنى بىر ساراڭ دۆتنىڭ ئەسىرى، دەپ مەسخىرە قىلاتتى.
ئۆز ئانىسىنى ئۆلتۈرۈش پىلانى
ئېرى كلاۋدىنى ئۆلتۈرۈپ ئوغلى نېرونى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ئاگرىپىننانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ كاتتا ئەسىرىدۇر. ئاگرىپىننا شۇنىڭدىن كېيىنكى رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي دۆلىتى، بارلىق ھەشەمەتلەردىن قانغۇچە بەھرىمەن بولىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدى، شۇغۇنىسى ئۇ ھوقۇقنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇش بىلەن بىللە ۋەھشىيلىكنىمۇ بىللە بېرىۋەتكەنلىكىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدى، چۈنكى ئاگرىپىننامۇ دەل ئۆزىدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىنكى قۇربانىغا ئايلاندى. ئاگرىپىننا ئوغلىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنۇپ، نېرونىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق كۆز-قۇلاق بولۇپ يۈردى، ھەتتا ئوغلىنىڭ تويىنىمۇ ئۆزى بىر قوللۇق بىرياقلىق قىلماقچى بولدى، بۇلار نېرونى قاتتىق بىزار قىلغان ئىدى. دەسلەپتە نېرو زاھىد بولۇۋالىمەن، تەختىمدىن ئىستېپا بېرىمەن، دەپ ئانىسىغا تەھدىد سالدى ھەمدە باشقىلاردا ئاگرىپىنناغا قارىتا بىزارلىق، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. ئاندىن ئۇ ئاگرىپىننانىڭ خانسانىيەلىك (پادشاھنىڭ ئانىسىلىق) ھوقۇقىنى بىكار قىلىش پەرمانى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ خاس قورۇقچى-مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوردىدىن قوغلاپ چىقاردى. نېرو بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، ئانىسىنى يەنە داۋاملىق ئازابلاپ باشقىلارنى ئاگرىپىننانى ئەيىبلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئاگرىپىننا سەھراغا بېرىپ غېرىبلىق ھاياتىنى باشلىغاندا، ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەنلەرنى ئاگرىپىننانى تىللاش، ھاقارەتلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. ئاگرىپىننا ئوغلىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدى، ئاخىر ئوغلىنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىمىغان ئاگرىپىننا ئوغلىغا زوراۋانلىق بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ يۈردى. بۇنىڭ بىلەن نېرو ئانىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ 3 قېتىم ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمما ئانىسى قاتتىق سەگەك تۇرغاچقا پىلان ئەمەلگە ئاشمىدى. كېيىن نېرو يالغاندىن ئانىسى بىلەن يارىشىپ قېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، ئانىسىغا نۇرغۇن ياغلىما سۆزلەر بىلەن تولغان خەت يېزىپ، ئانىسىنى رىمدىكى ئوردىغا تەكلىپ قىلدى. ئاگرىپىننا ئۆزىنىڭ كېمىسى بىلەن ئوردىغا كەلگەندە، ئانىسىغا ئۆز پۇشايمىنىنى بىلدۈرۈپ توۋا قىلدى، ئەمەلىيەتتە ئاسترىتتىن ئانىسىنىڭ كېمىسىنى نابۇت قىلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك كېمىسىگە ساختىلىق ئىشلىتىپ، ئانىسىغا ھەدىيە قىلدى. ئاگرىپىننا ئۆزىنىڭ خاس مەھرىمى ئاگېرمۇسنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇرالغۇسىغا قايتتى. سەپەردە كېمىدىن چاتاق چىقىپ، چۆكۈپ كەتتى، ئەمما ئاگرىپىننا سۇ ئۈزۈشكە ماھىر بولغاچقا، جېنى ئامان قالدى. ئانىسى كەتكەندىن كېيىن نېرو ئانىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، ئاگېرمۇس قايتىپ كېلىپ ئاگرىپىننانىڭ ساق قالغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى. تاقىتىنى يوقاتقان نېرو خۇپىيەلىرىگە بىر خەنجەرنى ئاگېرمۇسنىڭ يېنىغا يوشۇرغۇزۇپ قويدى، ئاندىن ئاگېرمۇسنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئاگرىپىننا پادشاھنى ئۆلتۈرۈشكە يوشۇرۇن ئەۋەتكەن قاتىل، دېگەن بەدنامنى چاپلاپ ئانىسىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە جاھان ئەھلىگە ئاگرىپىننا ئوغلىنى ئۆلتۈرۈش سۈيقەستى پاش بولۇپ قېلىپ ئوردىدىن قېچىپ كەتكەن، دېگەن خەۋەرنى تارقاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نېرو ئانىسىنىڭ جەسىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەم پۇت-قوللىرىنى چېپىپ ئاجراتقان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ روھىي ھالىتى تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، شاراب بىلەن دەردىنى چىقارغان.
«ھەييار ئىمپېراتور»نىڭ تىراگېدىيەلىك ھاياتى
تۇرمۇشتا نېرونىڭ مىجەزى تولىمۇ تۇراقسىز ئىدى. ئۇ ئۆزىنى دائىم «تالانتلىق ئارتىس»، «كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكار» دەپ ماختىناتتى. ئۇ مۇزىكا ۋە كومېدىيەنى ياخشى كۆرەتتى، 20 يېشىدىن باشلاپلا سەھنىلەردە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ يۈرگەن ئىدى. ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكىلارنى 7 تارلىق چالغۇ بىلەن چېلىپ تارقىتاتتى، يازغان شېئىرلىرىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلاتتى. بەزىدە كومېدىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ سەھنىلەردە باش پېرسۇناژ ياكى ھەييارنىڭ رولىنى ئالاتتى، شۇڭا ئەل ئارىسىدا ئۇ «ھەييار ئىمپېراتور» نامىدا ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. نېرو بەزىدە ئۆلۈم جازاسىنى سەھنىلەشتۈرۈپ ، قۇللارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇس رولىنى ئالغۇزۇپ، كاللىسىنى ئالاتتى. ئۇ مۇشۇنداق سەھنە ئەسەرلىرىنى بەك ياخشى كۆرۈدىغانلىقىدىن ماختىناتتى، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ بۇنداق ۋەشىيلىكىدىن بەك نارازى ئىدى، بەزى تاماشىبىنلار بۇلارنى كۆرۈۋېتىپ ھوشىدىن كېتەتتى. نېرو رىمدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئىپادىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، پەقەت يۇنانلىقلارلا ئۆز ئەسىرىدىن ھوزۇر ئالالايدۇ، دەپ قارايتتى. يۇناندىن مەسلەكداش تېپىش ئۈچۈن نېرو ھەتتا ھاكىمىيەت ئىشلىرىينى بىرياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز ئافىناغا بېرىپ ئويۇن قوياتتى، بىر كەتكەنچە بىرەر يىللاپ تۇرۇپ قالاتتى. مىلادى 68-يىلى، يۇناندا ئويۇن قويۇۋاتقان نېرو ئىمپېرىيە تېررىتورىيىسىنىڭ جاي-جايلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى، كاربانىڭ يېڭى پادشاھلىققا قويۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئالدىراش-تېنەش رىمغا قايتىپ كەلدى. ھالبۇكى، ئوردا مۇھاپىزەتچىلىرى، ئارمىيە ۋە خاس مەھرەملىرىمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن، سېنات كېڭىشى ئۇنىڭ ئۈستىدىن «خلق دۈشمىنى» دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭغا «قۇللارغا ئوخشاش دارغا ئېسىلىپ ئۆلگىچە قامچىلانسۇن» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان ئىدى. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن نېرو رىم شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر كەپىگە قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، رىم ژاندارمىلىرى ئۇنى قوغلاپ تېپىۋېلىشتى، ئامالسىز قالغان نېرو «ئاھ پەرۋەردىگار،بۈيۈك بىر سەنئەتكەر ئۆلۈدىغان بولدى!» دەپ نىدا قىلغىنىچە شەمشىرىنى سۇغىرىپ ئۆز ھەلقۇمىغا تالاي جانلارنىڭ خۇنخورى بولغان ئكز قولى بىلەن تىغ ئۇردى.
يۇقارقى بۇ تارىخىي ماتېرىياللار دەل نېرو ئۆلۈمگە بۇيرىغان ئۇستازى، كلاۋدىنىڭ چاغدىشى، رىمدىكى ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپ، ستوئىگچىلار ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى سېنېكانىڭ بايانىدا خاتىرىگە ئېلىنغان.
نېرو زادى كىم ؟
نېرو مىلادى 37-يىلى ئاگرىپىننانىڭ بۇرۇنقى ئېرى دومىتىئۇ ئائېنوباربۇستىن بويىدا قالغان بالىسى، گاللىيەدىكى باش ۋالىي قەسرىدە كلاۋدى ئوغۇل پەرزەنتلىك بوپتۇ، دېگەن بۇ ھۆكۈمران خەۋەرنىڭ پېرسۇناژى بولغان نېرونى دەل كلاۋدى ئۆز ھىمايىسىدە چاغدىشى، رىمنىڭ مەشھۇرلىرىدىن پەيلاسوپ سېنېكانىڭ تەربىيىسىگە بەرگەن. شاللاقلىقى، زالىملىقى، ۋەھشىيلىكى، خۇنخورلىقى بىلەن داڭق چىقارغان نېرو ئانىسىنى ئۆلتۈرگەندىن باشقا خوتۇنى ئوكتاۋىيە (كلاۋدىنىڭ قىزى) نى ئۆلتۈرگەن، ئۇستازى سېنېكانى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغان، مىلادى 64-يىلى رىم شەھىرىدە زور ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن، پۈتكۈل ئاۋام بۇ ئوتنى نېرو قويغان ياكى شۇنداق قىلىشقا قۇتراتقان، دەپ گۇمان قىلىشقان، ئۇ بۇنى باشقىلارغا، يەنى خرىستىيان مۇرىتلىرىغا دۆڭگەپ خرىستىيانلارنى قاتتىق قىرغىن قىلغان. پەلەستىندە يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى يۈزبەرگەندە قاتتىق باستۇرغان. 65-يىلى سېنېكا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر نېرونىڭ قىلمىشلىرىنىڭ داۋامىنى سېنېكانىڭ خاتىرىسىگە ئۇلاپ قويغان.